Responsive Image

رابىيە قادىر باشلىق د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى زىيارىتى داۋاملاشماقتا

رابىيە قادىر باشلىق د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى زىيارىتى داۋاملاشماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
6c974ba6-94a2-4562-a483-5fe56f0d7637

26-يانۋار د ئۇ ق رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى زىيارىتى داۋامىدا بەش نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى ۋە تەلەپلىرىنى يەتكۈزدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى زىيارىتى 26-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن پارلامېنت ئەزاسى، ياۋروپا بىرلىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى باربارا لوھ بېھلەر خانىمنىڭ قوبۇلى بىلەن سائەت 11:00 دا باشلانغان ئىدى. سائەت 12:00 دىن كېيىن، قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە خانىم ئامېرىكىدىن يېتىپ كېلىپ، چۈشتىن كېيىنكى سۆھبەتلەردە د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە بولدى.

ئۇلار بۈگۈن، ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى پانسېرى ئەپەندى باشلىق بەش نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىن ئەتراپلىق مەلۇماتلار بەردى. د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچرىشىشقا قاتناشقان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى رەئىسى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىلا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلار بولۇپ، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىگە بىۋاسىتە قول تىقىدىغان شەخسلەر ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، خىتاي تەرەپنىڭ بىرقانچە قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماسلىق ھەققىدىكى ئىلتىماسىغا دۇچ كەلگەن، پارلامېنتنىڭ ئىجتىمائىي ئەركىنلىك، ئادالەت كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، ئازسانلىق مىللەتلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىناس دوستى» دەپ تەرىپلىنىدىغان سوگور ئەپەندى، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لوھ بىھلېر خانىم ۋە يېڭىدىن كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا رەئىس بولغان پانسەرى ئەپەندىلەرمۇ بار ئىدى.

23-يانۋاردىن بۇيان، د ئۇ ق رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 20 نەپەر رەھبىرى ۋە ئەزاسى بىلەن سۆھبەتلەر ئېلىپ باردى. بەزىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر تاكى نەتىجىسى ئوتتۇرىغا چىققۇچە سىر ھالىتىدە قالىدىغان بولدى. ئەتە 27-يانۋار چۈشتىن كېيىن پائالىيەتلەر ئاخىرلاشماقچى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/duq-yawropa-parlament-01262017150731.html