Responsive Image

ئۇيغۇرلاردا كۆرۈلۈۋاتقان راك كېسەللىكى نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى دىققەت قوزغىماقتا

ئۇيغۇرلاردا كۆرۈلۈۋاتقان راك كېسەللىكى نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى دىققەت قوزغىماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 9– سىنتەبىر

خىتايدا چىقىدىغان «جۇڭخۇا ئېغىز بوشلۇقى تېبابىتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ 2010-يىللىق 9-سانىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىز بوشلۇقى ۋە يۈز ئەزالىرى راكىغا گىرىپتار بولغان 2161 بىمارنىڭ كلىنىكىلىق ستاتىستىكىسى بېرىلگەن.

يۇقىرىقى 2161 نەپەر راك بىمارى ئىچىدە ئۇيغۇرلار 40.27 پىرسەنتنى، خىتايلار 29 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن. ئۇندىن باشقا، «شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى راك كېسەللىكىگە ئائىت تەتقىقات ماقالىلىرىدە تارىم ئويمانلىقىدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلاردا كۆرۈلۈۋاتقان راك كېسەللىكى نىسبىتىنىڭ ئەتراپتىكى باشقا خەلقلەرگە سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان مېدىتسىنا ساھەسىدىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. نيۇ يوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتە ئىزدىنىپ كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ، ئاتوم بومبىسى پارتلىتىش ۋە يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىش جەريانىدا قويۇپ بېرىلگەن كۈچلۈك رادىئاتسىيە بىلەن ھاۋادىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئىنسانلاردىكى تۈرلۈك راك كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىشتا كۆرۈنەرلىك تەسىرى بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ سۆڭەك راكى بۆلۈمىدە دوختۇر بولۇپ ئىشلىگەن، نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى ئۇيغۇر راك كېسەللىرى بىمارلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ تۇرپان، كورلا، لوپنۇر، چەرچەن، چاقىلىق ۋە خوتەن قاتارلىق تارىم ئويمانلىقىدىكى يادرو سىنىقى بازىسىغا يېقىن بولغان رايونلاردىن كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئەنگلىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى ئەنۋەر توختى ئۇيغۇر دىيارى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ، مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر دىيارىدا تۇنجى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى 500 كارىۋات بىلەن 1994-يىلى قۇرۇلغان. خېنەن ئۆلكىسىدىمۇ شۇ يىلى 500 كارىۋاتلىق تۇنجى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى قۇرۇلغان. ئەمما 2007-يىلىغا كەلگەندە ئۈرۈمچىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ كېسەل كارىۋىتى 2 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ كېسەللەر كارىۋىتى ئاران 800 گە كۆپەيگەن. مانا بۇ خىتاي ستاتىستىكىسىدا 20 مىليون نوپۇس ياشايدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن 100 مىليون نوپۇس ياشايدىغان خېنەن ئۆلكىسىدىكى راك كېسەللىرىنىڭ ئەھۋالى.»

ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1964-يىلىدىن تارتىپ تاكى 1996-يىلىغا قەدەر تارىم ئويمانلىقىدا جەمئىي 46 قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇنىڭ رايوندىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ سالامەتلىكىگە مۆلچەرلىگۈسىز خىرىس ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

دوكتور جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى ئۈرۈمچىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا ئىشلەۋاتقان يىللىرىدا چەرچەن، چاقىلىق ۋە خوتەن رايونىدىن ھەتتا تۈرلۈك راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئۇيغۇر بالىلىرىغىمۇ خىمىيەلىك داۋالاش ئېلىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

دوكتور مەمەت ئىمىن، خىتاي گەرچە تارىم ئويمانلىقىدا 40 يىلدەك يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنى ئاۋامدىن مەخپىي تۇتقانلىقىنى، ئەتراپتىكى يەرلىك خەلقتە يادرو تەسىرىدىن قوغدىنىش جەھەتتە ھېچقانداق تەييارلىقنىڭ بولمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

فىرانسىيەلىك ژۇرنالىست ئانتونېتتې دې جۇڭ بۇ ھەقتە «يېڭى تاڭلىقلار» تېلېۋىزىيەسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ۋىزا بەرمەسلىك ۋە تارىمدا ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقى ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنى ھەتتا ئېتىراپ قىلماسلىق پوزىتسىيەسىدە بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەنقىد قىلىدۇ.