Responsive Image

مۇھاجىرەتتىكى «كابىليان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» بىلەن د ئۇ ق ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگەن

مۇھاجىرەتتىكى «كابىليان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» بىلەن د ئۇ ق ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگەنمەركىزى فىرانسىيەدە بولغان «كابىليان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نىڭ پرېزىدېنتى فەرھات مەھەننى بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى كېلىشىمگە ئىمزا قويماقتا. 2024-يىلى 5-يانۋار، ميۇنخېن.

مەركىزى فرانسىيەدە بولغان «كابىليان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نىڭ بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر ئۆمىكى 5-يانۋار كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش شتابىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە كابىليان خەلقلىرىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان. سۆھبەت خاتىمىسىدە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان. بۇ خۇسۇستىكى خەۋەرلەر 6-يانۋاردىن ئېتىبارەن فىرانسۇزچە، گېرمانچە ۋە بەربەرىچە تىللاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان.

د ئۇ ق دىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، «كابىليان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نىڭ پرېزىدېنتى فەرھات مەھەننى بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەرنىڭ ئىمزاسى بىلەن تۈزۈلگەن بۇ كېلىشىمنىڭ 5-ماددىسىدا «ئىككى تەرەپ خەلقلىرىنىڭ قايسى بىرى مۇستەقىللىققا ئېرىشسە، يەنە بىر تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىدە ئەلچىخانا قۇرۇشىغا ۋەدە بېرىدۇ ھەمدە ئۆز زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي، دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېگەن مەزمۇنلارمۇ ئورۇن ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 8 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە كابىليان خەلقى ئالجىرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا ياشايدىغان قەدەمىي بىر مىللەت بولۇپ، ئۇلار 16-ئەسىردىن باشلاپ ئىسپانىيە، ئوسمانلى ئىمپىرىيەسى ۋە ئاخىرىدا فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە چۈشۈپ قالغان. 1962-يىلى 5-ئىيۇلدا ئالجىرىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئۆزىگە خاس ئايرىم تىل ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان كابىليان خەلقى ئالجىرىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىپ كەلگەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە كابىليانلار ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى ئالجىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىملىرى ئاستىدا ئېغىر ھايات كۆچۈرمەكتە ئىكەن ۋە خەلقئارا سەھنىلەردە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق يولىدا كۈرەش قىلماقتا ئىكەن.

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ مۇقەددىمىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى ۋە كابىليانلارنىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلانغان. مەزكۇر كېلىشىمدا «ئۇيغۇرلار ۋە كابىليان خەلقلىرى مۇستەقىللىققا بولغان تەشنالىقىنى ھەم بۇ خەلقلەرنى مۇستەملىكە ئاستىدا تۇتۇۋاتقان دېكتاتور خىتاي ۋە ئالجىرىيە دۆۋلەتلىرىگە قارشى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى تىنچلىق شەكلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەش ئىرادىسىنى ئورتاقلىشىدۇ، ۋەتەنلىرى بىر-بىرىگە ناھايىتى يىراق مۇساپىلەردە بولسىمۇ، ئەمما مىللىي كىملىكلىرىنى، ئانا تىللىرىنى ۋە مەدەنىيەتلىرىنى قوغداپ قېلىشقا بولغان قايغۇلىرىنى ئورتاقلىشىدۇ ۋە بۇنى پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلىدۇ» دېگەن مەزمۇنلارمۇ ئورۇن ئالغان.

مەركىزى فىرانسىيەدە بولغان «كابىليان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نىڭ بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر ئۆمىكى د ئۇ ق باش شتابىنى زىيارەت قىلدى. 2024-يىلى 5-يانۋار، ميۇنخېن.

مەركىزى فىرانسىيەدە بولغان «كابىليان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نىڭ بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر ئۆمىكى د ئۇ ق باش شتابىنى زىيارەت قىلدى. 2024-يىلى 5-يانۋار، ميۇنخېن.

دولقۇن ئەي ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، ھازىر فرانسىيەدە 1 مىليوندىن ئارتۇق كابىليانلار ياشاۋاتقان بولۇپ، غەرب ئەللىرىگە تارالغان 3 مىليون ئەتراپىدىكى كابىليانلارنىڭ مۇستەقىللىق يولىدىكى كۈرەشلىرى بەلگىلىك قوللاشلارغا ئېرىشمەكتە ئىكەن. ئۇ، سۆزىدە يەنە كابىليانلار بىلەن ئورتاق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپلىگەن پايدىلىق تەرەپلىرى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق يىللاردىن بۇيان يەنە ئىسپانىيەدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ مۇستەقىل كاتالونىيە دۆلىتى قۇرۇش يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان كاتالانلار بىلەنمۇ ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ئورناتقان بولۇپ، بۇ خىلدىكى ھەمكارلىقلار ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ غەرب ئەللىرىدە تېخىمۇ كەڭ تونۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، كابىليانلارنىڭ فرانسىيەدە قۇرغان بەربەرى تىللىرىدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەرەب ئەللىرىدە بەلگىلىك تەسىرى بولۇپ، كابىليانلار بىلەن د ئۇ ق ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان بۇ كېلىشىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلقئارالىشىشىغا ھەسسىلەر قاتىدىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كابىليانلارنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلگەن فەرھات مەھەننى ئالجىرىيەدىلا ئەمەس، ئەرەب دۇنياسىدىمۇ تونۇلغان بىر سىياسىي شەخس ئىكەن. ئۇ 1994-يىلى ئالجىرىيەنى تەرك ئېتىپ فرانسىيەدە پاناھلىق تىلىگەن بولۇپ، ئالجىرىيە ھۆكۈمىتى 2021-يىلى ئۇنىڭ ئۈستىدىن خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. نۆۋەتتە «كابىليان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان فەرھات مەھەننى ھازىرغا قەدەر 3 قېتىم ئالجىرىيەنىڭ رادىكال كۈچلىرى تەرىپىدىن سۇيىقەستكە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ئىنىسى سۇيىقەستتە قازا قىلغان. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلار بۇ قېتىمقى د ئۇ ق غا قىلغان زىيارىتىنى ميۇنخېندىن ئايرىلىپ بولغۇچە مەخپىي تۇتقان.