Responsive Image

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ھۆكۈمى توغرىسىدا» سۆھبەت يىغىنىغا خىتاي قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ھۆكۈمى توغرىسىدا» سۆھبەت يىغىنىغا خىتاي قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

12-يانۋار كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتلىرى ۋە ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراكىدا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ھۆكۈمى توغرىسىدا» ناملىق بىر تور سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.

13-يانۋار «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينىڭ ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ھۆكۈمى توغرىسىدا» ناملىق سۆھبەت يىغىنىغا قارىتا 12-يانۋار ئېلان قىلغان باياناتىنى كەڭ تارقاتتى.

«جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى: شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىشقا، جۇڭگونى قارىلاشقا ئۇرۇنغان ھەرقانداق ئادەم مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم» دېگەندەك ماۋزۇلار بىلەن ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدە «شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىشقا، جۇڭگونى قارىلاشقا ئۇرۇنغان ھەرقانداق دۆلەت، ھەرقانداق كۈچ، ھەرقانداق شەخس مەغلۇبىيەتكە مەھكۇمدۇر» دېيىلگەن ئىدى.

خىتاينىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئاتالمىش ‹ئۇيغۇر ئالاھىدە سوتى› سېپى ئۆزىدىن جۇڭگوغا قارشى بۆلگۈنچى تەشكىلات بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكا، غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ كونتروللۇقى ۋە ياردىمى ئاستىدا، بىر بۆلۈك جۇڭگوغا قارشى ئۇنسۇرلارنى يىغىۋېلىپ ئىغۋا تارقىتىدىغان، ئالدامچىلىق قىلىدىغان سىياسىي قورالىدۇر. بۇ ئاتالمىش سوتنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي سالاھىيىتى يوق، شۇنداقلا ئۇ ھېچقانداق ئاممىۋى ئىشەنچكىمۇ ئىگە ئەمەس. ئۇ ئوچۇق ئاشكارا پۇل خەجلەپ ئالدامچىلارنى سېتىۋېلىپ، يالغاننى سېتىۋېلىپ، يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزىدىغان بىر ئويۇن. سوت ۋە ئۇنىڭ ئاتالمىش ھۆكۈمى پەقەتلا جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى رول ئېلىپ چىققان بىر مەيدان درامىسىدىن ئىبارەت. بۇ قانۇن ۋە ھەقىقەتكە قىلىنغان پەسكەشلەرچە ھاقارەتتۇر، ئالدانمىغان ھەرقانداق ئادەمنى قايمۇقتۇرالمايدۇ. بۇ دىرامىنىڭ ب د ت بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، بەلكى ب د ت ۋە ئۇنىڭغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ جەزمەن قارشى تۇرۇشى ۋە بايقۇت قىلىشىغا ئۇچرۇشى لازىم».

خىتاي دائىرىلىرىنى بۇ قەدەر بىئارام قىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ھۆكۈمى توغرىسىدا» ناملىق بۇ سۆھبەت يىغىنى، ئەسلىدە كۆپلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا 12-يانۋار تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا 28 دۆلەتنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرى قاتناشقان.

مەزكۇر يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ۋە يىغىندا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزنى بەزى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى جېففېري نايىس ئەپەندى مەزكۇر سوتنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەن ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرىنىڭ سوت ھەم ئۇنىڭ ھۆكۈمىگە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ ئۆتكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، يىغىندا سۆز ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ھۆكۈمىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە بۇ ھۆكۈمنى ھەرقايسى دۆلەتلەردە تەدبىقلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغاندا، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گە ئىشتىراك قىلغان بارلىق كىشىلەرگە تەكرار رەھمىتىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۇنىڭ ھۆكۈمىنىڭ بارلىق دۆلەتلەردە ئەمەلىيلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، ئىككىنچى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە، ئۈچىنچى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ 3 قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدىن كېيىن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» 12-ئاينىڭ 9-كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھۆكۈمىنى چىقارغانىدى. د ئۇ ق خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۈچ قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا 70 تىن ئارتۇق گۇۋاھچى گۇۋاھلىق بەرگەن، 30 دىن ئارتۇق تەتقىقاتچى 10 مىڭ سا´ئەتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 500 دىن ئارتۇق شاھىتنىڭ قانچە 10 مىڭ بەتتىن ئارتۇق يازما بايانلىرىنى تەرجىمە ۋە تەتقىق قىلىپ سوتقا تاپشۇرغان.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھۆكۈمىنىڭ خىتاينىڭ پىشانىسىغا بېسىلغان بىر قارا تامغا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، بۇ ھۆكۈمنىڭ تەسىرىنىڭ خەلقارادا كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ بۇ ھۆكۈمدىن نىمە ئۈچۈن چۆچۈپ، تىپىرلاپ ئولتۇرالماي قېلىشىدىكى بەزى كونكىرتنى سەۋەبلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.