Responsive Image

لاگېرلاردىكى ناچار شارائىتنىڭ ئۆلۈم-يېتىمگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

لاگېرلاردىكى ناچار شارائىتنىڭ ئۆلۈم-يېتىمگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  19-ئىيۇن

گېرمانىيەدىكى مۇھاجىر ئوسمان تۇرسۇننىڭ خوتەندىكى «يىغىۋېلىش لاگېرى» دىن چەتئەلگە چىقىرىلغان ئوغلى مەمەتتۇرسۇندىن ئاڭلىغانلىرىغا قارىغاندا ۋە قاراقاش ناھىيەلىك چىنىباغ ساقچىخانىسى خادىمىنىڭ دەلىللىشىچە، نۆۋەتتە لاگېرلاردىكى ھاۋانىڭ تىنچىقلىقى ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» دا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە زەئىپلىشىشىگە ۋە نۆۋەتتە لاگېرلاردا ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئاساسلىق سەۋەب بولماقتىكەن. 

گېرمانىيەدىكى مۇھاجىر ئوسمان تۇرسۇن لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن ئوغلىنىڭ ئىلگىرى، يەنى لاگېرغا قامىلىشتىن بۇرۇن 2016‏-يىلى ئىستانبۇلدا كۆرۈشكەن چېغىدا 75 كىلوگرام ئېغىرلىقتا ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ لاگېرغا قامىلىپ چىققاندىن كېيىن ئېغىرلىقىنىڭ 55 كىلوگرامغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. بۇ نۆۋەت ئوغلىنى قۇچاقلىغان چاغدا خۇددى بىر دۆۋە ئۇستىخاننى قۇچاقلىغاندەك ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلغان ئوسمان تۇرسۇن بۇ ئەھۋالغا «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» دىكى تاماق شارائىتىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مەزكۇر لاگېرلارنىڭ شارائىتى ھەققىدە توختالغان قاراقاش ناھىيەسىنىڭ چىنىباغ ساقچىخانىسىدىكى بىر خادىم، گەرچە لاگېرلاردىكى تاماق شارائىتىنىڭ ياخشىلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بايان قىلغان تاماقنىڭ تۈرلىرى ئوسمان تۇرسۇننىڭ بايانلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىشارەتلىمەكتە.

ئوسمان تۇرسۇن يەنە ئوغلىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن لاگېردا قېيىن-قىستاق قاتارلىق ھەرخىل سەۋەبلەردىن ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىنىڭ يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقى، ساقچىلارنىڭ بۇ خىل ئۆلۈملەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. قاراقاشتىكى ساقچى خادىمى لاگېرلاردا سەھىيە خادىملىرىنىڭ بارلىقى، كېسەل بولغانلارنىڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىدىغانلىقى، ئېغىرلىرىنىڭ بولسا ئائىلىسىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز ئالدىنقى كۈنىدىكى پروگراممىمىزدا ئوسمان تۇرسۇننىڭ ئوغلىنىڭ گۇمىدىكى لاگېردا 60 كىشى بىلەن تار بىر ياتاقتا تۇرغانلىقى، قىستاڭچىلىق سەۋەبىدىن 15 تىن نۆۋەتلىشىپ ئۇخلايدىغانلىقى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ قاراقاش ساقچى خادىمى تەرىپىدىن دەلىللەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق. خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن رادىيومىزغا تەسىرات بايان قىلغان ئامېرىكىدىكى بىر ئۆي-ئىمارەت قۇرۇلۇشى شىركىتىنىڭ ساھىبى ئابلىكىم راخمان ئەپەندى 70 كىشىنىڭ 70 كۋادرات مېتىرلىق ئۆيگە سولىنىشىنىڭ قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇنىڭ بىر قېيىن-قىستاق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئابلىكىم راخمان ئەگەر لاگېرلار مۇشۇ پېتى داۋام قىلسا، لاگېردىكى سېسىق ھاۋا ۋە تىنچىقلىقىنىڭ ئۆزىلا نۇرغۇن جانغا زامىن بولىدىغانلىقى، يەنى ناچار شارائىتنىڭ سۈنئىي يوسۇندىكى بىر خىل قىرغىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئالدىنقى ھەپتە قاراقاش ناھىيە بازىرىغا قاراشلىق ئىككى كەنتتىنلا ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان 26 كىشىنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆلۈم سەۋەبى ئايدىڭلاشمىغان ئىدى.