Responsive Image

كامبودژادىكى 22 ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى

كامبودژادا ب د ت نىڭ قوغداش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى ھازىر كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلانماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي داىرىلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ ئەكىتىش ئۈچۈن كامبودژاغا بىسىم ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر ھەپتە بۇرۇنلا بۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە كامبودژاغا دىپلوماتىك نوتا تاپشۇرغانلىقى مەلۇم.

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇيغۇر پاالىيەتچىلىرى خىتاينىڭ بۇ سۆزىنى قەتىي رەت قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر بولغان ھەرقانداق بىر كىشىنى جىنايەتچى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىيتتى.

22 نەپەر ئۇيغۇر كامبودژاغا قېچىپ كېلىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كامبودژادا تۇرۇشلۇق مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەندىن كىيىن، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ «پاناھلانغۇچى»  سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ 3 – بىر دۆلەتكە ساق – سالامەت ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن جىددىي خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە. ئەمما خىتاي داىرىلىرى بولسا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى جىنايەتچىلەرگە پاناھلىنىدىغان يەر بولماسلىققا چاقىردى.
جياڭيۈنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىگە نىسبەتەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ ئىنكاس قايتۇردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسۇلى ئىلشات ئەپەندى بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 22 نەپەر ئۇيغۇرنى جىنايەتچى دەپ ئەيىبلىشىنىڭ تامامەن ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ھەرگىزمۇ خەلقئارانىڭ كۆز قارىشى ئەمەسلىكىنى ئىيتتى.

رويتىرس ۋە بىرلەشمە ئاگىنتلىقىغا ئوخشاش ھەرقايسى مۇھىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي داىرىلىرى بىر ھەپتە بۇرۇنلا كامبودژا ھۆكۈمىتىگە بۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە دىپلوماتىك نوتا بەرگەن بولۇپ، كامبودژا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوي كوڭ خىتايدىن دىپلوماتىك نوتا كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنىدىن خەۋىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە كامبودژا داىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش – قايتۇرماسلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، » كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرچە بۇ مەسىلىگە ئېنىق بىر ئىپادىسى يوق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە كامبودژا داىرىلىرى بىرلىشىپ، بۇ 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقەتەن پاناھلانغۇچى  سالاھىيىتىگە توشۇش – توشماسلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن جىددىي خىزمەت قىلماقتا،» دېگەن.

كامبودژا ھۆكۈمىتى 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى ئاشكارىلانغاندىن  كىيىن، ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئىجتىمائىي مەسىلە بولسا خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئەگەر سىياسىي مەسىلە بولسا، بۇنىڭ باشقىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى، ئەگەر يەنە ئىجتىمائىي مەسىلە بولغان تەقدىردىمۇ، دۆلىتىگە قايتسا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان ئىش بولسا، ئوخشاشلا خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىلشات ئەپەندىم بولسا ھازىرقى ئومۇمىي ۋەزىيەتتىن قارىغاندا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ياخشى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئىيتتى.

گەرچە چەتەللەردە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە بولغان باھالار ئىجابىي بولسىمۇ، ئەمما خىتاي داىرىلىرى چەتەللەر بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەن ئۇيغۇر دىيارىغا پەرقلىق تەشۋىقاتلارنى ئىلىپ بارماقتا.

يېقىندا خىتايدا چىقىدىغان «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى 22 نەپەر ئۇيغۇرنى كامبودژا داىرىلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە ماقۇل بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. ئەمما، بۇ خەۋەر خەلقئارادىكى باشقا ھېچقانداق مەتبۇاتتىن ئورۇن ئالمىغان ھەم كامبودژا داىرىلىرى تەرىپىدىنمۇ دەلىللەنمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كامبودژادىكى ئىشخانىسى ھازىرغا قەدەر كامبودژا ھۆكۈمىتىدىن 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بۇ يەردە پاناھلىنىشىغا قارىتا ھېچقانداق نارازىلىق سۆز ۋە ھەرىكەتنىڭ بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىزگە كەلگەن باشقا خەۋەرلەردىن «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ كامبودژاغا قېچىپ كېلىپ پاناھلانغان  ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە «كامبودژادا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قولغا چۈشتى» دېگەن ئىبارىنى قوللانغانلىقى  مەلۇم.

ئىلشات ئەپەندى بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋەتەن ئىچىدە باشقا خەۋەر مەنبەسى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى يالغان خەۋەرلەر ئارقىلىق ئالداپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چەت مەملىكەتلەرگە قىچىش يولىنى توسۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئويناۋاتقان ئويۇنى ئىكەنلىكىنى ئىيتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.