Responsive Image

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خاتىرىلەندى

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خاتىرىلەندىشىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى ئەزالىرى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» نى خاتىرىلەش نامايىشىدا. 2023-يىلى 9-دېكابىر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 18-نويابىر كۈنى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئىنسانىيەتنىڭ دەۋاسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، 9-دېكابىر «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» نى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ-كۆلەمدە خاتىرىلەشنى چاقىرىق قىلغان ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرەسىدە خىتايغا قارشى كەڭ-كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى ۋە ھەر خىل شەكىللەردىكى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

شىمالىي ياۋروپادىكى شىۋېتسىيەدە ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشىغا قارىماي، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» نىڭ تەشكىللىشى بىلەن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان. «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» نىڭ رەئىسى بەختىگۈل خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شىۋېتسىيەدە ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

«شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» مۇ 9-دېكابىر «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن سىنلىق چاقىرىق ئېلان قىلغان ئىدى.

«شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى رىزۋانئاي خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2016-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغىغانلىقى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە باستۇرۇشنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى ھەم ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقى؛ ئۆزلىرىنىڭ بۇ سىنلىق چاقىرىق ئارقىلىق شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش، شۇنداقلا شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى» نىڭ روھىغا ئاساسەن خىتايغا قارىتا كەسكىن چارە-تەدبىر ئېلىشقا دەۋەت قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى ئەزالىرى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» نى خاتىرىلەش نامايىشىدا. 2023-يىلى 9-دېكابىر.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى ئەزالىرى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» نى خاتىرىلەش نامايىشىدا. 2023-يىلى 9-دېكابىر.

گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىممۇ 9-دېكابىر «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىقنامە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ مەزكۇر چاقىرىقنامىسىدە «بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار بىر بايراق ئاستىغا مۇستەھكەم ئۇيۇشۇپ، خىتاينىڭ ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىچىلىك تارىخىغا خاتىمە بېرەيلى! قولىمىزدىن كېلىدىغان بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى!» دەپ يازغان.

ئۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 9-دېكابىر «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» نى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

9-دېكابىر كۈنى يەنە «فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى پارىژدىكى ئېففېل مۇنارى ئەتراپىدا ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەردە تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىش، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئېلان تاختىلىرىغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارنى چاپلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

فىرانسىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەكبەر ۋە ئىرفان ئەپەندىلەر، 9-دېكابىر كۈنى فىرانسىيەدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇيغۇر زىيالىيسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىيان ئەپەندىمۇ 9-دېكابىر مۇناسىۋىتى بىلەن، بۇ كۈننى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ.

9-دېكابىر كۈنى ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە قار-شىۋىرغان چىقىپ، ھاۋا قاتتىق سوغۇق بولدى. شۇنداق بولسىمۇ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى تۈرلۈك شەكىللەردە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» نىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلىدى. شۇ كۈنى ياپونىيە، تۈركىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ تۈرلۈك شەكىللەردە بۇ كۈننى خاتىرىلىگەنلىكى مەلۇم.