Responsive Image

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى

12 – نويابىر كۈنى ئالماتادىكى دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ «سابرىنا» كافىسىغا جەم بولغان ئۇيغۇر جاماەتچىلىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىمىنى خاتىرىلەش پاالىيىتى ئۆتكۈزدى.

مەزكۇر مۇراسىمدا دوكلات قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى 1933 – يىلى قەشقەردە ھەم 1944 – يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخىدىن، شۇنداقلا ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پاالىيىتىدىن ئەتراپلىق داىرىدە مەلۇماتلار بەردى.

پائالىيەتكە قاتناشقان پېشقەدەم ئوفىتسېرلاردىن ئۆمەرجان ئاكا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدا توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.