Responsive Image

مېرال ئاكشەنەر ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ تۈركىيەدە داۋالىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

مېرال ئاكشەنەر ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ تۈركىيەدە داۋالىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تۈركىيەدىكى چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بولغان «ئىيى» پارتىيەسى باشلىقى مېرال ئاكشەنەر داڭلىق خەلق ناخشىچىسى ۋە مۇزىكانت ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ تۈركىيەدە داۋالىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مېرال ئاكشەنەر 12-فېۋرال سەيشەنبە كۈنى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە قىلغان سۆزىدە ئابدۇرېھىم ھېيت ھەققىدە مەخسۇس توختالدى. ئۇ ھەپتە ئاخىرىدا خەلق ناخشىچىسى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ خىتايدىكى تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغاندا ناھايىتى ئازابلانغانلىقىنى، بۇ ئۇچۇرنى قاتتىق سۈرۈشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. مېرال خانىم كېيىن ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ تېخى ھاياتلىقى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «مەن پارتىيە ئىچىدىكى گۇرۇپپا ھەيئەت باشلىقلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدىن دەرھال بىر ھەيئەت تەشكىللەپ ھۆكۈمەتتىن تەلەپ قىلىش، ھەتتا زۆرۈر بولسا تا خىتايغىچە بېرىش ئارقىلىق ئۇنى تۈركىيەدە داۋالاشنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىمەن» دېدى.

ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن كېيىن زال ئىچىدە قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. مېرال ئاكشەنەر خانىم سۆزى داۋامىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنىمۇ تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە خىتاي ئەرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ قوبۇل قىلغۇسىز بىر ئەھۋاللىقىنى تىلغا ئالدى.

مېرال ئاكشەنەر خانىم سۆزى داۋامىدا يەنە، ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ناخشىسىنىڭ مىسرالىرىدىن نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئابدۇرېھىم ھېيىتقا سالامەتلىك ۋە سەبرە تىلەيدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى شۇنداقلا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىدە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى. 

ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمىگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرغان تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئاخىرى 9-فېۋرال كۈنى سۈكۈتىنى بۇزغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا چاقىرغان ئىدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 9-فېۋرال كۈنىدىكى باياناتىدا، 21-ئەسىردە جازا لاگېرلىرىنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى «ئىنسانىيەت ئۈچۈن نومۇس» دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا تۈركىيەنىڭ بۇ باياناتىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار باياناتچىسىنىڭ پوزىتسىيەسىنى «ناھايىتى قەبىھ» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.