Responsive Image

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى: «ياۋروپادىكى ساياھەت شىركەتلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتىنى توختىتىشى كېرەك»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يېقىندا فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسارىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئاز دېگەندە 18 ساياھەت شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت تەشكىللەۋاتقانلىقىنى بايقىغان. ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈشىچە، بۇ شىركەتلەر ساياھەتچىلەرنى قەشقەر، تۇرپان ۋە ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بارىدىكەن. بۇ شىركەتلەر كەم دېگەندە بۇ ئۈچ ئورۇننىڭ بىرىنى چوقۇم زىيارەت قىلىدىكەن.

مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات ئىشخانىسى دىرېكتورى ھېنرىي شاجىۋىسكىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىگە ئوخشاش قاتتىق قامال ئاستىدىكى رايونغا ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشىگە رۇخسەت قىلىشى قىزىقارلىق كۆرۈنسىمۇ، بىراق ياۋروپادىكى خۇسۇسىي ساياھەت شىركەتلىرى بىلەن كەلگەن ساياھەتچىلەر بەرىبىر خىتاي ھۆكۈمىتى سىزىپ بەرگەن سىزىقتىن چىقالمايدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

« رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقان ساياھەتلەر ئىككى خىل بولۇۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان ساياھەتلەر. كۆرگىنىڭىزدەك، ئۇلار ھازىرغىچە ئۆزىگە دوستانە دەپ قارىغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرىنى، مۇخبىرلىرىنى زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇردى. ئاندىن قالسا، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خۇسۇسىي ساياھەت شىركەتلىرى ئارقىلىق بولۇۋاتقان ساياھەتلەر. ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتى قانداق بولۇپ خۇسۇسىي ساياھەت شىركەتلىرى ئورۇنلاشتۇرغان ساياھەتلەرگە رۇخسەت بېرىدۇ، دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، ياۋروپادىكى ساياھەت شىركەتلىرى بىلەن بارغان ساياھەتچىلەرمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەييارلىغان ساياھەت ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ. مەسىلەن بىر شىركەتنىڭ ئېلانىدىكى زىيارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي. بۇ مۇزېيغا بارغان ساياھەتچى خىتاي ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان تارىخنى ئاڭلاپ كېلىدۇ. ساياھەتچىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايون ھەققىدە ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ھېكايىسىدىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. قىسقىسى سىز ئۇيغۇر ئېلىگە خۇسۇسىي ساياھەت شىركەتلىرى بىلەن بارسىڭىزمۇ، بەرىبىر رايوننىڭ ھۆكۈمەت سىز ئۈچۈن تەييارلىغان نۇسخىسىنى كۆرۈپ كېلىسىز.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرىدىكى ساياھەت شىركەتلىرى ساياھەتچىلەرنى زىيارەتكە ئاپىرىدىغان قەشقەر، تۇرپان قاتارلىق جايلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ دىنىي ئەقىدىلەرنى باستۇرۇش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، كۆزىتىش، نازارەت ۋە لاگېرلارغا سولاش ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان جايلار بولغاچقا، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە خىلاپ بولۇپلا قالماي، ئۇ ئەخلاقىي جەھەتتىنمۇ خاتا، دەپ كۆرسىتىلگەن. ھېنرىي شاجېۋىسكى بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى:

« ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت داۋامى قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت تەشكىللەش ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن پايدا ئېلىۋاتىدۇ. بۇ شىركەتلەرگە سورىسىڭىز ئۇلار ‹بىزنىڭ ساياھەتلىرىمىز دائىم بولمايدۇ، كوۋىدتىن بېرى بولۇپ باقمىدى› دېگەن باھانىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ تور بەتتە مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ئۆزىلا بۇ مەنپەئەت زەنجىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىككىنچى مەسىلە، بۇ ساياھەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجايىپلاشتۇرۇلۇشى(exoticization) مېنى بىئارام قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلىنىدىغان ساياھەت ھەققىدىكى ئېلانلىرىدا ‹ئەگەر ئۆتمۈشكە سەپەر قىلىشنى خالىسىڭىز بۇ يەرگە بېرىڭ» دېگەندەك سۆزلەرنىڭ يەر ئالغانلىقىنى كۆرىسىز. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ رومانتىكلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. ئەلۋەتتە بۇ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي پورترېتى ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى مانا مۇشۇنداق نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ ساياھەتچىلەرگە ‹مانا بىز مۇشۇنداق ئۆتمۈشتە قالغان ئادەملەرنى مەدەنىيلەشتۈرۈۋاتىمىز› دەيدىغان ئىدىيەنى سىڭدۈرىدۇ.»

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، گوللاندىيەدىكى بىر ساياھەت شىركىتىنىڭ ئېلانلارنىڭ بىرىدە، قەشقەردىكى ئەسلى مەۋجۇت بولغان قەدىمىي شەھەر رەستىلىرى چېقىلىپ، ئاھالىلەر تارقاقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، خۇددى دىسنىي باغچىلىرىنى ئەسلىتىدىغان پاسوندا سۈنئىي ياسالغان رايون ئاتالمىش قەدىمىي شەھەر رايونىنى «ئۆزگەرتىلىپ تېخىمۇ ياخشى قىلىۋېتىلگەن» دەپ ماختىغان سۆزلەر يەر ئالغان ئىكەن. شۇڭا ھېنرىي شاجېۋىسكى ياۋروپادىكى ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ مانا مۇشۇ خىلدىكى خىتاي ياساپ چىققان تارىخىي ئورۇنلارنى، ھېكايىلەرنى تەشۋىق قىلىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

« خىتاي ھۆكۈمىتى 2017- يىلى لاگېرلارغا زور كۆلەمدە ئادەم تۇتقۇن قىلغاندا بۇ ئورۇنلارنى «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش ئورۇنلىرى، بىز بۇلارنى تەربىيەلەپ كەسىپ ئىگىسى قىلىۋاتىمىز» دېگەننى تەشۋىق قىلغان ئىدى. ئەمدى بۇ ساياھەتلەر ئارقىلىق دۇنياغا ‹قاراڭلار بىز بۇ رايوننى ئۆزگەرتتۇق، ئۇنى بىخەتەر جايغا ئايلاندۇردۇق، بىزنىڭ بۇ تېررورچىلارنى  بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىمىزنى سىلەرمۇ ئۆگىنىشىڭلار كېرەك،› دەۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ ساياھەت شىركەتلىرى ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشى ۋە ئۇنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشى كېرەك»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2023- يىلى 8- ئايدا ئېلان قىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» ناملىق دوكلاتىدا ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەدىكى جەمئىي 7 ساياھەت شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھەتلىرى ھەققىدە توختالغانىدى. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، يۇقىرىدىكى دوكلاتتىن كېيىن بۇ 7 ساياھەت شىركىتى ئىچىدىكى « Goway Travel» ۋە « Intrepid Travel» شىركەتلىرى ئېلانلىرىنى ئۆچۈرگەن، بىراق قالغان بەش شىركەت يەنە ئوخشاش داۋام قىلغان.

رادىيومىز « Abercrombie & Kent »، « Wild Frontiers» ۋە « Bamboo Travel» قاتارلىق شىركەتلەرگە خەت يېزىپ ئۇلاردىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ باققان بولساقمۇ، ئۇلاردىن جاۋاب ئالالمىدۇق.

ھېنرىي شاجېۋىسكىنىڭ دېيىشىچە، ياۋروپادىكى شېركەتلەرمۇ سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانىكەن. بىراق ئۇ ئەسكەرتىپ،« ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركەتلەر چوقۇم بۇنى توختىتىشى، ئۆزلىرى ئەزا بولغان ساياھەتچىلىك جەمئىيەتلىرىنىڭ ئىش ئەخلاقىي پىرىنسىپلىرى بويىچە ھەرىكەت قىلىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلىشى لازىم»، دېدى.