Responsive Image

خىتايدا چوڭ بولغان ئامېرىكىلىق تېرىسانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەسىراتلىرى (3)

خىتايدا چوڭ بولغان ئامېرىكىلىق تېرىسانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەسىراتلىرى (3)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تېرىسا: «مەن ئۇيغۇرلاردىن ئېتىقاد ۋە ئىنسانىيلىقنى ئۆگەندىم»

«بىڭتۇەندىكى 9 يىللىق سۈرگۈن ھاياتىمدا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ يەرلىك مەدەنىيەتنى ياۋايىلارچە ۋەيران قىلغانلىقىنى كۆردۈم»

تېرىسا خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇيغۇرلارغا «دىنىي ئاشقۇنلۇق»، «تېررورلۇق» قالپاقلىرىنى كىيدۈرۈپ باستۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ ئۆزى 1970-يىللاردا بىڭتۇەندىكى سۈرگۈنلۈك يىللىرىدا كۆرگەن رېياللىقنىڭ تەكرارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى مۇستەھكەم بولغان، ئۆرپ-ئادىتى خىتايلارغا تامامەن ئوخشىمايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشۇ يىللاردىكى ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىنى سۆزلەش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

تېرىسا خانىم مۇنداق دېدى: «مەن 1967-يىلدىن 1976-يىلغىچە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مارالبېشى دېگەن يېرىدە 9 يىل تۇردۇم. ئەينى چاغدىلا ئۇيغۇر دىيارىدا ئىسلام دىنى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىتىنى ۋەيران قىلىنغان ئىدى. ئاتېئىزىم، يەنى كوممۇنىستلارنىڭ دىنسىزلىق نەزەرىيەسى بارلىق دىنىي ئېتىقادلارنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغان، خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي مەدەنىيەتنى ياۋايىلارچە ۋەيران قىلغان ئىدى. ھالبۇكى، بۇ ئەھۋال تەرەققىي قىلىپ 2019-يىلغا كەلگەندە يەنە بىر دەرىجە ئۆرلەپ، ئۇيغۇر مىللىتى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۆزگەردى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە پۈتكۈل شىنجاڭ رايونى ئادەم تۇرغۇسىز ھالەتكە يەتتى. شۇڭا مەن پۇرسەت بولسىلا، ئۆز كەچمىشلىرىم ۋە بىلگەنلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇم كېرەك دەپ قارايمەن. مېنىڭ پوزىتسىيەم شۇكى، بۇنداق ۋاسىتە تاللىماي مىللىي مەدەنىيەتنى ۋە دىنىي ئېتىقادنى ۋەيران قىلىدىغان ھەرقانداق قىلمىشنى كەچۈرۈشكە بولمايدۇ.»

تېرىسا خانىم ئۆزىنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشىغا ۋە زەربە بېرىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىشىغا ئاتالمىش «توققۇز خىل كىشىلەر تىزىملىكى» گە ئېلىنغان ئائىلە كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېرىسا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ دادىسى 40-يىللاردا خىتايدا تۇرغان ئامېرىكا دىپلوماتى بولۇپ، ئانىسى خىتاي ئىكەن. تېرىسا خانىم ئائىلە كېلىپ چىقىشى سەۋەبلىك 17 يېشىدىلا خىتايدىكى 11 يىللىق سۈرگۈن ھاياتىنى باشلاشقا مەجبۇر بولغان ئىكەن. 1964-يىلى ئۇ بېيجىڭدا ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تۈگەتكەن. مەكتەپ دائىرىلىرى ئۇنىڭدىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە خىتايدا دىپلومات بولۇپ ئىشلىگەن ئامېرىكىلىق دادىسى بىلەن چەك-چېگرا ئاجرىتىشىنى ۋە ئامېرىكا دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇ بېيجىڭدا ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، 1-تۈركۈمدە قايتا تەربىيە ئېلىش نامىدا سەنشىدىكى بىر يېزىغا سۈرگۈن قىلىنغان. ئەمما ئۇ1967-يىلى، يەنى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئەۋجىگە چىققان يىللىرى بېيجىڭدىكى قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ سەنشىگە كېلىپ ئۇنىڭغا ئوخشاش «قارا تىزىملىك» تىكى كۈرەش ئوبيېكتلىرىنى كۈرەش قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇ ئاقكۆڭۈل سەنشى دېھقانلىرىنىڭ ياردىمىدە 1967-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى بىڭتۇەننىڭ 3-دېۋىزىيەسىگە تىزىملاتقان. شۇندىن كېيىن ئۇ مارالبېشىغا جايلاشقان بىڭتۇەننىڭ 3-دېۋىزىيە 48-پولك 5-باتاليونىدىكى 9 يىللىق سۈرگۈنلۈك ھاياتىنى باشلىغان.

