Responsive Image

رابىيە خانىمنىڭ ياۋروپادىكى 7 دۆلەتكە قىلغان زىيارىتى

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، دۇق باياناتچىسى ئالىم سەيىتوف ئەپەندىمنىڭ ھەمراھلىقىدا 11 – ئاينىڭ 20 – كۈنى باشلىغان بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتىنى، 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى.

رابىيە خانىم بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتى جەريانىدا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئىتالىيە، شۋېتسىيە، گېرمانىيە، شۋېتسارىيە، ئاۋسترىيە، فرانسىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق 7 دۆلەتنى زىيارەت قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللىرى، بۇ ئەللەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت مەسئۇللىرى، شۇنداقلا تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋى گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچۇرۇشۇپ، ئۇلارغا 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەقىقىي جەريانى ۋە ماھىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

رابىيە خانىم يەنە يۇقىرىقى 6 دۆلەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بۇ ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدىكى تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل تىڭشىدى.

رابىيە خانىم ئىتالىيىدە
رابىيە خانىم، ئىتالىيە ئاۋام پالاتاسى تەركىبىدىكى زورلۇقسىز رادىكاللار پارتىيىسى نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، بۇ پارتىيىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن  20 – نويابىر كۈنى ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى.

بۇ يىغىنغا  ئىتالىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى باشلىقى، پارلامېنت ئەزالىرى، مەتبۇئات خادىملىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.


, بۇ قۇرۇلتايغا يەنە، ئاسىيا، ئافرىقا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا قىتئەلىرىدىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.
يىغىندا، ئىتالىيە زورلۇقسىز رادىكاللار پارتىيىسى باشلىقى، ئىتالىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى باشلىقى ۋە رابىيە قادىر خانىملار سۆز قىلغان. يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى مەخسۇس تىلغا ئېلىنغان. �
25 ‏- نويابىر كۈنى كەچتە ئىتالىيە زورلۇقسىز پارتىيىسىنىڭ مەركىزىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئالاھىدە يىغىن چاقىرىلغان.

بۇ قۇرۇلتايدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس قارار لايىھىسى ماقۇللانغان. 

ماقۇللانغان  قاراردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى قاتتىق ئەيىبلىگەندىن باشقا، تۈرمىگە تاشلانغان  ئۇيغۇرلارنى شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىككى ئوغلىنى دەرھال قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان. �

قاراردا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق ھالدا ئىتالىيە ۋە ياۋروپا پارلامېنتلىرىدا كۈن تەرتىپكە ئەكېلىش تەلەپ قىلىنغان.  بۇ لايىھە زورلۇقسىز رادىكاللار پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان  بولۇپ، ئىتالىيە ۋە ياۋروپا پارلامېنتلىرىغا يوللىنىدىكەن. بۇ قارار پارلامېنتلارغا قوبۇل قىلىنغاندىن  كېيىن، دۆلەتنىڭ رەسمىي تاشقى سىياسىتىگە ئايلىنىدىكەن.

رابىيە خانىم، ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىمدىكى پائالىيەتلىرىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ، 26 – نويابىر كۈنى ئىتالىيىنىڭ قەدىمىي شەھرى مىلانغا  يېتىپ بارغان ئىدى.

27 – 28 – نويابىر كۈنلىرى رابىيە قادىر خانىم مىلاندا ئۆتكۈزۈلگەن «ھازىرقى زامان فېستىۋالى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىنغا  قاتنىشىپ، بۇ يىغىندا  ئىككى قېتىم نۇتۇق سۆزلىگەن.�

بۇ فېستىۋالغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تونۇلغان يازغۇچى، شائىر ۋە پائالىيەتچىلەر قاتناشقان.

رابىيە قادىر خانىم نۇتقىدا نۇقتىلىق ھالدا ,ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دۇچار كېلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىكلىرى ھەققىدە توختالغان.


رابىيە خانىمنىڭ ئىتالىيە زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئادرېسلاردىن ئاڭلاپ كۆرەلەيمىز :

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/Italiyide-Uyghur-mesilisi-11262009192411.html?encoding=latin

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/rabiye-qadir-xanim-rimda-11242009193416.html?encoding=latin

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/rabiye-xanim-rimda-11222009161121.html?encoding=latin

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/rabiye-xanim-milanda-11302009183144.html?encoding=latin

2.رابىيە خانىم شۋېتسىيىدە

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئىتالىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 30 – نويابىر كۈنى كەچتە شۋېتسىيىگە يىتىپ كەلگەن ئىدى.

 شۋېتسىيە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياۋروپا زىيارىتىنىڭ 2 – بېكىتى بولۇپ، بۇ يەرگە شۋېتسىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن يېتىپ كەلگەن.

رابىيە قادىر خانىم شۋېتسىيە زىيارىتىنىڭ 1 – كۈنى كرېست دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئانالىيە ئېناكسون خانىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شۋېتسىيە پارلامېنت بىناسىدا مۇخبىرلارغا ئاخبارات ئېلان قىلغان.�

ئارقىدىن شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى ھەر قايسى پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس يېپىق سۆھبەتتە بولغان.

رابىيە قادىر خانىم، شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 3 – دېكابىر كۈنى پارلامېنت زالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە شۋېتسىيىگە كېلىپ پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى.

ئېچىلىش سۆزىنى پارلامېنت ئەزاسى ئانالىيە ئېناكسون خانىم باشلاپ، بۈگۈنكى يىغىلىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

رابىيە قادىر خانىم دوكلاتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، دوكلات ئاڭلاشقا كەلگەن ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋاللىرى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرى جاۋاب بەردى.�

دوكلات ئاڭلاشقا كەلگەن بىر يازغۇچى رابىيە قادىر ھەققىدە يېزىلغان «ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقۇچى ئايال» دېگەن كىتاب ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ كىتابتا بايان قىلىنغان  كۈلپەتلەر يالغۇز رابىيە قادىرنىڭلا كۈلپىتى بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتتۇر، بۇ كىتاب يالغۇز رابىيە قادىرنىڭ بىئوگرافىيىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىئوگرافىيىسى، شۇڭا مەن بۇ كىتابنى شېۋىت تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا تۇتۇش قىلدىم. بۇ كىتاب شېۋىت تىلىدا نەشر قىلىنسا، شېۋىت خەلقى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئىمكانىغا ئىگە بولىدۇ،» دەيدۇ.

پارلامېنتتىكى دوكلات بېرىش پائالىيىتى 3 سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشتى.�

شۇ كۈنى كەچتە رابىيە قادىر خانىم خېلسىنپوش ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەردى. 

خېلسىنپوش ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ئەينى يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدا زور رول ئوينىغان ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى بولۇپ، ھازىر شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئادىل ھاكىمجاننىڭ ئالبانىيىدىن شۋېتسىيىگە كېلىشىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان ئىدى.�

رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» دېگەن فىلىم كۆرسىتىلدى. دوكلات ئاڭلاشقا ئاساسەن يازغۇچىلار، مۇخبىرلار، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي ئەربابلار ئىشتىراك قىلدى.

رابىيە خانىمنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن ئاڭلاپ كۆرەلەيسىز :
 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/rabiye-xanim-shiwetsiyide-nutuq-12042009185402.html?encoding=latin

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/rabiye-xanim-shiwetsiyide-12032009204215.html?encoding=latin

3.رابىيە خانىم گېرمانىيىدە

دۇق رەئىسى رابىيە خانىم شۋېتسىيىدىكى زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرۇپ، 12 – ئاينىڭ 4 –  كۈنى دۇق نىڭ مەركىزى ئورگىنى جايلاشقان گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.

ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان 50 نەچچە ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ۋە گۈلدەستىلەرنى تۇتقان ھالدا ميۇنخېن ئايرودروممۇ چىقىپ رابىيە خانىمنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

رابىيە خانىم ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا ھېرىپ – چارچىغىنىغا قارىماستىن ئۇدۇل د ئۇ ق مەركىزى ئورگىنى ئىشخانىسىغا كېلىپ، بۇ يەردە دۇق نىڭ مەركەزدىكى رەھبەرلىرى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە دۇق قارمىقىدىكى < Yawropa sherqiy türkistan birliki > تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن، شۇنداقلا ميۇنخېن ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن  كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئېلىپ باردى.

12 – ئاينىڭ 5 –  كۈنى رابىيە خانىم، دۇق ئاياللار كومىتېتى ۋە < Yawropa Sherqiy türkistan birliki > تەشكىلاتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل تىڭشىدى.

رابىيە خانىم، گېرمانىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كېلىپ توپلانغان  خانىم – قىزلىرىمىزغا قىلغان سۆزىدە، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەشكىللىنىشكە، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا، پەرزەنتلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي تۇيغۇلىرىنى قوغداپ قېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىردى.

12 – ئاينىڭ 6 –  كۈنى رابىيە خانىم، دۇق نىڭ مەركەزدىكى رەھبەرلىرى ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى بىلەن مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈپ، دۇق نىڭ يېرىم يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەش بىلەن بىرگە، بۇندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر ۋە پىلان – پروگراممىلار ھەققىدە يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

يىغىندا يەنە، دۇق نىڭ مەركەزدىكى خادىملىرى ھەققىدىمۇ قىسمەن تولۇقلاش ئېلىپ بېرىلدى.

رابىيە خانىم، گېرمانىيدىكى 3 كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا، ئەل – جەزىرە تېلېۋىزىيىسى، گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى … قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھەققىدە، شۇنداقلا 5 – ئىيۇلدىن بۇيانقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

تۆۋەندىكى ئادرېستىن، رابىيە خانىمنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاپ كۆرەلەيسىز :

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/rabiye-xanim-girmaniyide-12072009205135.html?encoding=latin

4. رابىيە خانىم شۋېتسارىيىدە

رابىيە خانىم، 12 – ئاينىڭ 6 – كۈنى كەچتە گېرمانىيدىكى پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، دۇق نىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەرجان، دۇق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى نۇرمەمەت روزاخۇنلارنىڭ ھەمراھلىقىدا شۋېتسارىيىگە يېتىپ باردى.

رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ھەيئىتى، 12 – ئاينىڭ 7 – كۈنى شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ب د ت  كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەر  ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

رابىيە خانىم ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرىدىن، 5 – ئىيۇل ئىشتىراكچىلىرىغا بېرىلىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ۋە بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قارشى < 100 künlük qattiq zerbe berish herikiti > دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىش ھەققىدە خىتايغا جىددىي بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

5. رابىيە خانىم ئاۋسترىيىدە

رابىيە خانىم 12 – ئاينىڭ 7 – كۈنى كەچتە جەنۋەدىكى پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئاۋسترىيىنىڭ ۋىينا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىش ۋە ب د ت نىڭ تەن جازاسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ۋىينا شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. 

رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ھەيئىتى جەنۋە شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدە، يەنى 12 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئەتىگەندە د ئۇ ق باياناتچىسى ئالىم سىيتوۋ ئەپەندىم ئالدىن ۋىيناغا يېتىپ كېلىپ، بۇ يەردە ئاۋسترىيە كىشىلىك ھوقۇق ئىنستىتۇتىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئۇيۇشتۇرغان مۇخبىرلارنى كېتىۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى.

ب د ت نىڭ تەن جازاسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى نوۋاك ئەپەندىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى يىغىنغا،  ئاۋسترىيىنىڭ ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە باشقا ئەللەرنىڭ بۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرى، شۇنداقلا تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن  بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن ب د ت ۋەكىلى نوۋاك ئەپەندىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى ۋە بۇ ئىككى رايوننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ يىلدىن – يىلغا ناچارلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن د ئۇ ق باياناتچىسى ئالىم سەيىتوف ئەپەندىم تەكلىپكە ئاساسەن سۆزگە چىقىپ، مۇخبىرلارغا 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيانقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

ئالىم سەيىتوف ئەپەندىم، 5 –  ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كۆپلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا تۈركۈم – تۈركۈملەپ ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتقانلىقىنى، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى قامال قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا ۋە تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىشىنى قاتتىق چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى ۋە ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە ۋە خىتاينىڭ غەيرىي ئىنسان قىلمىشلىرىغا قارىتا تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى.

12 – ئاينىڭ 7 – كۈنى كەچتە ئاۋسترىيىگە يېتىپ كەلگەن رابىيە خانىم، 8 – كۈنى كەچتە ۋىينا شەھىرىدىكى داڭلىق بىر تىياتىر زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتى.

فېستىۋالدا، رابىيە خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن < muhebbetning 10 sherti > ناملىق فىلىم كۆرسىتىلدى.

فىلىمنى، ئاۋسترىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى، سەنئەتكارلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىزدىدى.

رابىيە خانىم فېستىۋال جەريانىدا قىلغان سۆزلىرىدە، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇر خەلقى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېچىنىشلىق تەقدىرنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەسلىككە چاقىردى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن ئاڭلاپ كۆرەلەيسىز :

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/rabiye-xanim-awistiriyide-12082009202434.html?encoding=latin


 

6. رابىيە خانىم فرانسىيىدە

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىم، د ئۇ ق باياناتچىسى ئالىم سەيىتوف ئەپەندىم بىلەن بىرگە ۋىيانادىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى فرانسىيە شۆبىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن 12 – ئاينىڭ 9 – كۈنى فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژغا يېتىپ كەلدى.

رابىيە خانىمنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى فرانسىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە فرانسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قىزغىن كۈتۈۋېلىشتى.

رابىيە خانىم شۇ كۈنى ئالدى بىلەن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى فرانسىيە شۆبىسىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە چاقىرغان مۇخبىرلارنى كېتىۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، فرانسىيە مەتبۇئاتلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

رابىيە خانىم يەنە فرانسىيىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت ۋەكىللىرى بىلەنمۇ ئۇچۇرۇشۇپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە چۈشەنچە ۋە مەلۇمات بەردى.

رابىيە خانىم يەنە 12- ئاينىڭ 10-11- كۈنلىرى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى فرانسىيە شۆبىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، فرانسىيىدىكى خەلقئارالىق ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە كەڭ كۆلەمدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.

رابىيە خانىم فرانسىيىدىكى زىيارىتى جەريانىدا يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچۇرۇشۇپ، ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

رابىيە خانىم يەنە فرانسىيىدە ياشاپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پىكىر – تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل تىڭشىدى.

رابىيە خانىم فرانسىيىدىكى 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرۇپ، 12 – ئاينىڭ 13 – كۈنى گوللاندىيىنىڭ پايتەختى ئامىستېردامغا يۈرۈپ كەتتى.

يۇقىرىقى خەۋەرنىڭ يەنىمۇ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن ئاڭلاپ كۆرەلەيسىز :

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/rabiye-xanim-parizda-12112009195413.html?encoding=latin

 

7. رابىيە خانىم گوللاندىيىدە

رابىيە خانىم، مەركىزى گوللاندىيىدىكى خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ( ئۇ ن پ ئو ) نىڭ ۋە گوللاندىيىدىكى بەزى خەلقئارالىق تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى ئالىم سەيىتوف ئەپەندىمنىڭ ھەمراھلىقىدا 12 – ئاينىڭ 13 – كۈنى بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ھېسابلانغان  گوللاندىيىگە يېتىپ كەلدى.

رابىيە خانىمنى ئۇ ن پ ئو رەھبەرلىرى ۋە گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز قىزغىن كۈتۈۋېلىشتى.

رابىيە خانىم گوللاندىيىدىكى زىيارىتى جەريانىدا، گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى، گوللاندىيىدىكى ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى،تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، تەتقىقاتچىلار، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچۇرۇشۇپ سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ جەريانى ۋە ماھىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

بۇ جەرياندا ئۇ ن پ ئو تەشكىلاتى رابىيە خانىمنىڭ زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيىنىڭ دەنھاگ شەھىرىدە كۆپلىگەن تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتنىشىشىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە كەلگۈسى تەقدىرى مەسىلىسىدە كەڭ دائىرىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى يىغىندا، رابىيە خانىم تەتقىقاتچىلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇ – تەلەپلىرى ۋە غايە – مەقسەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

رابىيە خانىم گوللاندىيىدىكى زىيارىتى جەريانىدا يەنە بۇ دۆلەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۆزىنى كېتىۋېلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىلىشقا ئىشتىراك قىلدى.

بۇ قېتىمقى كېتىۋېلىش يىغىنىغا گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان 300 گە يېقىن ئۇيغۇر قاتناشقان بولۇپ، رابىيە خانىم يىغىندا قىلغان سۆزىدە ئۇلارنى بىرلىك – باراۋەرلىك، ئىناق – ئىتتىپاقلىققا، شۇنداقلا مىللىي ھەرىكىتىمىزگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا چاقىردى.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن ئاڭلاپ كۆرەلەيسىز :


http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/rabiye-xanim-gollandiyide-12152009185523.html?encoding=latin

رابىيە خانىمنىڭ ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن تەرمىلەر


ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، بۇ قېتىم ياۋروپادىكى ئىتالىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، شۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق 7 دۆلەتكە قىلغان زىيارىتى جەريانىدا، بۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچۇرۇشۇپ سۆھبەت ئېلىپ باردى ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالىغا بولغان قاراش،پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل تىڭشىدى.

رابىيە خانىم، ياۋروپادىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا، تۆۋەندىكى بىرقانچە مەسىلىنى نۇقتىلىق ھالدا تەكىتلىدى :

1. چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلار، ئۈرۈمچى خەلقىنىڭ مىللىي بىرلىك ۋە مىللىي ھەمكارلىق روھىدىن ئۈلگە ئېلىپ، ھەر زامان مىللىي مەنپەئىتىمىزنى بىرىنچى ئورۇنغا  قويۇشىمىز، ئىدېئولوگىيە، دۇنيا قاراش جەھەتلەردىكى ئوخشىماسلىقلار ھەم زىتلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەرنى، شەخسى ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىكلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى يۈكسەك دەرىجىدە كۈچەيتىشىمىز لازىم.
چۈنكى ھازىر مىللىي بىرلىك زامانى، ھەممىمىز بىر تەن، بىر نەپەس بولۇپ، ئېغىر كۈلپەتلەرنى بەشىدىن كەچۈرۈۋاتقان ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ يۈرەك ساداسىنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە لايىقىدا ئاڭلىتىش ۋە خىتاينىڭ خەلقىمىزگە يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى پاش قىلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم.

2. بارلىق تەشكىلاتلىرىمىز ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمىز، شاۋگۈئەن  ئۈرۈمچىگە سوزۇلغان ئىرقىي ھۇجۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەقىقىي جەريانى ۋە ماھىيىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشنى ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى بىرىنچى ۋەزىپىسى قىلىشى، خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە دەلىل – ئىسپات توپلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، ھەرقانداق خىزمەتلىرىدە ۋە پائالىيەتلىرىدە مۇشۇ نۇقتىنى ئاساسى مەركەز ۋە كۈنتەرتىپ قىلىشى لازىم؛

3. مۇساپىرلار مەسىلىسىگە، تەشكىلاتلاردىن ۋە شەخسلەردىن ھالقىغان ئورتاق بىر مىللىي مەسىلىمىز سۈپىتىدە جىددىي قاراپ، مۇساپىرلار ۋە مۇھاجىرلار خىزمىتىنى تەز سۈرەتتە سىستېمىلاشتۇرۇشىمىز ۋە ئاممىۋىلاشتۇرىشىمىز لازىم.

چۈنكى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگە قاراتقان زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تۈرلۈك يوللار بىلەن ۋەتەندىن ئايرىلىپ چەتئەللەرگە مۇساپىر بولۇپ چىقىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سانى كۆپەيمەكتە، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن ناچار مۇھىت ئىچىدە ياشاۋاتقان، ھەتتا ھاياتى خەۋپكە ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس، بىز ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ مۇساپىر قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىشىمىز، ئۇلارغا مېھرىبانلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز، ياردەم قولىمىزنى ئۇزىتىشىمىز لازىم؛�

4. چەتئەللەردە ياشاۋاتقان خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ تەشكىللىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىمىزگە بىۋاسىتە قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقىغا ئىلھام بېرىشىمىز لازىم.
ھەرقايسى تەشكىلاتلىرىمىز، خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتىدە كۆپرەك يەر ئېلىشىغا ئەھمىيەت بېرىشى، مۇمكىن بار ھەر بىر تەشكىلات تەركىبىدە مەخسۇس ئاياللار بۆلۈمى ياكى ئاياللار كومىتېتى قۇرۇپ چىقىشى لازىم؛

ئەرلىرىمىزمۇ بىرئاز پىداكار ۋە ئاڭلىق بولۇپ، خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشى ئۈچۈن شارائىت ۋە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى لازىم؛


خانىم – قىزلىرىمىز، ئىپارخان روھىنى قايتا جانلاندۇرۇشنى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى جەريانىدا مەيدانغا  چىققان باتۇر خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ جەڭگىۋارلىق ۋە قەھرىمانلىق روھىنى ئۆزلىرىگە يېتەكچى ئىدىيە قىلىشى، پەرزەنتلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي تۇيغۇلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە كۈچەيتىشنى ئاساسى ۋەزىپىسى قىلىشى لازىم؛

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى