Responsive Image

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينى دەرھال جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا چاقىردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينى دەرھال جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا چاقىردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 9-فېۋرال كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر سولانغان جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى ۋە 21-ئەسىردە جازا لاگېرلىرىنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ «ئىنسانىيەت ئۈچۈن نومۇس» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خامى ئاكسوي ئەپەندى باياناتىدا: «خىتاينىڭ 2017-يىلى 10-ئايدا بارلىق دىنلارنى ۋە دىنىي ئېتىقادلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىشى بىلەن بۇنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە كۈلتۈر كىملىكلىرىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان يېڭى بىر قەدەم ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى» دېگەن.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خامى ئاكسوي ئەپەندى باياناتىدا: «بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركى تۇتقۇن قىلىنىپ جازا لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە كاللىسىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن يۇيۇلۇۋاتقانلىقى ھازىر بىر مەخپىيەتلىك ئەمەس. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا ۋە جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقىۋېتىشكە چاقىرىمىز» دېدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خامى ئاكسوي سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئېغىر سىياسىي بېسىمغا، شۇنداقلا سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خامى ئاكسوي ئەپەندى باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرېتارىنى رايوندىكى ئىنسانىيەت تراگېدىيەسىنى توختىتىش ئۈچۈن تەسىرلىك ۋە ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىشقا چاقىردى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى مىليونلاپ جازا لاگېرلىرىغا سولىغان ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت جەريانىدا بۇ مەسىلە ئۈستىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ 9-فېۋرال كۈنى خىتاينى ئەيىبلەپ ئېلان قىلغان باياناتىدىن سۆيۈندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تۈركىيەنىڭ بۇ مەيدانىدىن خۇرسەن بولۇپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خەت يېزىپ، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بۇندىن كېيىنمۇ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقىردى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتىكى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتنى، ھازىرغىچە بەزى دۆلەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ «جازا لاگېرلىرى» توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا مەسىلە ئوچۇق ۋە كەسكىن تىل بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر بايانات ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تۈركىيەنىڭ چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى باشلانغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى رولىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

9-فېۋرال كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا چاقىرغاندىن كېيىن، 11-فېۋرال كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سۆز قىلىپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ پوزىتسىيەسى «ناھايىتى قەبىھ» دەپ ئەيىبلەش بىلەن خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ باياناتىغا قاتتىق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىگىمۇ قويۇلغان مەزكۇر باياناتتا، ئۇيغۇر رايونىدا كۆپ ساندا مەسچىت بارلىقى، ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىلارنىڭ خىتاي تىلى بىلەن ئۆز تىللىرىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا كىرىۋاتقانلىقى، ھەر مىللەتنىڭ ئۆز تىلىنى ئىشلىتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە ۋە دىنى ئېتىقاد ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بايانات ئېلان قىلىشىنىڭ 4 مۇھىم سەۋەبى بارلىقىنى بايان قىلدى.

ئاتاقلىق مۇزىكانت ئابدۇرېھىم ھېيت تۇنجى قېتىم 1990-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ، دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ت ر ت دا دۇتار بىلەن ناخشا ئورۇندىغان ۋە 2015-يىلى 12-ئايدا ئەنقەرەدىكى گازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا كونسېرت بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ناخشىلىرى تارقىتىلىپ تۇراتتى. تۈركلەر ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ياخشى كۆرۈپ ئاڭلايتتى. ئۆتكەن ھەپتە بىر تۈرك تەرىپىدىن ئۇنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقىتىلغاندىن كېيىن بۇ ئۇچۇر ئىجتىمائىي تورلاردا ۋە مەتبۇئاتلاردا كەڭ تارقالدى. ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەر ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ تەقدىرىگە ئۇزۇندىن بۇيان دىققەت قىلماقتا ئىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خامى ئاكسوي ئەپەندى باياناتىدا تونۇلغان ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيت ئەپەندىنىمۇ تىلغا ئالغان ئىدى. ئۇنىڭ مەزكۇر باياناتىدىن كېيىنلا خىتاينىڭ ئالدىراپ ئابدۇرېھىم ھېيتنى ۋىدىيوغا تارتىپ تارقىتىشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي زۇلۇمنى يوشۇرىمەن دەپ ئالدىراپ ئابدۇرېھىم ھېيتنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما باشقا تەرەپلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى، تۈرمە ۋە لاگېرلارغا كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەربابلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ سولانغانلىقىنىڭ رېئاللىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جاۋاب قايتۇرغان باياناتنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئىشەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى، خىتاي ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ چوڭ دۆلەت بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.