Responsive Image

2023-يىلى غەرب دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارارلار ۋە قانۇن لايىھەلىرى(3)

2023-يىلى غەرب دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارارلار ۋە قانۇن لايىھەلىرى(3)ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ دايدەن ئاقسارايدا سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 1-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.

2023-يىلى غەرب دۇنياسىدىكى ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىدە، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەيدىغان قارار ۋە قانۇن لايىھەلىرى ئاۋازغا قويۇلغان. بۇلاردىن بىر قىسمى قاراردىن ئۆتۈپ تەستىقلانغان بولسا، يەنە بەزىلىرى داۋاملىق تولۇقلىنىپ، ئاۋازغا قويۇلۇش ۋە قاراردىن ئۆتۈش ئۈچۈن تەييارلانماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان تېخنىكا تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش ھەققىدىكى مەمۇرىي بۇيرۇقى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان تېخنىكا تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش ھەققىدىكى مەمۇرىي بۇيرۇقى 2023-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئامېرىكىدا خىتاي ھەققىدە ئېلىنغان مۇھىم قارارلارنىڭ بىرى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن 2023-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى مەمۇرىي بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇشىنى قوللايدىغان ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىگەن. مەمۇرىي بۇيرۇقتا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىغا ئامېرىكا مەبلىغىنى خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، مىكرو-ئېلېكتىرون، كىۋانت ئۇچۇر تېخنولوگىيەسى ۋە بەزى سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسى قاتارلىق ساھەلىرىگە سېلىشنى چەكلەش ھوقۇقى بەرگەن.

بۇ بۇيرۇققا ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىمۇ ئاۋاز قوشقان. 2023-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى مەت پوتېنگېر، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كولىن كۆل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 نەپەر سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارى دۆلەت مەجلىسىنىڭ رەھبەرلىرىگە كوللېكتىپ مەكتۇپ يوللاپ، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقىنى ئىجابىي قەدەم دەپ تەرىپلىگەن. مەكتۇپتا قارار ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ قارار، دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ئامېرىكا مەبلىغىگە ئىگە بولۇۋېلىشىنى چەكلەيدىغان كېچىككەن باسقۇچتىكى ئىجابىي قەدەم» دېيىلگەن. مەكتۇپتا يەنە، ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا قارىتا تەدبىر ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلىنىپ، «ئامېرىكا چوقۇم (خىتاي) ۋە باشقا چەتئەللىك رەقىبلەرنىڭ بىزنىڭ پۇل-مۇئامىلە ھاياتىي كۈچىمىز ۋە ئوچۇق-ئاشكارالىقىمىزدىن پايدىلىنىپ، بۇنى بىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىز ۋە گۈللىنىشىمىزگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان يوللاردا ئىشلىتەلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دېيىلگەن.

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاشكارىلاش قانۇن لايىھەسى» قايتا تونۇشتۇرۇلدى

8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ دېموكراتلاردىن كېلىپ چىققان ئەزاسى جېنېفېر ۋاكستون ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەردىن كېلىپ چىققان ئەزاسى كارلوس گىمېنېز 16-ئاۋغۇست كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاشكارىلاش قانۇن لايىھەسى» نى قايتا تونۇشتۇرغان. مەزكۇر قانۇن 2021-يىلى 6-ئايدا پالاتا ئەزاسى جېنېفېر ۋاكستون تەرىپىدىن بىر قېتىم تونۇشتۇرۇلغان ھەمدە ئاۋام پالاتاسىدا 215 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 214 ئاۋازنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن ماقۇللانغان. بىراق بۇ قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدا توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىدىن پايدىلانغان-پايدىلانمىغانلىقىنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ 1934-يىلىدىكى ئامېرىكا «ئاكسىيە بازىرى باشقۇرۇش قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى شەكلىدە سۇنۇلغان. لايىھەدە شىركەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسىدىكى مەھسۇلاتلاردىن ئېرىشكەن ئومۇمىي كىرىمى ۋە ساپ پايدىسىنى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارشى قانداق تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىشى، بۇلارنى «ئاكسىيە بازىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتى» نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئەنگلىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرىگە قويۇلغان «ئېنېرگىيە قانۇنىنى تۈزىتىش لايىھەسى»

