Responsive Image

خىتايدا قولغا ئېلىنغان كانادالىق مۇخبىر ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىشنى ئويلىغان

خىتايدا قولغا ئېلىنغان كانادالىق مۇخبىر ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىشنى ئويلىغان

تۈركىستان ۋاقتى
2017 – يىلى 28– ئاۋغۇست

بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ قىسقا ۋاقت تۇتۇپ تۇرۇلغان كانادانىڭ «يەرشارى ۋە مەكتۇپلار گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى ناتخان ۋاندېركلىپ(Nathan VanderKlippe)، خىتاينىڭ مۇقىمسىز شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان – ت) رايونىغا بېرىپ، 2014- يىلى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چىققان قانلىق ۋەقە ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارغا ئېرىشىشنى ئويلىغان. سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ ۋەقەدە 2000 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ۋاندېركلىپ «يەرشارى ۋە مەكتۇپلار گېزىتى»نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بولۇپ، ئۇ 23- ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى كەچتە ئېلىشقۇغا يېتىپ بارغان. ئۇنىڭ كومپيۇتېرى مەخپىي ساقچىلار تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغان، ئۇ پەيشەنبە ئەتتىگىنى قويۇپ بېرىلگەن.

تىبەتكە ئوخشاشلا، شىنجاڭمۇ خىتاي كوممۇنست ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئىنتايىن سەزگۈر رايونلارنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىگە بولغان باستۇرۇشلىرىدىن نارازى ھەمدە پات – پات قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بولۇپ تۇرىدۇ.

خىتاي كوممۇنست ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنى ئىبادەتلىرىنى قىلىشىغا چەكلىمىلەر قويغان. مەسىلەن، مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇرۇشى چەكلەنگەن، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى، ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئورىۋېلىشى مەنئىي قىلىنغان، مۇسۇلمانلار چوشقا بېقىشقا مەجبۇرلانغان، ھالبۇكى چوشقا مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيىدە مەينەت دەپ قارىلىدۇ.

2014- يىلى 28- ئىيۇلدا يەنى رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئېلىشقۇ بازىرىدا يۈز بەرگەنلەر ھەققىدە كۆپ نەرسىلەر سىر پېتى قالغان. خىتاي دائىرىلىرى قانلىق ۋەقەنىڭ پىچاق ۋە پالتا بىلەن قوراللانغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ، دائىرىلەر ۋەقەدە 100 گە يېقىن كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

لېكىن، بۇ ۋەقەنى بىر قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر رەھبەر رابىيە قادىر بولسا، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 2000 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىگە دائىر دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بۇنىڭ شىنجاڭ تارىخىدىكى ئۆلۈش – يارىلىنىش سانى ئەڭ كۆپ بولغان ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ۋەقەلەر ھەققىدە مۇستەقىل خەۋەر بېرىشنى باستۇرۇش خىتايدا كەڭ ئومۇملاشقان. 1989- يىلى بېيجڭىدا يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن مەيدانى قىرغىنچىلىقىدا ئۆلگەنلەر سانى ھېلھەم ئېنىق ئەمەس، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆلگەنلەر سانىنى 200 دىن 300 قىچە دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، باشقا مەنبەلەر 1000 دىن ئېشىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن.

يامانلىشىۋاتقان ۋەزىيەت

خىتاي چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خىتايدىكى ئەھۋالى داۋاملىق يامانلاشماقتا ئىكەن.

مەزكۇر كۇلۇبنىڭ 2016- يىللىق تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشچە، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ %98 ى خىتايدىكى شارائىتنىڭ ئىنتايىن ئاز ئەھۋالدا خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە چۈشىدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ، مەركەز ۋە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىش، توسقۇنلۇق قىلىش ۋە قورقۇتۇش ئەھۋاللىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

%60 كە يېقىن مۇخبىر ئۆزىنىڭ خىتايدىن خەۋەر بېرىۋاتقاندا مۇداخىلە، پاراكەندىچلىكىك ۋە زوراۋانلىقنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.

ۋاندېركلىپ قولغا ئېلىنىش جەريانىدا ساقچىلارغا خىتاي قانۇنىنىڭ ئۆزى ماقۇل بولغان ھەر قانداق كىشىنى زىيارەت قىلىشقا يول قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. لېكىن ئۇنى تۇتقۇن قىلغانلار، خىتاي قانۇنىنىڭ مەخپىي ساقچىلارغا ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭغا ئوخشاش سەزگۈر رايونلاردا تېخىمۇ شۇنداقلىقىنى ئېيتقان.

ۋاندېركلىپ يەرشارى ۋە مەكتۇپلار گېزىتىگە ئۆز قسىمىتىنىڭ بىر كۆزنەك ئاچقانلىقى ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ: «خىتاي قانۇنلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ نىشانلارغا يېتىش ئۈچۈن قەرەللىك ھالدا ئېتىبار قىلمىسمۇ بولىدىغان يول تاختىسىغا ئوخشاش كىچىكلىتىلىدىغانلىقى، دائىرىلەرنىڭ ئىككىسىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىلغان بۇرمىلاشلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كۆزنەك»

«بۇ شۇنداقلا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ قاتتىق سىياسەتلىرى ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئۆز خالىغانچە ياشاش ئىقتىدارىنى چەكلىمىگە ئۇچراتقان بىر رايوندا ھوقۇقى يەتمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئالغان تەدبىرلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.“

ئۆتكەن يىلى ئىيۇندا، كانادالىقلار ئۆز تۇپرىقىدا خىتاينىڭ مۇخبىرلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا شاھىت بولغان ئىدى. ئەينى ۋاقتتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئوتتاۋادا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئورتاق مۇخىبرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىلىرى ھەققىدە سوئال سورىغان بىر كانادالىق مۇخبىرغا تاپا – تەنە قىلغان ئىدى.

2015- يىلى دېكابىردا، خىتاي فرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا گوتىئېرنى خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئوخشاش ئورۇنغا قويغانلىقىنى ئەيىبلەب يازغان بىر ماقالىسى سەۋەبلىك خىتايدىن قوغلاپ چىقارغان.

«The Epoch Times«