Responsive Image

ئەتلەس كۆڭلەكلىك تۇڭگان ھاجىلاردىن باشلانغان گۇمان ۋە مۇلاھىزىلەر

ئەتلەس كۆڭلەكلىك تۇڭگان ھاجىلاردىن باشلانغان گۇمان ۋە مۇلاھىزىلەر

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 9– سىنتەبىر

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «رادىكاللىقىنى تۈگىتىش» باھانىسىدە قوزغىغان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە دىنىي تەقىبلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ يىل ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج تاۋاپ ئىشلىرىنىڭ يىللاردىكىدىنمۇ كۆپ مۇشەققەتلىك بولغانلىقى تۈرلۈك مەنبەلەر ئارقىلىق ئاشكارىلانماقتا.

بىر قانچە كۈندىن بۇيان فەيسبوكقا چاپلانغان ئۇيغۇر ھەجىچىلەرگە ئائىت «خىتايلار ھاجىلارغىمۇ ساختىلىق ئىشلىتىپتۇ» دېگەن تېمىدىكى بىر ئۇچۇر جامائەت دىققىتىنى قايتىدىن بۇ يىللىق ئۇيغۇر ھاجىلارغا تىكتى. 
ھەج تاۋابى جەريانىدا ھەجىچىلەر ئىچىدىن ئۆز يۇرتلۇقلىرىنى ئۇچرىتىپ قېلىشنى ئارزۇ قىلغان مەككىدىكى ئۇيغۇرلاردىن «قىساسكار يىگىت» تەخەللۇسىدىكى بىرەيلەن 6-سېنتەبىر فەيسبوكتا ئۆزى شاھىت بولغان بىر ۋەقەنى ئاشكارىلىدى.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇ 5-سېنتەبىر ئەسىر نامىزىدىن كېيىن ھەرەمگە بېرىپ كەبىنى تاۋاپ قىلىش جەريانىدا ئەتلەس كۆڭلەك كىيگەن ئۈچ نەپەر ئايال ھاجىنى ۋە ئاق شاپاق دوپپا كىيگەن ئەر ھاجىلارنى كۆرۈپ، ھاياجان ئىلىكىدە ئۇلارغا يېقىنلاشقان. ئەمما، بۇنىڭدىن ئۇ ئويلىمىغان بىر نەتىجە چىققان.

ئۇچۇر تارقاتقۇچى بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلىدۇ: «گەرچە ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولالمايدىغىنىمنى بىلسەممۇ، ۋەتەن تۇپرىقىنىڭ ]خۇش ھىدىنى[ پۇراش ئۈچۈن بولسىمۇ يېقىنلاشتىم. شۇ ھاجىلارنىڭ ]ساق-[ سالامەت بۇ مۇقەددەس تۇپراققا كېلەلىگىنىدىن خوش بولدۇم ۋە ئاللاھقا دۇئا قىلدىم. ئارقىدىن ئىختىيارسىز ئۇلارغا قاراپ سالدىم، ئۇلار كىم چىقتى؟!-تۇڭگان. ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ۋە خاتالاشماسلىقىم ئۈچۈن ئۇلارغا تەكرار قارىدىم. ئۇلار راستىنىلا ئەتلەس كۆڭلەك كىيگەن تۇڭگان ئاياللار ئىدى.»

بۇ ئۇچۇر ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنە بىر نەچچە ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭمۇ مەككىدە ئوخشاش ۋەقەلەرگە شاھىت بولغانلىرىنى ئىنكاس قىلدى.

نام-شەرىپىنى يوشۇرۇن تۇتقان مەدىنىدىكى بىر ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچىمۇ، ئۇيغۇر رايوندىن كەلگەن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تۇڭگان دېگەندەك باشقا مىللەت ھاجىلىرىغىمۇ ئاياللارغا ئەتكەس كۆڭلەك، ئەرلىرىگە ئاق كۆڭلەك ۋە شاپاق دوپپىغا ئوخشاش ئۇيغۇرچە كىيىم كىيدۈرۈلگەن.

بۇ ھاجىنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، ئۇيغۇر ھاجىلار ئىچىدىكى ئەرلەرنىڭ ئاساسەن ساقالسىزلىقى كۆزگە بەكرەك چېلىقىپ تۇرىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى مۇسۇلمانلارنى ھەج قىلىشقا تەشكىللىسىمۇ، بىراق ئۇ، ھاجىلارغا قاتتىق سىياسىي ئۆلچەم قويۇپ، ئۇلارنىڭ سانىنى كونترول قىلىپ كەلگەن.

خىتاي ئاخباراتلىرى بۇ يىل خىتايدىن 12800 مۇسۇلمان ھەجگە بارغانلىقى، ئۇلارنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ھاجى نامزاتلىرىنىڭ ئىگىلەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئەمما بۇلارنىڭ ئارىسىدا زادى قانچە نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىر ئەخمەت مۆمىن ئەپەندىنىڭ ئىگىلىشىگە قارىغاندا، خىتاي بۇ يىل ھەج ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىن ئېلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 700 ئەتراپىدا ئىكەن.

