Responsive Image

تېسلانىڭ ئۈرۈمچىدە شۆبە دۇكان ئېچىشى كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىدى

تېسلانىڭ ئۈرۈمچىدە شۆبە دۇكان ئېچىشى كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

داڭلىق ئېلېكترونلۇق ئاپتوموبىل شىركىتى تېسلا ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە شۆبە دۇكىنى ئاچقانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇلارنىڭ ئېلان قىلىشىچە، مەزكۇر شۆبە دۇكىنى ئۈرۈمچىنىڭ مىدۇڭ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ھەم سېتىش ھەم مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

تېسلا شىركىتىنىڭ خىتايدىكى 60 تىن ئارتۇق شەھەردە سېتىش ئورۇنلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزىدە شۆبە ئېچىشى زور ئىنكاس قوزغىدى. تېسلانىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەنقىدكە ئۇچرىدى.

ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە تېسلانىڭ ھەرىكىتىنى تەسىرى ياخشى بولمىغان بىر ھەرىكەت، دەپ باھالىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«يۈز بېرىۋاتقان شۇنچە ئىشلارغا قارىماي تېسلانىڭ ئۈرۈمچىدە شۆبىسىنى ئاچماقچى بولۇشى سوئال پەيدا قىلىدىغان بىر ھەرىكەت. تېسلا ئۆزىنىڭ تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى شۆبىسى كىشىلەرگە خاتا سىگنال بېرىدۇ».

تېسلا شىركىتى يېڭى يىل ھارپىسى يەنى 31-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ۋېيبو تورىدىكى رەسمىي ھېسابى ئارقىلىق ئۈرۈمچىدىكى شۆبىسى ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، ئۇلار بايانىدا «2021-يىلىنىڭ ئاخىرقى كۈنى بىز شىنجاڭدا ئۇچرىشايلى. 2022-يىلى، بىز بىرلىكتە شىنجاڭنى ئېلېكترونلۇق سەپەرگە چىقىرايلى» دېگەن. ئۇلار بۇ يازمىسىنى تېسلانىڭ ئۈرۈمچىدىكى شۆبىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى ئەجدىھا ئۇسۇلىنىڭ سۈرەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تارقاتقان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشلىرى ۋە ئىنسان ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەم ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئارقىدىن ئامېرىكادا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» يېڭى يىل كىرىشتىن سەللا بۇرۇن پرېزىدېنت بايدېن تەرىپىدىن ئىمزالىنىپ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىشتىكى يۈكسەك ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ بەرگەنىدى.

ئادىرىيان زېنز ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قانۇن خىتايغا ياكى ئۇيغۇر ئېلىگە مال ساتىدىغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى چەكلىمىسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن خىتاينىڭ بۇندىن كېيىن غەرب شىركەتلىرىنى تەرەپ تۇتۇشقا قىستايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىلگىنىڭىزدەك تېسلا شىركىتى ئۇيغۇر رايونىغا مال ساتىدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە ئىشلەپچىقارمايدۇ ۋە ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكاغا ساتمايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان ھېسابلانمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ خەلقئاراغا بەرگەن تەسىرى بەك ناچار بولىدۇ. تېسلا خىتايدىن ناھايىتى زور پايدا كۈتۈۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ بازارنى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايدىغانلىقى مۇقەررەر. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى، بىزنىڭ ئەمدى يېڭى بىر يۈزلىنىشنى كۆرۈشىمىز مۇمكىنلىكى، يەنى خىتاينىڭ ئەمدى غەرب شىركەتلىرىنى خىتايدىكى مەنپەئەتى بىلەن ئەخلاقىي پوزىتسىيەسى ئارىسىدىن بىرنى تاللاشقا مەجبۇرلىشىدۇر. شىركەتلەر ئەگەر خىتايدا تىجارەت قىلىمەن دېسە، شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنى كۆرمەسكە سېلىشقا ۋە ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي ھەم قانۇنىي مەسئۇلىيىتىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولىشى مۇمكىن».

تېخى يېقىندا ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق شىركىتى ۋولمارت ۋە ئىنتىل شىركەتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنىغا ئاساسەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن خالىي بولۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ئۈچۈن خىتاي خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانىدى. غەرب شىركەتلىرى نۆۋەتتە ئەخلاق ۋە مەنپەئەت ئارىسىدىكى ئىنتايىن نازۇك سىزىقتا مېڭىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان بىر پەيتتە تېسلانىڭمۇ رايونغا كىرىشى نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن تېسلانىڭ خاتالىقى، دەپ قارالماقتا.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيومۇ 3-يانۋار بۇ ھەقتە تىۋىتتېردا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «پرېزىدېنت بايدېن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى ئىمزالىغاندىن كېيىنلا تېسلا شىنجاڭدا شۆبە دۇكىنىنى ئاچقانلىقىنى ئېلان قىلدى. دۆلەتسىز شىركەتلەر خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رايوندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە قۇل ئەمگىكىنى يېپىشىغا ياردەم قىلماقتا» دەپ يازغان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادوۋكات ۋە تەتقىقاتچى رەيھان ئەسئەتمۇ تىۋىتتېر ئارقىلىق بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ ؛ «تېسلا قارىماققا ئۆزىنىڭ قانداق بىر كېلەچەكنى يارىتىشقا ياردەمدە بولۇۋاتقانلىقىغا بەك ئەھمىيەت بەرمەيدىغاندەك قىلىدۇ. يەنى ئۇ خىتايدىكى بازاردىن پايدا تاپقان مۇددەتچە خىتايدىكى قۇللۇق تۈزۈمنى قوبۇل قىلغاندەك قىلىدۇ. ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە ياردەم ۋە ئىلھام بېرىش پەخىرلىنىدىغان ئىش ئەمەس» دەپ يازغان.

ئادرىيان زېنز ئەپەندى بۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا ھۆكۈمەتلەر ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شىركەتلەر ئۆزىگە زىيان تەگمەيدىغان ئەھۋالدا ئەخلاقتىن سۆز ئاچىدۇ، خۇددى ئامېرىكانىڭ ئىچكى سىياسەتلىرىدە بولغىنىدەك. شۇڭا مېنىڭ تەكرارلايدىغىنىم، بۇنداق ۋەزىيەتكە قانۇن ۋە ئىستېمالچىلار ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش كېرەك. جۈملىدىن غەرب ھۆكۈمەتلىرى شىركەتلەرنى چەكلەيدىغان قانۇن-تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. ئىستېمالچىلار بولسا تەرەپ تۇتۇش ئارقىلىق بۇنداق شىركەتلەرنى قېيىن ئەھۋالدا قويۇشى كېرەك».