Responsive Image

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» قارارى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنىدە ميۇنخېندا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» قارارى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنىدە ميۇنخېندا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» نىڭ 2 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشىدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 9-دېكابىر، ميۇنخېن، گېرمانىيە. RFA/Ekrem

2021-يىلى 9-دېكابىر كۈنى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ قارار قىلغان، ئارقىدىنلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ كۈننى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» دەپ بېكىتكەن ئىدى. د ئۇ ق نىڭ بۇ چاقىرىقىغا بىنائەن، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» نىڭ 2 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن 9-دېكابىر كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك شەكىللەردە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزدى. گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ شەھەر مەركىزىدە رەسىم كۆرگەزمىسى بىلەن بىرگە نامايىش ئېلىپ باردى. نامايىش مەيدانىنىڭ ئەتراپىغا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە كىملىكى ئاشكارىلانغان تۇتقۇنلارنىڭ چوڭايتىلغان سۈرەتلىرى تىزىلغان ئىدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نامايىش مەيدانىدا قىلغان سۆزىدە، ئالدى بىلەن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» قارارىنى قوبۇل قىلىش جەريانى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 9-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» مۇ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن باياناتلار ئېلان قىلغان.

ميۇنخېن شەھىرىدىكى نامايىشقا كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار قاتناشقاندىن سىرت، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىمۇ قاتناشتى. باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ماركوس رىندېرسپاچېر(Markus Rinderspacher) ئەپەندى نامايىش مەيدانىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «تودېنخۆفېر ئەترىتى» ناملىق پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىسى يۈرگېن تودېنھۆفېر (Jürgen Todenhöfer) ئەپەندى سۆزىدە خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ 21-ئەسىردىكى ئىنسانىيەت ئالىمى ئۈچۈن بىر قارا داغ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «ئەركىن ياشاش ھەققى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى، دىنىي-ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكى بىلەن ياشىشىغا يول قويۇش كېرەك، ئۇيغۇرلار ئىنسان كەبى ياشىشى كېرەك!» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نامايىش مەيدانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» قارارىنىڭ ئۇيغۇرلار مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىلىشقا دۇچ كەلگەن ھالقىلىق بىر پەيتتە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە بۇ كۈننى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ خاتىرە كۈننى ھەتتا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولغاندىن كېيىنمۇ خاتىرىلىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ مەزكۇر نامايىش ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، 9-دېكابىر كۈنى ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كۆپلىگەن شەھەرلەردە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىشلار ۋە ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن.