Responsive Image

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 45-نۆۋەتلىك يىغىنى جەنۋەدە باشلاندى

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 45-نۆۋەتلىك يىغىنى جەنۋەدە باشلاندى

بۈگۈن، يەنى 22-يانۋار جەنۋەدىكى ب د ت باش شتابىدا «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرۈش يەر شارىۋى قەرەللىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 45-نۆۋەتلىك يىغىنى» رەسمىي باشلاندى.

22-يانۋار ئەتىگەندىن باشلاپ، ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شتابى ئالدىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەشكىللىگەن خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ب د ت باش شىتابى ئالدىدىكى مەيداندا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى تۇتقۇنلارنىڭ رەسىملىرىنى ئاساس قىلغان ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن چوڭ تىپتىكى رەسىم كۆرگەزمىسىمۇ ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىننىڭ بىدۇرۇشىچە، 23-يانۋار ب د ت دا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىدىغان رەسمىي يىغىن باشلىنىدىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 23-يانۋار كۈنى جەنۋەدە كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

بۈگۈن، يەنى 22-يانۋار چۈشتىن بۇرۇنقى ب د ت ئۆتكۈزۈلگەن ئوچۇق يىغىندا ئالدى بىلەن تىبەت تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتى سونۇلغان. بۇ يىغىندا سۆز قىلغان كەي مۈللەر (Key Muller) ئەپەندى، خىتاينىڭ تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل خەلقلىرىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئوپ-ئوچۇق ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ يىغىندا سۆز قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتى ۋە بۇنىڭ ب د ت غا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە نۇقتىلىق توختالغان. ئۇ، بۈگۈنكى ب د ت نىڭ يىغىن مەيدانىدىمۇ خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىشتىن چېكىنمىگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئۇ، سۆزىنىڭ داۋامىدا خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن خىتايپەرەس ياكى خىتايغا ماھىل كىشىلەرنى ۋە ئاتالمىش خىتايشۇناسلارنى تېپىپ، ئۇلارنى خىتاينى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللەۋاتقانلىقى؛ ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ جىنايىتىنى يۇشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى؛ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمە-لاگېرلارغا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ، مېڭە يۇيۇشنى ئاساسلىق نىشان قىلغان ياتاقلىق مەكتەپلەرگە بەند قىلىنغانلىقىنى؛ بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقىنىڭ ئورتاق تەقدىرى بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

بۇ قېتىم جەنۋەدىكى ب د ت باش شىتابىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يىغىنغا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات رەيھان ئەسەت ۋە سوفىي رېچاردسون خانىم قاتارلىق كىشىلەرمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم، بۇ قېتىمقى ب د ت باش شتابىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يىغىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

بۈگۈن جەنۋەدە يېغىۋاتقان قاتتىن يامغۇرغا قارىماي، ب د ت باش شىتابى ئالدىدىكى مەيداندا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشى داۋام قىلدى. بىز ب د ت ئالدىدىكى مەيدانغا تىكىلگەن ئۇيغۇر چېدىرىدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇ يىغىن جەريانىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ب د ت ئورگانلىرىغا قىلغان كۈچلۈك بېسىمى، شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى «تېررورچى» دەپ شىكايەت قىلىشى سەۋەبىدىن، مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە دولقۇن ئەيسا ۋە روشەن ئابباسنىڭ قاتارلىقلارنىڭ جەنۋەدىكى ب د ت باش شتابىغا كىرىش رۇخسىتى تەكرار-تەكرار بىكار قىلىنغان. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك ئېتىرازى ۋە ئارىلىشىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ب د ت باش شتابىغا كىرىش قەغىزى قايتا تەستىقلانغان.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىملىق يىغىن، ب د ت خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش بويىچە يەر شارىۋى خاراكتېرلىك قەرەللىك تەكشۈرۈش يىغىنىنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق يىغىنى، شۇنداقلا ب د ت نىڭ بۇ ھەقتە تەشكىللىگەن مەخسۇس گۇرۇپپىسىنىڭ 45-نۆۋەتلىك يىغىنى ئىكەن. ئەتە، يەنى 23-يانۋار كۈنى ب د ت دا رەسمىي ھالدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىلىدىكەن. جەنۋەدىكى ب د ت باش شتابىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا ئەتىمۇ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ خىتايغا قارشى چوڭ تىپتىكى نامايىشى داۋاملىشىدىكەن.