Responsive Image

رافائەل گلۈكىسمان: «ياۋروپانىڭ قىممەت قارشى بويىچە ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز»

رافائەل گلۈكىسمان: «ياۋروپانىڭ قىممەت قارشى بويىچە ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز»مەركىزى پارىژدىكى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 24-نويابىر، فىرانسىيە.

24-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك بازىرىغا يېقىن جايدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بىر بىنادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ 10 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاز دېگەندە 40 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن بىلدۈرۈلگەنىدى. بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. ھەر قايسى دۆلەتلەردە، جۈملىدىن فىرانسىيەدە خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرى قايتا باش كۆتۈردى.

2-دېكابىر كۈنى مەركىزى پارىژدىكى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىدىن رافائەل گلۈكىسمان (Raphaël Glucksmann) ۋە يانىك ژادوت (Yannick Jadot)، شۇنداقلا فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋالېرى رابولت (Valérie Rabault) قاتارلىقلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ھەققىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر يىغىندا ئۇلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر پاجىئەنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دىلنۇر رەيھان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

رافائەل گلۈكىسمان ئەپەندى يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز ھەقىقەتەن تارىخى بىر مەزگىلدىن ئۆتۈۋاتىمىز. بىز بۇ مەزگىلدە چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا بولۇشىمىز، ئۇلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. بىز فىرانسىيەدە ۋە ياۋروپادا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. بارلىق دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ۋە باشقا بارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى تۇرۇشى كېرەك. بىز تېخىچە خىتاينى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتكۈزەلمىدۇق. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ خىتاينىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى بىر ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىش بەكمۇ مۇھىم. ياۋروپا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتى ئۈچۈن خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. بۇ، ياۋروپانىڭ قىممەت قارىشىغا ماس كەلمەيدۇ ھەتتا ئۇزۇن مۇددەتنى ئويلىغاندا ياۋروپانىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق. شۇڭا بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە خىتاينىڭ تەسىرىنىڭ يەرشارى مىقياسىدا بۇ قەدەر زورىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك».

ئارقىدىن فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋالېرى رابولت خانىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن يانغىن بىزنى قايتا ئويغىتىشى كېرەك. بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تراگېدىيەنى قايتا ئېچىپ بەردى. ئەسلىدىنلا خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقىغىمۇ ھۆرمەت قىلمايتتى. ئالدىنقى يىلى فىرانسىيە پارلامېنتى ئۇيغۇرلارغا ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان، لېكىن بۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنمىدى. مۇشۇنداق ئېغىر بىر ئەھۋالدىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماسلىق دۆلىتىمىز ئۈچۈن نومۇس. پارلامېنتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭمۇ بۇنىڭغا قارىتا تېگىشلىك جاۋابنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

ئاخىرىدا ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى يانىك ژادوت ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقە خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ بىرى. پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن كېيىن بۇ تۈرلۈك باستۇرۇشلار ۋە كونتروللۇق بارغانسېرى ئاشتى. ئۇيغۇرلارغا يىللاردىن بىرى يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا قوللانماقتا. خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇيغۇرلارنىڭ تراگېدىيەسى، خوڭكوڭدىكى نامايىش ۋە تەيۋەن مەسىلىسى كۆز ئالدىمىزدا تۇرسىمۇ ياۋروپا يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى داۋام قىلماقتا. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا دائىر قانۇنلارنى يولغا قويۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بىزمۇ ئامېرىكا ۋە كانادا يولغا قويغاندەك مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنلىرىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەر قانداق مەھسۇلاتنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كېرىشىنى چەكلىشىمىز كېرەك. مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن. ياۋروپالىقلارنىڭ ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى، ئۇلارنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

رافائەل گلۈكىسمان، ۋالېرى رابولت، يانىك ژادوت ۋە دىلنۇر رەيھان قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئايرىم-ئايرىم نۇقتىلاردىن تەپسىلىي چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇلار ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن بولۇپمۇ فىرانسىيەدىن خىتايغا قاتتىقراق، ئېنىقراق پوزىتسىيەدە بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دىلنۇر رەيھان خانىم رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، مەزكۇر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنىڭ يەنە بىر مەقسىتى 3-دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «ئۇيغۇر يۈرۈشى» ئۈچۈن چاقىرىق قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە سىياسىيونلارغا مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان يوللار ئارقىلىق ھەر دائىم ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئەسلىتىپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.