Responsive Image

قارامايدىكى جامائەت ئەربابى يۈسۈپ ساقالنىڭ يېتىم-يېسىرلارغا ئىگە چىققانلىقى ئۈچۈن 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى

قارامايدىكى جامائەت ئەربابى يۈسۈپ ساقالنىڭ يېتىم-يېسىرلارغا ئىگە چىققانلىقى ئۈچۈن 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر ئېلىدا 2014‏-يىلى قوزغالغان ئاتالمىش «تېرورلۇققا قارشى قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنى زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنى قاماققا تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىنىڭ زىممىسىدىكى ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغان. ئىنكاس قىلىنىشىچە ۋە دەلىللىنىشىچە، قارامايدىكى جامائەت ئەربابلىرىدىن يۈسۈپ ساقال دېگەن كىشى مەھبۇسلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقى ئۈچۈن «جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش» گۇمانى بىلەن تۇتۇلۇپ، 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، قارامايدا «يۈسۈپ ساقال» ۋە «يۈسۈپ لوبەن» دەپ تونۇلغان يۈسۈپجان مەمتىمىن، 2017‏-يىلى سابىق گۇماندارلار قاتارىدا تۇتۇپ كېتىلىپ، 2018‏-يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. مۇھاجىرەتتىكى بىر ئاڭلىغۇچىمىزدىن كەلگەن بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن، بىز قارامايدىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاپ بەرمىدى.

ئىنكاستا، يۈسۈپجاننىڭ بىر «سىياسىي مەھبۇس» نىڭ ئائىلىسىنى يوقلىغانلىقى ۋە ئۇ ئائىلىدىكى كىشىلەر تۈرمىگە بېرىپ ئائىلە ئەزاسىنى كۆرۈش نۆۋىتى كەلگەندە يۈسۈپجاننىڭ ئۇلارنى ماشنىسى بىلەن تۈرمىگە ئېلىپ بارغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئىنكاستا ئۇنىڭ 2014‏-يىلى يۈز بەرگەن بۇ ئىش توغرۇلۇق 2017‏-يىلى 4-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرلگەن.

بىز ئىنكاستدىكى يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن، يۈسۈپجان مەمتىمىننىڭ نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان مەمەتجان ئىسىملىك بىر تونۇشىدىن مەلۇمات سورىدۇق. مەمەتجان، يۈسۈپجاننىڭ ئىلگىرى قارامايدىكى ئىش ئورنىدىن ئىستېپا بېرىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، تىجارىتى كېڭەيگەندە كورلادىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە نەشپۈت يۆتكىگەنلىكى، بۇ جەرياندا خىتاي تىجارەتچىلەر بىلەن ئارىسىدا توقۇنۇش چىققانلىقى ۋە توقۇنۇشقا ساقچىلارنىڭ ئارىلاشقانلىقىنى، مۇشۇ سەۋەبلىك «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش» گۇمانى بىلەن تۇتۇپ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

قولىمىزدىكى ئىنكاستا يەنە دېيىلىشىچە، يۈسۈپجان 2014‏-يىلى بىر قېتىم دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ، نېمە ئۈچۈن ھاراق تاشلىۋەتلىكى ھەققىدە سوراق قىلىنغان. قارامايدىكى ئالاقىدار خادىملار، بۇ ئۇچۇر ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى، قارامايدىكى «مايبۇلاق» ژورنىلىنىڭ سابىق تەھرىرى ئابدۇرىشىت نىياز ئەپەندى، يۈسۈپجاننىڭ راسىنتىنلا ئىلگىرى يۇرت سوراپ ئويناپ يۈرگەن بىر مەزگىلى بولغانلىقى، كېيىنچە ھىدايەت يولىغا ماڭغانلىقى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن، قارامايدىكى «نۇقتىلىق كىشى» گە ئايلانغالىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئۆزى تۇتقۇن قىلىنغان 2002‏-يىللاردا، ساقچىلار ئۇنىڭدىن يۈسۈپجان ھەققىدە مەلۇمات سورىغان ۋە ئۇنىڭدىن بىر مەسىلە تېپىشقا ئۇرۇنغان ئىكەن.

ئابدۇرىشىت نىيازنىڭ يەنە دېيىشىچە، يۈسۈپجان جەمئىيەتتىكى ھەققانىيەتچى بىر ياش بولۇش سۈپىتى بىلەن قارامايغا يىراق-يېقىندىن كەلگەن مۇساپىرلاردىن ھال سوراش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە تىجارەتلىرىگە ياردەم قىلىش ئىشلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان. بولۇپمۇ 2014‏-يىلىدىكى «قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنىدا، كۆپ ساندا ياشلار تۇتۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، يۈسۈپجاننى ئىزدەيدىغان مۇھتاجلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپەيگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ جامائەتچىلىك تورى ئارقىلىق بىر تەرەپتىن بۇ مەسىلىلەرنى چامىنىڭ يېتىشىچە ھەل قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سوئال-سوراقلىرىغىمۇ ئىزچىل ھالدا ئۇچراپ تۇرغان. قارامايدىكى ساقچى خادىملىرىدىن بىرى، ئۆزىنىڭ بۇ ئىش ئورنىغا يېڭى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يۈسۈپجان ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

نورۋېگىيەدىكى قارامايلىق مەمەتجان ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، يۈسۈپجاننىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىكى ئاكتىپچانلىقى تاكى پۇتبول ساھەسىگە قەدەر كېڭەيگەن بولۇپ، بۇمۇ خىتاي دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قاراماينىڭ سىياسىي-قانۇن ساھەسدىكى بىر خادىم، يۈسۈپجان مەمتىمىننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ۋە 14 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئابدۇرىشىت نىياز ئەپەندى، يۈسۈپجاننىڭ ئىلگىرى قېنىق قىززىق، ھەققانىيەتچى ياش بولغان بولسا، يېقىنقى يىللاردا تەجرىبىلىك بىر جامائەت ئەربابىغا ئايلانغانلىقى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يۈسۈپجاندەك جامائەت ئەربابلىرى بىلەن ئۆز ئىچى-سىرتىدىكى مەسىلىلەرنى ئادىل ھالدا ھەل قىلىپ جەمئىيەت ئەزالىرى ئارىسىدا بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى شەكىللەندۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل مىللىي بىرلىكنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەبىئىي ھالدا «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.