Responsive Image

ئۇيغۇرلار ھامبۇرگدا خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىشقا قاتناشتى

ئۇيغۇرلار ھامبۇرگدا خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىشقا قاتناشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 11– ئىيۇل

20 دۆلەت گۇرۇھى، يەنى G20 يىغىنى مۇناسىۋىتى زور ساندا كىشى ھامبۇرگدا نامايىش ئېلىپ باردى. بۇ نامايىشنىڭ بىر قىسمى خىتايغا نارازىلىق ئىپادىلەش بولۇپ، ئۇيغۇرلارمۇ خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىشقا قاتناشتى.
ئۇيغۇرلار 6-ئىيۇل كۈنى ميۇنخېندىن يولغا چىقىپ، 7-ئىيۇل كۈنى ھامبۇرگ شەھىرىنىڭ ئايرىم بىر كوچىسىدا تىبەتلىكلەر، موڭغۇللار، خىتاي دېموكراتلىرى بىلەن بىرلىكتە نامايىش ئۆتكۈزدى. گېرمانىيە دائىرىلىرى نامايىشچىلارنى ئىدارە قىلىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، ئايرىم-ئايرىم كوچىلارغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. G20 يىغىنى چاقىرىلغان جاينىڭ ئەتراپىدىكى پۈتۈن يوللار قامال قىلىنغان بولغاچ، يېقىنلىشىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
بۇ قېتىمقى بىرلەشمە نامايىشقا يېتەكچىلىك قىلغان د ئۇ ق باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

دالاي لامانىڭ ياۋروپادىكى ۋەكىلى لوساڭنىما ئەپەندىمۇ نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ نامايىشقا قاتنىشىشىدىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى G20 يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىمۇ بۇ يەرگە كەلدى. مەن تىبەت تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن تىبەت خەلقىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ نامايىش سېپىغا قېتىلدىم. بۇ قېتىمقى G20 يىغىنى قارىماققا ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى مەركەز قىلغان بولسىمۇ، بۇ دۆلەتلەر دۇنيا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن زور مەسئۇلىيىتى بولغانلاردۇر. بۇ يىغىنغا قاتناشقان دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ سېپى ئۆزىدىن مۇستەبىت بىر ئادەم. خىتاي ھاكىمىيىتى ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ، غەربنىڭ قىممەت قارىشىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇ بەكمۇ پاجىئەلىك بىر ئەھۋال. بىز پۈتۈن دۇنيانى خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق قارا نىيىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇشىمىز ۋە خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى خەلقى ئالەمگە بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.»

ئالايىتەن ميۇنخېندىن كېلىپ بۇ نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدە تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

خىتاي مۇستەقىل قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لياۋ تيەنۋۇمۇ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي دېموكراتلىرى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بۇ نامايىش ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىن كەلگەن دېموكراتىك ھەرىكەتنىڭ ۋەكىللىرى، تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل، خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ بىرلىكتە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئورتاق ئاۋازدا چۇقان سېلىشىنىڭ ئۆزىلا زور سىياسىي ۋە ئىنسانىي قىممەتكە ئىگە بىر ھەرىكەت. غايىمىزمۇ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش. نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ، خىتاي زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان مىللەتلەرنىڭ شۇنچە ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ بۇ يەردە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش قىلىشى تارىخىي بىر ھادىسە.»

بۇ نامايىشقا ميۇنخېن شەھىرىدىن كېلىپ قاتناشقان دىنىي زاتلاردىن ئابدۇجېلىل قارىيمۇ نامايىش ھەققىدە قاراشلىرىنى تىلغا ئالدى.

8-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلار ھامبۇرگنىڭ شەھەر مەركىزىدە يەنە 2 سائەتتىن ئارتۇق نامايىش ئېلىپ باردى. تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى تارقاتتى. يولۇچىلارغا خىتاي زۇلۇمى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى. ھەيران قالارلىقى، ھامبۇرگ خەلقىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ياخشى بىلىدىغانلىقى ۋە خىتاي زۇلۇمى ھەققىدە خەۋىرى بولغانلىقى بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، مەدەنىي تەشكىلاتى بولمىغان بىر شەھەردە «ئۇيغۇرلارنى بىلەمسىز؟» دېگەن سوئالغا، كىشىلەرنىڭ ئىككىلەنمەيلا «بىلىمەن، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ قولىدا خارلىنىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىشلىرى نامايىشچىلارنى سۆيۈندۈردى.