«بىڭتۇەن ئۇيغۇرلارنىڭ توغراقلىرىنى كېسىپ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنى ياشاش مۇھىتىدىن مەھرۇم قىلدى
»

تېرىسا خانىم بىڭتۇەندىكى توققۇز يىللىق سۈرگۈن ھاياتىنى مۇنداق تەسۋىرلىدى: «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىر غەيرىي تۆرەلمە. ئەينى چاغدا مەن تۇرغان بىڭتۇەن 3-دېۋىزىيەسىنىڭ ئاساسىي ئاھالە تەركىبى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىن سۈرگۈن قىلىنغان ماڭا ئوخشاش ئائىلە تەركىبى ياخشى بولمىغان ‹توققۇز خىل كىشىلەر تىزىملىكى› گە كىرىپ قالغان ياشلار ۋە زىيالىيلار ئىدى. بىڭتۇەندە يەنە 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا تەسلىم بولغان گومىنداڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىمۇ بار ئىكەن. بىڭتۇەننىڭ باشلىقلىرى بولسا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدىن بوشىغان ئەسكەرلەر ئىكەن.»

تېرىسا خانىم مارالبېشىدا تۇرغان 9 يىل جەريانىدا بىڭتۇەننىڭ مارالبېشىدىكى بوستانلىقلارنى ۋەيران قىلغانلىقىنى، ھېچقانداق تەبىئەتنى قوغداش ئېڭى بولمىغان بىڭتۇەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى خانىۋەيران قىلىپ تاشلىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىڭتۇەننىڭ رەھبەرلىك قۇرۇلمىسىدىكى كوممۇنىست باشلىقلار يەر بايلىقى، ئېرىق-ئۆستەڭ، تەبىئىي ئېقىنلار ۋە قۇرغاق رايون جۇغراپىيەسى ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىڭتۇەن شىنجاڭدا پەيدا بولغاندىن بۇيان زادىلا ياخشى ئىش قىلىپ باقمىدى. ئەسلىدە شىنجاڭدا كۆپلىگەن بوستانلىقلار بار ئىدى، ئۇ يەرلەردە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر تەبىئەتنى چۈشىنىپ ياشايتتى. بۇ بوستانلىقلاردا سۇ ۋە ئوت-چۆپلەر مول بولغىنى ئۈچۈن يەرلىكلەر ناھايىتى ياخشى كۈن كەچۈرەتتى. ئۇلارنىڭ ياشاش ئادىتى تەبىئەتنىڭ قانۇنىغا ماسلىشاتتى، ئۇلار تەبىئەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلمايتتى، ئەزەلدىن سۇ-ئېقىنلارنى بۇلغىمايتتى، تەبىئىي ئورمانلارنى كېسىپ تەبىئەتنى بۇزمايتتى. ئەمما بىڭتۇەن بۇ خىل تەبىئىي ئىقلىمنى بۇزدى. مەن 1967-يىلى ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن يىللاردا جېنىمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن شىنجاڭغا باردىم. چۈنكى شەنشىدە قايتا تەربىيەدە تۇرغان مەزگىلىمدە قىزىل قوغدىغۇچىلار بېيجىڭدىن كېلىپ ماڭا ئوخشاشلارنى كۈرەش قىلماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. شەنشىدىكى يۇرتداشلارنىڭ ‹قانچە يىراققا قاچساڭ شۇنچە ياخشى› دېگەن تەۋسىيەسى بىلەن مەن بىراقلا قېچىپ شىنجاڭغا كېلىۋالغانىدىم.»

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇ چاغلاردا 3-دېۋىزىيە قۇرۇلۇۋاتقان مەزگىل بولۇپ، مەن تۇرغان 3-دېۋىزىيە 48-پولك 5 باتاليون نەق تەكلىماكاننىڭ غەربىي-شىمالىدىكى بوستانلىق مارالبېشى ناھىيەسىگە توغرا كېلەتتى. ئۇ چاغلاردا مارالبېشىنى 1000 يىلدىن ئاشقان توغراقلىقلار قوغداپ تۇراتتى. ئەمما 3-دېۋىزىيەنىڭ 10 مىڭغا يېقىن ئادىمى 1966-يىلدىن 1976-يىلغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش نامىدا مىڭ يىللىق بۇ توغراقلىقلارنى يىلتىزى بىلەنلا قومۇرۇپ يوقاتتى. كېيىنكى يىللاردا بىڭتۇەن ئۆزلەشتۈرگەن ئېتىزلارمۇ قۇم بارخانلىرى ئاستىدا قالدى. مانا بۇلار مەن سىزگە ئالدىنقى قېتىمقى سۆھبىتىمىزدە دېگىنىمدەك ئورمانلار كېسىلىپ ماكانسىز قالغان بۆرىلەرنىڭ بىڭتۇەنلىكلەر باققان توخۇ قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.»

«ئۇيغۇرلارنىڭ بۆرىگە بولغان مۇئامىلىسى ماڭا ئىنسانىيلىقنىڭ نېمىلىكىنى ئۆگەتتى»

تېرىسا خانىم ئۆزىنىڭ كىچىكىدە خىتايدىكى ئاتېئىزىم تەربىيەسىدە ھېچقانداق دىنىي ئېتىقاد بولمىغان ھالدا چوڭ بولغانلىقىنى، ئەمما سۈرگۈندىكى 9 يىللىق ھاياتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرىدە ئېتىقاد ۋە ھەقىقىي ئىنسانىي مېھرى-مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ پىكىرىنى بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر ئىلگىرى مارالبېشىدا ئۆزى كۆرگەن ئۇيغۇر بوۋاينىڭ بۆرىنى قۇتقۇزۇش ھېكايىسى ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك بايان قىلدى:

«ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، بىڭتۇەندە مەن ئۇيغۇرلار بىلەن يېرىم يىل بىللە ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. 1970-يىللار بولسا كېرەك، مەن بىڭتۇەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن موللا يېزىسىدىكى بىرقانچە ئۇيغۇر بىلەن بىرلىكتە تەكلىماكان قۇملۇقىنى پىيادە كېسىپ ئۆتۈپ، خىتاي-پاكىستان تاشيولى قۇرۇلۇشىدا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى كۆمۈشكە قاتناشتىم. بىز ئۆلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى كۆمۈش ئۈچۈن كەتمەن ۋە كېپەنلەرنى ئېلىپ تۆگە كارۋىنى بولۇپ يولغا چىقتۇق. كېچىلىرى چۆللۈكتە سوغۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن گۈلخان يېقىلاتتى. بىر كېچىسى بىز گۈلخان ئەتراپىدا ئوتقا قاقلىنىپ ئولتۇرساق، يىراقتىن ئىككىسى ساق، بىرىنىڭ پۇتى يارىلانغان ئۈچ بۆرە گۈلخانغا قاراپ كېلىشكە باشلىدى. يول باشچىمىز بولغان ياشانغان ئۇيغۇر بوۋاي ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن بۆرىلەرگە قاراپ جىممىدە ئولتۇرۇشىمىزنى بۇيرۇدى. ئۇ بىزگە يارىلانغان بۆرىنىڭ پۇتىدا قاپقان بارلىقىنى ئېيتتى. ئەلۋەتتە، قاپقان بىڭتۇەندىكىلەر تەرىپىدىن قويۇلغان ئىدى. بوۋاي بىزنى تەمكىن بولۇشقا ئۈندىدى. بۆرىلەر بىزدىن ئۇلارغا خەۋپ يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا گۈلخانغا يېقىنلاشتى. يارىلانغان بۆرە قاپقان قىسىۋالغان پۇتىنى بوۋايغا ئۇزاتتى. بوۋاي خېلىلا كۈچ سەرپ قىلىپ قاپقاننى بۆرىنىڭ پۇتىدىن ئېلىۋەتتى. بۆرە كېتىشكە تەمشەلگەن ئىدى، ئەمما بوۋاي تەمكىنلىك بىلەن ماڭا تۆگىگە ئارتىۋالغان يۈكلەر ئىچىدىن دورا ئەكېلىشنى ۋە بىر تال يۇلغۇن ياغىچىنى سۇندۇرۇپ پاكىز ئادالاشنى ئېيتتى. بوۋاي بۆرىنىڭ سۇنۇپ كەتكەن پۇتىنى تېڭىپ قويدى. بۆرىلەر كېتىش ئۈچۈن يەنە تەمشەلگەن ئىدى، بوۋاي يەنە ئەترىتىمىزدىكى ياشلارنىڭ يولدا يېيىش ئۈچۈن ئېلىۋالغان قوي گۆشلىرىنى بۆرىلەرگە تاشلاپ بەردى.»