بۇ قانۇن لايىھەسىدە «كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىغا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئارىلاشمىغان بولۇشنى ئىسپاتلاش» تەلەپ قىلىنغان. ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچى» تورىنىڭ 3-سېنتەبىر كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «ئېنېرگىيە قانۇنىنى تۈزىتىش لايىھەسى» 9-ئاينىڭ 5-كۈنى مۇزاكىرە قىلىنغان. ئەنگلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەلىسىيا كېرنىس ۋە مەزكۇر كومىتېتنىڭ يەتتە نەپەر ئەزاسى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ قانۇن لايىھەسىدە «چەت ئەلنىڭ ھەر قانداق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى شىركىتى توك مىقدارى 500 مېگاۋاتتىن يۇقىرى كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرى ياكى كۈنتاختا پروجېكتىنى ئەنگلىيەگە كىرگۈزمەكچى بولسا، ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، ئەنگلىيە پىلان ۋە نازارەت ئىدارىسى ئۇلارنى چەكلەيدۇ» دېيىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونى ھازىر كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھالقىلىق خام ئەشياسى بولغان كىرىستاللىق سىلىتسىي بازىسى بولۇپ، دۇنيا ئومۇمىي زاپىسىنىڭ 35 پىرسەنتىدىن 40 پىرسەنتىگىچە ئىگىلەيدىكەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىغا خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىشىنى چەكلەش قانۇن تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇلدى

9-ئاينىڭ 20-كۈنى جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىغا «خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكىدا سىياسىي پاناھلىق تىلىشىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» سۇنغان. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا روجېر مارشالنىڭ باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئامېرىكا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرى ئالىخاندرو مايوركاسقا خەت يېزىپ، مېكسىكا چېگراسى ئارقىلىق ئامېرىكاغا كىرىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە «جىددىي تەھدىت» پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2023-يىلى 18 مىڭ خىتاي پۇقراسى مېكسىكا قاتارلىق دۆلەت چېگرالىرىدىن ئامېرىكىغا كەلگەن. كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەھشىي پىلانلىرىنى ئىجرا قىلغۇچى قاتىل كوممۇنىستىك خىتاي رەھبەرلىرىگە ۋە شايكىلىرىغا ئىشەنگىلى بولمايدىكەن. بۇ كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش ئېھتىماللىقى بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىشىگىمۇ يول قويۇشقا بولمايدىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىغا دائىر سودا كۆرسەتمىسىنىڭ قوشۇمچىسىنى ئېلان قىلدى

26-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنىپ، ئامېرىكا 2021-يىلى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ تەمىنلەش زەنجىرى ھەققىدىكى سودا كۆرسەتمىسى» گە قوشۇمچە مەزمۇنلار قوشۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئۇقتۇرۇشتا ئېنىق قىلىپ، «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە شىنجاڭ رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر، شۇنىڭدەك كەڭ ئەۋج ئېلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىتا ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ قوشۇمچە مەزمۇنلار تۈزۈپ چىقىلدى» دېيىلگەن.

«قوشۇمچە» دە بايان قىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت ۋە غەيرىي ھۆكۈمەت مەنبەلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا باغلىنىشلىق تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە داۋام قىلىۋاتقان ھەمدە بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىللىرىنى، شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈرلۈك سودا يوللىرى ئارقىلىق، خىتاي بىلەن سودا قىلماقچى بولغان شىركەتلەرنىڭ مۇشۇ كۆرسەتمىنىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسىنى پايدىلىنىش كۆرسەتكۈچى قىلىش، سودا ئىشلىرىدا تېگىشلىك تەكشۈرۈش چارىلىرىنى قوللىنىش، شۇنداقلا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە ئىش كۆرۈش تەۋسىيە قىلىنغان. مەزكۇر «قوشۇمچە» دە يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى خىتاي ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ بىر قوللۇق ھىمايە قىلىش ۋە تەشكىللەش ھادىسىسىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، «شىنجاڭدىكى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن سودا قىلماقچى ياكى ئۇلارغا مەبلەغ سالماقچى بولغانلار، بانكا ۋە مالىيە ئورگانلىرى ئۈچۈنمۇ بۇ قوللانما ئورتاقتۇر» دېيىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ، ب د ت ئېلان قىلغان سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى كۆرسەتمىلەرنىڭمۇ بىردەك بۇ خىل قىلمىشلارنى مەنئى قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

يۇقىرىدا 2023-يىلى غەرب دۇنياسىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قارالار ۋە قانۇن لايىھەلىرى ھەققىدىكى پىروگراممىنىڭ 3-قىسمىدىن خەۋەردار بولدۇڭلار.