Responsive Image

د ئۇ ق نىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھرىدە ئاخىرلاشتى

د ئۇ ق نىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھرىدە ئاخىرلاشتى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

د ئۇ ق ئۇيۇشتۇرغان 2022-يىللىق ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى 27-مارت كۈنى تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھرىدە ئاخىرلاشتى.

25-مارتتىن 27-مارتقىچە بۇرسادىكى رامادا مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كۇرستا گېرمانىيە، ئەنگىلىيە ۋە تۈركىيەدىن تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى رولى»، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى قىرغىنچىلىقتىكى رولى»، «خەلقئارالىق تەشەببۇس ئۈچۈن ئىستىراتېگىيە چۈشەنچىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش»، «قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك ھالدا تەشكىلاتلارنى سەپەرۋەر قىلىش: يەھۇدى تەشكىلاتلىرىنىڭ تارىخى» دېگەندەك تېمىلاردا دوكلات بەرگەن. ئارقىدىن مەزكۇر كۇرسقا ئىشتىراك قىلغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن مەزكۇر تېمىلار بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. كۇرسنىڭ ئاخىرقى كۈنى گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇزاكىرە نەتىجىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىز مەزكۇر كۇرس توغرىسىدا تەپسىلىي كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن د ئۇ ق ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن زۇنۇن، د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم ۋە كۇرسقا ئىشتىراك قىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەركىن زۇنۇن ئەپەندى، د ئۇ ق ۋە بۇرسا شەھىرى ئوسمانغازى رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر كۇرسنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىغا 43 نەپەر ئۇيغۇر ياش قاتناشتى. بۇ ياشلارنىڭ كۆپى تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن ياشلارمۇ بار. بۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيەدە چاقىرغان ئىككىنچى قېتىملىق كۇرسى بولۇپ، دەۋايىمىز ئۈچۈن خەيىرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.»

د ئۇ ق ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم، بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، قانداق ئىلغاندا دەۋانى ماھىرلىق بىلەن ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ، دېگەن تېمىلارغا مەركەزلەشكەنلىكى بايان قىلدى

زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم، مەزكۇر كۇرستا ئەنگىلىيەدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي دەۋانى ئاڭلىتىشتىكى تەجرىبىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم ئەپەندى، بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ 25-مارت چاقىرىلغان ئېچىلىش مۇراسىمىغا بۇرسا ئوسمانغازى رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ باشتىن-ئاخىر بۇ پائالىيەتنى قوللىغانلىقىنى بايان قىلدى.

كۇرسقا قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ياش جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندى، مەزكۇر كۇرس جەريانىدا ئۇيغۇر دەۋاسىنى قانداق ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ياش پائالىيەتچى مېھرىئاي بۇ قېتىملىق كۇرسنىڭ ئۆزى ئۈچۈن زور پايدىسى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ تۇنجى قېتىملىقى 2018-يىلى 13-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە ئىستانبۇل رامادا مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. مەزكۇر كۇرس بۇرۇن ئامېرىكا، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، بېلگىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى.