Responsive Image

كېرىيەدە دوختۇرخانىدىن قېچىپ بالىسىنى قۇتقۇزۇپ قالغان زەينەپخان مەمتىمىن تۈرمىدە جان ئۈزگەن

كېرىيەدە دوختۇرخانىدىن قېچىپ بالىسىنى قۇتقۇزۇپ قالغان زەينەپخان مەمتىمىن تۈرمىدە جان ئۈزگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2014 ‏-يىلى كېرىيەلىك بىر مۇھاجىرنىڭ ئىنكاس قىلىشى بىلەن، رادىيومىز كېرىيەنىڭ ئارىش يېزىسىدىكى زەينەپخان مەمتىمىن ئىسىملىك ئايالنىڭ ھامىلىسىنى ئالغۇزىۋېتىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئەكېلىنگەنلكىدىن خەۋەر تاپقان ۋە مۇخبىرىمىزنىڭ ئىز قوغلاپ خەۋەر ئىشلىشى داۋامىدا، زەينەپخان دوختۇرخانىدىن قېچىپ كېتىش يولى بىلەن ھامىلىنى قۇتقۇزۇپ قالغانىدى. ئاشكارىلىنىشىچە، زەينەپخاننىڭ بالىسى 3 ياشقا كىرگەندە، يەنى 2017 ‏-يىلى لاگېرغا ئەكېتىلىپ كېسىۋېتىلگەن، 2020 ‏-يىلىغا كەلگەندە ئۇنىڭ تۈرمىدىن جەسىتى چىققان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

2014 ‏-يىلى ھامىلىدار قوشنىسى زەينەپخان مەمتىمىننىڭ بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئەكېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن كېرىيەلىك مۇھاجىر ئارىدىن 7 يىل ئۆتكەن ئالدىنقى ھەپتە مەزكۇر قوشنىسىنىڭ تۈرمىدىن جەسىتى چىققانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى. بۇ ئىنكاستا دېيىلىشىچە، زەينەپخان مەمتىمىن 2017 ‏-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندا، ئىلگىرى دوختۇرخانىدىن قېچىپ كەتكەن قىلمىشى ئۈچۈن، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. دېيىلىشىچە، ئۇ لاگېرغا، ئەينى چاغدا دوختۇرخانىدىن قېچىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان يولدىشى مەتقۇربان ئابدۇللا بىلەن تەڭ ئېلىپ كېتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، 2018 ‏-يىلىنىڭ ئاخىرى، ئۇيغۇر رايوندىكى زور بىر تۈركۈم لاگېرلار تۈرمىگە ئۆزگەرتىلگەندە، زەينەمخان مەمتىمىن بىلەن مەتقۇربان ئابدۇللا 10 يىللىقتىن كېسىلىپ تۈرمىگە تاشلانغان. بىز بۇ ئەھۋالنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئاۋۋال كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. خادىملار ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

زەينەپخان مەمتىمىن ھەققىدە 2014 ‏-يىلى ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، 4 ‏-پەرزەنتىگە ھامىلىدار بولغانلىقى ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى، يولدىشى مەتقۇربان ئابدۇللا، جەرىمانە تۆلەشكە رازى بولغان بولسىمۇ، دائىرىلەرنىڭ ھامىلىنى چۈشۈرىۋېتىشتىن ۋاز كەچمىگەنلىكى مەلۇم بولغان. شۇ چاغدا رادىيومىز تەرىپىدىن 8 پروگرامما ئىشلىنىپ، كېرىيەنىڭ لەڭگەر، ئارىش ۋە سىيەك يېزىلىرىدىكى بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغانىدى. شۇ چاغدا ئۇشتۇمتۇت ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولۇپ، دائىرىلەر بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەلىرىدىن ۋاز كەچكەن ۋە زەينەپخان ئوپېراتسىيەدىن ئامان قىلىپ، 4 ‏-پەرزەنتى 4 ئايدىن كېيىن ساق-سالامەت دۇنياغا كۆز ئاچقانىدى.

كېرىيەلىك مۇھاجىرنىڭ ئىنكاسىدا، زەينەپخان مەمتىمىننىڭ جەسىتىنىڭ نازارەت ئاستىدا دەپنە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ تۈرمىدە نېمە سەۋەبتىن ئۆلگەنلىكى ۋە يولدىشىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كېرىيە ئارىشتىكى بىر كەنت ساقچىسى، مەتقۇربان ئابدۇللانىڭ نۆۋەتتە كېرىيە تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ ئايالى زەينەپخاننىڭ ئىككى يىل بۇرۇن قازا قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ، زەيناپخاننىڭ تۈرمىدە كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ زەينەپخاننىڭ كېسىلىنىڭ كۆپ بالا تۇغۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، زەينەپخاننىڭ كېسىلىشىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

كېرىيەلىك مۇھاجىرنىڭ ئىنكاسىدا يەنە قەيت قىلىنىشىچە، ، كېرىيەنىڭ ئارىش يېزىسىدا، 2017 ‏-يىلى ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان ئومۇمىي تۇتقۇنلار سانىنىڭ 70%نى ئىگىلىگەن بولسا، پىلانلىق تۇغۇت سەۋەبلىك تۇتۇلغانلار 10%نى ئىگىلىگەن. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ئۆزلىرىگە چۈشۈرۈلگەن ئادەم تۇتۇش ۋەزىپىسىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىسىنى مۇھىم بىر باھانە قىلغان. يېقىندا، كورلىدا بىر ئائىلىدىن كېسىلىپ كەتكەن 5 ئايال ئۈستىدىن چىقىرىلغان سوت ھۆكۈمىدىمۇ، بالا چۈشۈرۈشنى رەت قىلىش، بالىسىنى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت ئىنسانىي بىر قارشىلىق دەپ قارالماستىن، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى دەپ قارالغان. ھۆكۈمنامىدە مەھكۇم زاھىرە مەمەتكە پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى تۇرغۇنى ئۈچۈن جازا مۇددىتىگە يەتتە يىل قېتىلىپ جەمئىي18 يىللىق كېسىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا، زەينەپخان مەمتىمىن ۋە يولدىشى مەتقۇربان ئابدۇللا، پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلغاندا دوختۇرخانىدىن قاچقانلىقى ئۈچۈن، تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇلۇپ 10 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئېھتىماللىقى مەلۇم بولماقتا. مەزكۇر كەنت ساقچىسى مەتقۇربان ئابدۇللا بىلەن ئايالى زەينەپخان مەمتىمىننىڭ 10 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇ يەنە، مەتقۇرباننىڭ ۋە 4 پەرزەنتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، زەينەپخان جان ئۈزگەن 2020 ‏-يىلى ئۇنىڭ 40 ياشتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

يۇقىرىدا، كېرىيەدە دوختۇرخانىدىن قېچىپ بالىسىنى قۇتقۇزغان زەينەپخان مەمتىمىننىڭ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.