Responsive Image

قۇرۇلتىيىمىزنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك يىغىنى باشلىنىدىغان 4-فېۋرال پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بىر تۇتاش ھالدا نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىقى

قۇرۇلتىيىمىزنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك يىغىنى باشلىنىدىغان 4-فېۋرال پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بىر تۇتاش ھالدا نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىقى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلار، كۆپلىگەن دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ئوخشىمىغان شەكىلدە بايقۇت قىلىشىغا، شۇنداقلا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچراپ كەلگەن 2022-يىللىق بېيجىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى 4-فېۋرال كۈنى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنىڭ 2-كۈنى بولسا 1997-يىلى يۈزبەرگەن 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 25-يىللىق خاتىرە كۈنىدىن ئىبارەت !

شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەرقايسى ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پۈتۈن تەشكىلاتلىرىمىزنى،سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمىزنى ۋە ئاۋام خەلقىمىزنى بېيجىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى باشلىنىدىغان 4-فېۋرال كۈنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ھەم بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش، ھەم غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 25-يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر تۇتاش ھالدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا چاقىرىدۇ !

ئەزىز قېرىنداشلار، چەتئەللەردىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ، پىداكار سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ ۋە جەسۇر خەلقىمىزنىڭ ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش مەقسىتىدە تىنىمسىز ئېلىپ بېرىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە بۈگۈن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى خەلقئارالىق زور بىر ھەرىكەتكە ئايلاندى، خەلقئارا سەھنىلەردە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى بىرگە تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ھالغا كەلدى،دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى،تىبەت ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن بۇندىن ئىككى يىل بۇرۇن قۇرۇپ چىقىلغان «2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش ئىتتىپاقى»غا قاتناشقان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ بۈگۈن 200دىن ئېشىپ كەتتى،بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دۇنيا مىقياسىدا بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ۋەسىلە بولدى، 4-فېۋرال بېيجىڭدا باشلىنىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئومۇميۈزلۈك ياكى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش مەسىلىسى بۈگۈن كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ھەم غەرب قىممەت قارىشى نۇقتىسىدىن غەرب دۆلەتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر سىناقلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى، ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، لىتۋا، بېلگىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلغان ياكى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن بۇ مۇسابىقىگە دۆلەت رەھبەرلىرىنى قاتناشتۇرمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، دۇنيا تونۇلغان چەتئەللىك بەزى ھەقىقەتپەرۋەر تەنھەرىكەتچىلەرمۇ مەردانىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەشكە باشلىدى !

مانا بۇ نەتىجىلەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ۋە پىداكار خەلقىمىزنىڭ ئىسسىق-سوغۇققا، ھېرىش-چارچاشقا قارىماي ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىۋاسىتە مەھسۇلىدىن ئىبارەت،بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەرقايسى تەشكىلاتلىرىمىزغا ۋە پىداكار، جەسۇر خەلقىمىزگە ئالاھىدە مىننەتدارلىقىمىزنى ۋە ھۆرمىتىمىزنى قايتا ئىزھار قىلىمىز !

ئەزىز قېرىنداشلار، گەرچە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى ئىنتايىن كۈچلۈك بىر خەلقئارالىق بېسىم شەكىللەنگەن بولسىمۇ، ئەپسۇسكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئولىمپىكنىڭ روھىغا خىلاپ ھالدا 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى خىتايدەك زالىم، دىكتاتور ۋە فاشىست بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈش قارارىدىن ئەسلا ۋاز كەچكىنى يوق، يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەر ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتقان ياكى تەۋرىنىش ئىچىدە قالغان بىر ۋەزىيەتتە تۇرماقتا، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە ئىسپونسور بولغان كۆپلىگەن خەلقئارالىق شىركەتلەر ۋە داڭلىق ماركىلارمۇ خىتايدىن ئالىدىغان پايدا-مەنپەئەتلىرىدىن مەرىنى ئۈزەلىگىنى يوق !

شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسى تەشكىلاتلىرىمىزدىن، پىداكار سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمىزدىن ۋە جەسۇر خەلقىمىزدىن 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان 4-فېۋرال كۈنى يەنە بىر قېتىم زور غەيرەتكە كېلىپ، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بېيجىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشكە چاقىرىمىز !

ئەزىز قېرىنداشلار، ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ غۇلجا ياشلىرى ئارىسىدا پۇتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى، مەشرەپ ئوتكۈزىشى ۋە غۇلجا خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنىمۇ قاتتىق مەنئى قىلىشى 1997-يىلىدىكى 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان ئاساسلىق ئامىللاردىن بىرى ئىدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى جەلپ قىلىش مەقسىتىدە 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 25-يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىمۇ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان 4-فېۋرال كۈنى دۇنيا مىقياسىدا بىر تۇتاش ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغان نارازىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن ئوخشاش كۈندە ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى،ھەرقايسى تەشكىلاتلىرىمىزنى ۋە مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزنى مەزكۇر چاقىرىقىمىزغا قىزغىنلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇپ 4-فېۋرالدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلىشقا ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىللىي، ۋىجدانى بۇرچىنى ئادا قىلىشقا دالالەت قىلىمىز !

كورونا ۋاباسى سەۋەبىدىن نامايىش ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتى بولمىغان دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلىرىمىزنى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمىزنى ئاخبارات ۋە بايانات ئېلان قىلىش،مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا نارازىلىق مەكتۇپلىرىنى يوللاش،تور مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن 4-فېۋرالدىكى نارازىلىق ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرىمىز !

ھۆرمەت بىلەن: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2022-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى