Responsive Image

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۈرىكىدە خىتاي جاسۇسلىرى قۇتراشقا باشلىغان

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۈرىكىدە خىتاي جاسۇسلىرى قۇتراشقا باشلىغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى جايلاشقان بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ جانلىنىشقا باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

«گېرمانىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ 10-فېۋرال «دۇنيا گېزىتى» دىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مۇلازىمەت بۆلۈمى بىرقانچە كۈن ئىلگىرى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش شىتابى جايلاشقان دائىرە ئەتراپىدا خىتاي ۋە رۇس جاسۇسلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ جانلىنىشقا باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ياۋروپا دىپلوماتلىرىنىڭ باش شىتاپ ئەتراپىدىكى بىرقانچە ئاشخانا ۋە قەھۋەخانىلارغا كىرىشتىن ساقلىنىشىنى ئاگاھلاندۇرغان. بۇ ئاگاھلاندۇرۇش بىريۇسسېلدىكى ئەسكىرىي خادىملارغىمۇ ئۇقتۇرۇلغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى جايلاشقان بىريۇسسېلدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ سانى 250 كىشى، رۇس جاسۇسلىرىنىڭ سانى 200 كىشى بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەلچىخانا ياكى سودا شىركەتلىرىنىڭ خادىملىرى ئىكەن. ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش شىتابى ئەتراپىدىكى رېستوران ۋە قەھۋەخانىلاردا تىمىسقىلاپ يۈرىدىكەن. «دۇنيا گېزىتى» مۇخبىرلىرى بۇ خەۋەرنى بىۋاسىتە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇلازىمەت بۆلۈمى دائىرىسىدىن ئىگىلىگەن.

10-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ بىريۇسسېلدىكى باش ئەلچىخانىسى خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە ئېتىراز بىلدۈرۈپ، رەددىيە ئېلان قىلغان. ئۇلار بىۋاسىتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تىلغا ئالماي، بۇ ئۇچۇرنى ئاشكارا قىلغان گېرمانىيەدىكى «دۇنيا گېزىتى» گە ھۇجۇم قىلغان. خىتاي تەرەپ «دۇنيا گېزىتى» نى ئاساسسىز ئۇچۇر تارقىتىپ، خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئارىسىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغانلىقى، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقى، خىتايغا قارا سۈرتكەنلىكى ۋە ئاۋامنى قايمۇقتۇرغانلىقىدەك بىر قاتار نۇقسانلار بىلەن ئەيىبلىگەن. 

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىلگىرى رۇسىيەنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپ بولغان بولسىمۇ، ھازىر خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى رۇسىيەدىن ئېشىپ كەتكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولغان لېتۋانىڭ بىرقانچە كۈن ئىلگىرى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقى، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ھەتتا لېتۋا پۇخرالىرىنى جاسۇسلۇق قىلىشقا ئۈندەۋاتقانلىقى، لېتۋادىكى تىبەت مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ھەم تەيۋەن مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە توسالغۇ بولۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بېلگىيە ئىستىخبارات ئورگىنىدىن پېنسىيەگە چىققان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ ئۆتكەن يىلى «دۇنيا گېزىتى» گە بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈنكى بىريۇسسېل شەھىرى گويا سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىكى ئىككى لاگېرنىڭ توقۇنۇش نۇقتىسىغا ئوخشاپ قالغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھازىر بىريۇسسېلدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان چەتئەل جاسۇسلىرىنىڭ سانى، بېرلىن تېمى يىقىلىشتىن ئىلگىرىكى زاماندىكىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. بىريۇسسېلدا خىتاي، رۇس، ئامېرىكا ۋە ماۋرىتانىيەلىك جاسۇسلار ئەڭ كۆپ ئىكەن. بېلگىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرى بۇ يىل ئىچىدىلا كۆپلىگەن جاسۇسلارنى چېگرادىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغان.

گېرمانىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرى بۇندىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى گېرمانىيەدىكى 35 مىڭ خىتاينىڭ ھەممىسىدىنلا «جاسۇسلۇق قىلىش ئېھتىمالى بار» دەپ گۇمانلىنىشقا بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى ھەتتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىك ئورگىنى بولغان د ئۇ ق نىڭ باش شىتابى جايلاشقان ميۇنخېن شەھىرىدە ئۇيغۇر، شىۋە ھەم خىتاي جاسۇسلىرىنى ئىشقا سېلىپ، قۇرۇلتايدىن ئاخبارات ئىگىلەشكە ئۇرۇنىدىغان ھادىسىلەرمۇ بولۇپ ئۆتكەن ئىدى. 2011-يىلى ميۇنخېندا 4 نەپەر خىتاي جاسۇسى تۇتۇلغان ئىدى. بۇنىڭ بىر نەپىرى خىتاي ئەلچىخانا خادىمى، 2 نەپىرى ئۇيغۇر، بىر نەپىرى شىۋە ئىدى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بولۇپمۇ يېقىنقى بىر-ئىككى يىل ئىچىدە خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ د ئۇ ق غا قارىتا ھۇجۇملىرىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى تىلغا ئالدى. قۇرۇلتاي دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.