Responsive Image

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى قوغداش خامچوتلىرى ئۆرلىمەكتە ئەمما خاتىرجەملىكچۇ؟

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى قوغداش خامچوتلىرى ئۆرلىمەكتە ئەمما خاتىرجەملىكچۇ؟

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 28– ئاۋغۇست

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي تور بېتىدە، مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئېلان قىلغان بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەزگىلىدىكى خامچوت دوكلاتىنى ئېلان قىلغان ئىدى. دوكلاتتا بېرىلگەن ستاتىستىكىلاردىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىكنى قوغداشقا سەرپ قىلغان راسخوتلىرىنىڭلا ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 45 پىرسەنتكە يېقىن ئۆرلىگەنلىكى مەلۇم بولدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 10-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ۋەن خەيچۈن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 12-قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق كىرىم ۋە چىقىمى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. دوكلات، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەڭ دىققەت قوزغايدىغان نۇقتا بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمەتلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلغان راسخوتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا كۆپىيىۋاتقانلىقىدۇر. ۋەن خەيچۈننىڭ قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتىدا ئېيتىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي «جامائەت بىخەتەرلىكى» نى قوغداشقا 81.18 مىليارد سوم سەرپ قىلىنىپ، ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7.44 پىرسەنت ئاشقان.

ۋەن خەيچۈننىڭ دوكلاتىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا «مۇقىملىقنى ساقلاش» خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئايرىلغان راسخوت ئايرىم بولۇپ، ئۇنىڭغا 37 مىليارد سوم يەنى ئالاھازەل 5.5 مىليارد دوللار سەرپ قىلىنغان. دېمەك، ۋەن خەيچۈننىڭ دوكلاتى بويىچە بولغاندا بۇ يىللىق مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنى ساقلاش خىزمەتلىرىنىڭ خامچوتىنىڭ 25 مىليارد دوللاردىنمۇ ھالقىپ كېتىدىغانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خامچوتتىكى ئۆرلەشنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىملىق تەدبىرلىرى ھەم مۇقىملىقنى ساقلايدىغان ئادەم كۈچىدىكى ئۆرلەشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «2009-يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدا ھەربىي كۈچ ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى داۋاملىق ئۆرلەپ كېلىۋاتاتتى. 2017-يىلىغا كەلگەندە بۇنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى كۆردۇق. بۇ پەقەت پۇل ۋە ئادەم كۈچىدىلا ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى چىڭىتىشتا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقتى. مەسىلەن، تېخنىكا تەرەپتىن ئالغاندا ھۆكۈمەت كىشىلەرنىڭ تېلېفونلىرىدا نېمە بولۇشى كېرەكلىكى، توردا نېمىلەرنى كۆرسە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، بولۇپمۇ مائارىپتا ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ نېمە ئۆگىنىش-ئۆگەنمەسلىكىگىچە ئارىلاشتى. دېمەك، بۇ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن جىددىي. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىخەتەرلىك راسخوتىدىكى بۇ ئارتىش بولسا رايوندىكى مۇشۇ خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ۋە شۇنداقلا بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئاجرىتىلىۋاتقان ئادەم كۈچىنىڭ ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقان تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يەنە ئۆرلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.»

دەرۋەقە، ۋەن خەيچۈننىڭ دوكلاتىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر قۇرۇلۇشىغا يەنە 9 مىليارد سوم سەرپ قىلغان بولۇپ، بۇ مەخسۇس تۈرلەر «جەنۇبتىكى 4 ۋىلايەتتە مەركەزلەشتۈرۈلگەن يېپىق مائارىپ تەربىيىلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، بىخەتەرلىك كامېرالىرى كۆرۈنۈشلىرىنى تورلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆز-ئارا يەتكۈزۈش سۇپىسى قۇرۇلۇشى، بىخەتەرلىككە ئائىت قۇرۇلۇشلارنى تۈرلەشتۈرۈش، بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئارقا سەپ تەمىنلەش-يەتكۈزۈش سۇپىسى قۇرۇلۇشى، خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتلىرى قۇرۇلۇشى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تۈرمىلەرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش، ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە ئاجىز ھالقىلارنى تۈزەش» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان گېرمانىيەدىكى «ياۋروپا مەدەنىيىتى ۋە ئىلاھىيەت مەكتىپى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادريان زېنز ۋە ئاۋسترالىيەلىك تەتقىقاتچى جەيمىس لېيبولدلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2009-يىلىدىن بۇيانقى مۇقىملىقنى قوغداش راسخوتى ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىسى بۇ يىل 3‏-ئايدا «تاشقى ئىشلار ژۇرنىلى» ۋە «جەيمىس توۋن فوندى جەمئىيىتى» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا مەخسۇس «مۇقىملىقىنى قوغداش» قا سەرپ قىلىۋاتقان خامچوت ئۆزىلا 2009-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە 356 پىرسەنت ئېشىپ، يەتتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەمئىي ئىچكى بىخەتەرلىك خىراجەت خامچوتى بۇنىڭدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ بولۇپ، 2015-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا يەرلىك مالىيەنىڭ بىخەتەرلىككە ئاجراتقان خىراجىتى بىلەن مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئاجراتقىنىنى قوشقاندا، بۇ سان 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، چېن چۇەنگو ئۇيغۇر ئېلىغا سېكرېتار بولۇپ كەلگەندىن بۇيان دىيارىدا جەمئىي 84 مىڭ كىشىلىك ساقچى خىزمەت ئورنى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدا 11 ئاي ئىچىدە ئېلان قىلىنغان ساقچىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئورنى ئۆتكەن 10 يىل جەريانىدا پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئېلان قىلىنغان بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ سانىدىن 50 پىرسەنت كۆپ بولغان. نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىنىۋاتقان بۇ تەدبىرلەرنى «ساقچى دۆلىتى» سىستېمىسىغا ئوخشاتقان ئىدى.

ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پانوما ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى درۇ گلەدنېي بولسا ،خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىۋاتقان بۇ تەدبىرلەرنى خىتاينىڭ ئۆز سىياسىتىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ كەمچىللىكىدىن كەپ چىققان، دەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن بۇ تەدبىرلەر خىتاينىڭ قۇدرىتىنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر خىتاي ئۆزىنىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرىگە، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىگە ئىشەنگەن بولسىدى، ئەركىن، ئوچۇق-ئاشكارا سىياسەت يۈرگۈزگەن بولاتتى. ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن بولۇشىدىن قورقۇشى ئۇنىڭ رايوندىن ئەنسىرەيدىغانلىقى، ئۆز ھاكىمىيىتىگە ئىشەنچى يوقلۇقى، رايوننى كونترول قىلالمايۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. مەنچە بۇ، خىتاينىڭ ئۆزى ئۈچۈنمۇ بىر بەختسىزلىك. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا 60 يىلدىن بېرى كۈچلۈك بىر شەكىلدە مەۋجۇت بولغان تۇرۇقلۇق، ھازىرغىچە ئۆزى دەپ كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە تىنچلىق ئىچىدە تەرەققىي قىلىش سەۋىيىسىگە يېتەلمىدى.»

ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندىمۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ياخشىلىماي تۇرۇپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئاشۇرۇشقا قانچىلىك كۆپ مەبلەغ سەرپ قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇر ئېلىدا ھەقىقىي مۇقىملىق يارىتالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.