Responsive Image

رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېتەكچىسى، ئۇيغۇر زىيالىيسى شېرىپ ئەخمەدوف ئاكىنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە

رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېتەكچىسى، ئۇيغۇر زىيالىيسى شېرىپ ئەخمەدوف ئاكىنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2019-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ​

بىز بۈگۈن رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېتەكچىسى، موسكۋادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى،مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىسى شېرىپ ئەخمەدوف ئاكىنىڭ تۆنۈگۈن، يەنى 2019-يىلى 16-ئاۋغۇست كۈنى كەچتە موسكۋادا تۇيۇقسىز ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى بىلىپ چۇڭقۇر قايغۇغا چۆمدۇق.

شېرىپ ئەخمەدوف ئاكىنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ئەسلى قەشقەرنىڭ بەشكىرەم تەۋەسىدىن بولۇپ، ئوزى 1939-يىلى،10-ئاينىڭ 26-كۈنى شەرقى تۇركىستاننىڭ شىخۇ ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

1955-1961-يىللىرى موسكىۋادىكى كانچىلىق ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ ئۈرۇمچىدە خىزمەت قىلغان. 1962-يىلى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بۇزۇلغاندا، مىڭلىغان ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، ئائىلىسى بىلەن بىرگە موسكىۋاغا كۆچۈپ كەلگەن. كېيىن بىر قانچە يىل سىبىرىيەدىكى كانلاردا ئىنجېنېر بولۇپ ئىشلىگەن ۋە ئارقىدىن موسكۋادىكى يېنىك سانائەت مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى كۆمۈر كان تەتقىقات ئورنىدا كۆپ يىللار تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن.

شېرىپ ئەخمەدوف ئاكا 1992-يىلى موسكىۋادا باشقا بىر قىسىم ئالىملار ۋە زىيالىيلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرغان. كېيىن بۇ جەمئىيەت رۇسىيە خاراكتېرلىك جەمئىيەتكە ئايلىنىپ، ئۆزى مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ھەم رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ بۇ جەرياندا موسكىۋادىكى ئۇيغۇرلارنى بىر ئارىغا جەم قىلىش، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا لاگېرلارنى تاقاش ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرىنى تەشكىللەش شۇنىڭدەك ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلىرى بىلەن تۇنۇلغان.

شېرىپ ئەخمەدوف ئاكا يەنە كۆپ قېتىم قازاقىستان ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە سەپەرلەردە بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئائىت چاقىرىلغان يىغىنلارغا قاتناشقان. بولۇپمۇ، 2017-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۇركىستاندا خىتايلار ئۇيغۇرلارنى كەڭ-كۆلەمدە لاگىرلارغا قاماشقا باشلىغاندىن بېرى، شررىپ ئاكا تېخىمۇ ئاكتىپ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ رۇسىيەدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تونۇلىشىغا ھەسسە قوشقان.

شېرىپ ئاكا يەنە تارىخ ۋە سىياسىي مەسىلىلەر تەتقىقاتچىسى ھەم شائىر بولۇپ، «تارىم سەرگارى» تەخەللۇسى بىلەن رۇس ۋە ئۇيغۇر تىلىدا كۆپلىگەن تارىخى ۋە ھەمدە مەخسۇس ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسى ھەققىدىكى ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.
شېرىپ ئەخمەدوف ئاكا ئاخىرقى قېتىم 2018-يىلى 11-ئايدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرغان «شەرقى تۇركىستان مىللى كېڭىشى» يىغىنىغا روسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان ئىدى.

شېرىپ ئەخمەدوف ئاكىنىڭ ھاياتى، بىر ئۆمۈر ۋەتەن-مىللەت قايغۇسىدا ئۆتكەن ۋە ۋەتەن -مىللەت ئۇچۇن كۆپ خىزمەتلەرنى قىلغان مەنىلىك ۋە شەرەپلىك ھاياتتۇر! مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى مۇھاجىرەتتە ۋەتەن ھەسرىتىدە ياشاۋاتقان بارچە ئۇيغۇرلار ئۇچۇن چوڭ بىر يوقۇتۇش بولدى.

بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شېرىپ ئەخمەدوف ئاكىنىڭ ۋاپاتىغا چۇڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز، مەرھۇمنىڭ ئائىلە، ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن ھال سورايمىز، مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي، ئامىن!

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2019-يىلى، 8-ئاينىڭ 17-كۇنى

گېرمانىيە، مىيۇنخېن