لېكىن، ئاسما ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل ھەجىگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بەلكىم 150 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن.

خىتاي بۇ يىل ھەجىچىلەرگە قارىتىلغان تەقىبنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەنلىكى ۋە ھەجىچىلەرگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى قاتتىق كونترول قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يىل زادى قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ھەج قىلىشىغا يول قويۇلغانلىقىنى ئۆز ئالدىمىزغا دەلىللەش مۇمكىن بولمىدى.

ھالبۇكى، مەككىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يىل ھەجگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى يىللاردىكىدىن خېلىلا كۆپ ئازلىغان.

بۇ نۇقتىنى يۇقىرىدا نامى ئاتاپ ئۆتۈلگەن مەدىنىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرمۇ ئوخشاش دەلىللىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل ھاجىلارغا ئەگىشىپ كەلگەن خىتاي خادىملىرى ئۇيغۇر ھاجىلارنى قاتتىق كونتروللۇق ئاستىغا ئالغان بولغاچقا، ئۇيغۇر ھاجىلار بىلەن بىۋاسىتە پاراڭلىشىش مۇمكىن بولمىغان. ئەمما، ئۇ كۆزىتىشى داۋامىدا بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ھاجىلارنىڭ يىللاردىكىدىنمۇ ئازلىقىنى بايقىغان.

3 ئەۋلاد مەككە-مەدىنىدە ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن ئاسما ھاجىم، ئۆزى كۆرگەن ۋە ھەج ئۆمىكىگە ئەگىشىپ كەلگەن بىر يېقىنىنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن «بۇ يىلقى ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ سانى بۇلتۇرقىدىن يېرىم كەملەپ كەتكەن» دەيدۇ.

ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى مەخپىي تۇتقاننىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن بۇ يىللىق ھەجىگە تەشكىللەنگەن باشقا ھاجىلارنىڭ ھەممىسىنى بىردەك ئۇيغۇرچە كىيىندۈرۈشنى ئويلاپ قالدى؟

بۇ سوئال مەزكۇر ھادىسىگە شاھىت بولغان ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بۇنىڭدىن تور دۇنياسى ئارقىلىق ۋاقىپ بولغان باشقىلارنىڭمۇ دىققىتىنى چەككەن.

تۇڭگانلارنىڭمۇ ئۇيغۇرچە كىيىندۈرۈلگەنلىكىدىن گۇمانلانغان «قىساسكار يىگىت» تەخەللۇسلۇق ئۇيغۇر فەيسبوكقا يولىغان يازمىسىدا مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ: «خىتاي، خەلقئارا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن يەنە بىر سىياسەت ئوينىماقتا. ئۇ بولسىمۇ، ھەجگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى كۆپ كۆرسىتىش ئۈچۈن تۇڭگان ئاياللارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتلەس كۆڭلەكلەرنى كىيدۈرۈپ، كۆز بويامچىلىق قىلماقتا.»

مەككىدىكى ئۇيغۇر سودىگەر ئەخمەت ھاجىممۇ ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن بارلىق ھاجى كاندىداتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە كىيىندۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن شەخسلەرنىڭ بىرى.

ئۇنىڭ پەرەز قىلىشىچىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل سەئۇدى ھۆكۈمىتى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەللىرىگە ئۇيغۇر ھاجىلارنى جىق كۆرسىتىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدىن تەشكىللەنگەن بارلىق ھاجىلارنى ئۇيغۇر قىلىپ ياسىغان بولۇشى مۇمكىن.

بىز، يۇقىرىدا پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇر شاھىتلارنىڭ گۇمانلىرىنى دەلىللەش ئۈچۈن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ۋە دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىلىرىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، سوئاللىرىمىز جاۋابسىز قالدى.

ئەمما، خىتاينىڭ ھەج سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى تۇرغۇنجان ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي بېسىم سىياسىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچەيتىلگەن مۇشۇنداق بىر پەيتتە ھەجىگە تىزىملاتقان ئۇيغۇرلار سانى تەبىئىي ئازلىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن تەشكىللەنگەن ھەج ئۆمىكىنى ئوخشاش كىيىندۈرۈش چارىسىنى ئويلاپ تاپقان بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن.

ھەج ھەققىدىكى ئۇچۇر مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەج ئىبادىتىگە 2 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان قاتناشقا. بۇ يىللىق ھەج ۋاقتى 30-ئاۋغۇست باشلىنىپ، 5-سېنتەبىر كۈنى ئاخىرلاشقان.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ھاجىلارنى 3 كە بۆلۈپ قايتۇرماقچى بولۇپ، بىر قىسمى 7-سېنتەبىر يۇرتلىرىغا ئېلىپ ماڭغان.

ھالبۇكى، چەتئەللەردىن قايتقان ئۇيغۇرلار جازالىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە ھەج سەپىرىنى تاماملاپ يۇرتلىرىغا قايتقان ئۇيغۇرلارنى يەنە قانداق قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.