ھېكايىنى بايان قىلغان تېرىسانىڭ ئاۋازى بوغۇلدى. ئۇ بىزگە ئەينى چاغدا يۈز بەرگەن بۇ ئەھۋالنى ئۆزىنىڭ «ئارتۇقچە ئادەم «ناملىق كىتابىدا بايان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئەنە شۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ چۈشىنىشكە باشلىغانلىقىنى، ئېتىقادى مۇستەھكەم بۇ كىشىلەردىن ھەقىقىي مۇھەببەتنى ھېس قىلغانلىقىنى ھاياجان ئىچىدە بايان قىلدى:

«كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئاشۇ بۆرىلەر چېغىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلارنىڭ يارىسىنى تېڭىپ قويىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قېشىغا بارسا قورسىقى تويىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن. ھېلىمۇ ئېسىمدە، شۇ كېچىسى ئاشۇ 3 بۆرە ئاي نۇرىدا ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ھۇۋلاپ ناخشا ئېيتىشتى. بۆرىنىڭ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ھۇۋلاپ ئېيتقان ناخشىسى تولىمۇ يېقىملىق ئاڭلىنىدىكەن. ئۇيغۇرلارمۇ شۇ كېچىسى ناخشا ئېيتىشتى. بىلەمسىز، شۇ كېچىسى ئاي نۇرىدا بۆرىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ئېيتقان ناخشىلىرى شۇ قەدەر يېقىملىق ۋە شۇ قەدەر سېھىرلىك ئىدى. ئۇيغۇر بوۋاي ماڭا يەنە شۇنداق دېدى: ‹بۇندىن كېيىن دۇنيادىكى ھەرقانداق بۆرە ساڭا چېقىلمايدۇ، زىيان يەتكۈزمەيدۇ. بۆرىنىڭ ئېسىللىقى ۋە مەرتىۋىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكىمۇ مانا شۇ يەردە›. شۇ كېچىسى مەن يۈرىكىمدە ئاجايىپ ئىللىق بىر سېزىمنى ھېس قىلدىم.»

تېرىسا خانىم سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: «بىلەمسىز، مەن بۈگۈن بۇ ھېكايىنى سىزگە سۆزلەپ بېرىشىمدىكى مەقسىتىم شۇكى، دىنىي ئېتىقادى بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن ماڭا ئوخشاش كىچىكىدە ئاتېئىزىم تەربىيەسىدە ھېچقانداق دىنىي ئېتىقادى بولماي چوڭ بولغان بىر كىشى ئاشۇ يىللاردا شۇ قەدەر يېقىن، شۇ قەدەر قىممەتلىك بولغان دوستلۇق رىشتىسىنى قۇرالىدۇق. مەن ئارىلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دىنىي ئېتىقادى بار كىشىلەر ئىدى. ئەمما بۇندىن يېرىم ئەسىر ئىلگىرىكى 70-يىللاردا مەن دىنىي تەربىيەدىن پۈتۈنلەي يىراقتا قالغان بىرى ئىدىم. ئۇيغۇرلار مەندىن ھېچقاچان ئۇلارغا ئوخشاش دىنىي ئېتىقادتا بولۇشۇمنى تەلەپ قىلمىدى، مېنى يەكلىمىدى. ئەكسىچە مەن ئۇيغۇرلاردىن ھەقىقىي مۇھەببەتنى، ھەقىقىي ئىنسانىيلىقنى كۆردۈم. مەن بۇ ئەترەتتىكى بىردىن-بىر ئايال زاتى ئىدىم. ئارىمىزدا ياشانغان بوۋايدىن باشقا ئۇيغۇر ياشلىرى بار ئىدى. ئەمما مەن ئۇلارنىڭ ماڭا زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شۇ قەدەر خاتىرجەملىك ھېس قىلغان ئىدىم. شۇنى دېيەلەيمەنكى، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىدىكى ئاشۇ خىل ئېسىل پەزىلىتى، كەڭ قورساقلىقى ۋە ھەتتا بۆرىگە ئوخشاش ياۋايى ھايۋانلارغا كۆرسەتكەن مېھرىبانلىقى بىلەن مېنى تەسىرلەندۈرگەن ۋە قايىل قىلغان ئىدى.»