Responsive Image

«ۋاكالەتسىز دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر تەشكىلاتى» يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان

«ۋاكالەتسىز دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر تەشكىلاتى» يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مەركىزى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى «ۋاكالەتسىز دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر تەشكىلاتى» (The Unrepresented Nations and Peoples Organization) يەنى UNPO نىڭ 16-قېتىملىق يىغىنى 26-27-مارت كۈنلىرى ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر تەشكىلات 1991-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان، بەلگىلىك خەلقئارالىق تەسىرگە ئىگە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2017-يىلدىن بۇيان مەزكۇر ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن.

26-، 27-مارت ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا كولومبىيە رايونىنىڭ ۋەكىلى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى پائۇل سېترائۇس ۋە UNPO نىڭ پرېزىدېنتى ناسسىر بولاداي رىياسەتچىلىك قىلغان. UNPO نىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى مەزكۇر يىغىن ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا بۇ قېتىملىق يىغىن مەخسۇس رەھبەرلىك سىستېمىسىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن چاقىرىلغان.

د ۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن گېرمانىيەدىن يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ، رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مەزكۇر يىغىن ھەققىدە توختالدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 44 ئەزاسى بار بولۇپ، تىنچ ئۇسۇللاردا ئۆزىنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىنى تاللىغان 200 مىليوندىن ئارتۇق خەلققە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئىكەن.

UNPO نىڭ ھازىرقى باش كاتىپى رالف بانچ (Ralph Bunche) ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئادەتتە ھەر 18 ئايدا بىر قېتىم يىغىلىمىز. ئادەتتە يىغىندا تەشكىلاتقا يېڭى قوبۇل قىلىنغان ئەزالارنى تونۇشتۇرۇش، تەشكىلاتنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى پىلانلىرى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر بولىدۇ. مەزكۇر يىغىندا تەشكىلات قۇرۇلمىسىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. 2017-يىلى سايلانغان رەھبەرلىك قاتلىمى ئالماشتۇرۇلدى. نۆۋەتتىكى ئەھۋال ھەققىدە يېڭى كۆزقارىشى بولغان يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنى سايلاپ چىقتۇق. ئالدىمىزدىكى يىللاردا قانداق قىلغاندا بۇ تەشكىلات ۋەكىللىك قىلىۋاتقان كىشىلەر مەيلى ۋاشىنگتوندا بولسۇن، مەيلى ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان شەرقى تۈركىستان، بېسىۋېلىنغان تىبەت قاتارلىق ئەزا دۆلەتلەردە بولسۇن مۇشۇ خەلقنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە يېڭى-يېڭى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى».

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 20 تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرى يېڭىدىن سايلاپ چېقىلغان رەھبەرلىك قاتلىمى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان.

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» 2020-يىلى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنى «بۆلگۈنچىلەرنىڭ خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ بازىسى» دەپ مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە مەزكۇر تەشكىلاتنى 1991-يىلى تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرىدىن دالاي لاما بىلەن ئەركىن ئالىپتېكىنلەرنىڭ قۇرۇپ چىققانلىقى، بۇ تەشكىلاتنىڭ تەيۋەن ۋە شىنجاڭنى خىتايدىن ئايرىپ چىقماقچى بولغان خەلقئارادىكى كۆپلىگەن بۆلگۈنچى تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ھەتتا خىتاي 2018-يىلى نيۇ-يوركتا چاقىرىلغان ب د ت نىڭ «ئاز سانلىقلار مۇنبىرى» يىغىنىدا مەركىزى گېرمانىيەنىڭ گۆتتىنگېن شەھىرىدە بولغان «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىمۇ «مىللىي بۆلگۈنچىلەر بىلەن ئالاقىسى بار، ب د ت دا كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى يوق» دەپ ئەرز سۇنغان ۋە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ب د ت غا كىرىشىنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئامېرىكا باشلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن مەقسىتىگە يىتەلمىگەن.

رالف بانچ ئەپەندى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بىز دۇنياغا ئىمپېرىئالىزم ۋە تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋېلىشنىڭ نۆۋەتتىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز. كۈنىمىزدىكى، ئۇكرائىنا، تىبەت، شەرقى تۈركىستان شۇنىڭ مىساللىرى. بىز بۇ ئارقىلىق خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنى ئۆزىنىڭ فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇشقا بېسىم قىلالايمىز. يەنە بىر جەھەتتىن بىز ھەرىكەتلىرىمىزنى بېسىۋېلىنغان ياكى كونترول ئاستىدىكى خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئىرادىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش بەك مۇھىم. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر توپلۇقتىكى پۈتۈن خەلقنىڭ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئۆزلىرىگە ھەقىقەتەن ۋەكىللىك قىلىدىغان ھۆكۈمەتنى قۇرۇپ چىقالىغاندا، تېخىمۇ تىنچ بىر جەمئىيەت بەرپا قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىمىز».

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ تۇرۇۋاتقان گىرۇزىيە، ئەرمېنىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، ئېستونىيە، پالاۋغا ئوخشاش دۆلەتلەرمۇ ئۆز ۋاقتىدا UNPO نىڭ ئاكتىپ ئەزالىرى بولۇپ، ئۇلار ب د ت نىڭ «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» پىرىنسىپىنى قورال قىلىپ تۇرۇپ، مۇستەقىللىققا ئېرىشكەنىكەن.