Responsive Image

ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە تايلاندنىڭ مەنپەئەتى

ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە تايلاندنىڭ مەنپەئەتى

تۈركىستان ۋاقتى
2017 – يىلى 18– ئىيۇل

باڭكوك – 60 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى تايلاندنى يەنە بىر قېتىم قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. خىتاينىڭ تايلاندقا بۇ كىشىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش توغرۇلۇق بېسىم چۈشۈرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە قامالغان بۇ 62 ئۇيغۇر مۇساپىر 2014- يىلى تايلاندنىڭ جەنۇبىدا بايقالغان 350 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئەينى ۋاقتتا ئۇلار تۈركىيەگە بارماقچى ئىدى.

تايلاند خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىسى(شەرقىي تۈركىستان – ت)دىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن مۇھىم ئۆتەڭلەرنىڭ بىرى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى يىللاردا شىنجاڭدا يۈز بەرگەن پاراكەندىچىلىكلەردىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن باستۇرۇش ئېلىپ باردى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بېيجىڭنى ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈش ۋە «دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى باستۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش» بىلەن ئەيىبلەيدۇ.

بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچىلەر ۋە «ئىسلام دۆلىتى»گە ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ ئەيىبلەيدۇ.

ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا يۈزلىگەن ئۇيغۇر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ چىققان بولۇپ، تۈركىيەدە ھازىر بەلگىلىك ساندا ئۇيغۇر ئولتۇراقلاشقان.

تايلاند ھەربىي ھۆكۈمىتى 2014- يىلى 5- ئايدا ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، دېموكراتىك سايلام بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن غەرب تەرىپىدىن چەتكە قېقىلدى. باڭكوك چۇلالوڭكورن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي بىلىملەر پروفېسسورى تىتىنان پوڭسۇدىراك(Thitinan Pongsudhirak)نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يالغۇزلۇق تايلاندنى خىتاي بىلەن يېقىنلاشتۇرغان.

2015- يىلى بېيجىڭ تايلاندقا بولغان بېسىمىنى كۈچەيتىپ، بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىغان. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا، تۈرك دىپلوماتلار بۇ ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە ئەۋەتىشتە چىڭ تۇرغان.

2015- يىلى ئىيۇلدا، تايلاند ئەر – ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 172 ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيەگە كېتىشىگە يول قويغان. لېكىن، تايلاند ئارقىدىن كۆپىنچىسى ئەرلەر بولغان 109 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇ كىشىلەرنىڭ باشلىرىغا تاغار كىيگۈزۈلۈپ، ئىككى تەرىپىدىن بىردىن ساقچى ئولتۇرغان كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلدى.

بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى تايلاندنىڭ تۈركىيەدىكى دىپلوماتىيە ئورگانلىرىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 2015- يىلى ئاۋغۇستتا، باڭكوك شەھەر مەركىزىدىكى خىتاي ساياھەتچىلەر كۆپ كېلىدىغان بىر بۇتخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 20 ئادەم ئۆلدى ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلاندى. خىتاي ساياھەتچىلەر كۆپ بارىدىغان بىر ئاشخانا نىشان قىلىنغان ئىككىنچى بىر ھۇجۇم پىلانى مەغلۇب بولدى.

ۋەقەدىن كېيىن ئىككى تۈرك ئەر قولغا ئېلىندى. ساقچىلار بۇ پارتلىتىشنىڭ بىر ئادەم ئەتكەسچىلىكى تورىنىڭ تارمار قىلىنىشىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. لېكىن بەزى خەۋەرلەردە پارتلىتىش ھۇجۇمىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسىنىڭ چەتئەلگە قېچىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بىر قىسىم ئانالىزچىلار پارتلىتىش ھۇجۇمى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى ئارىسىدا مۇناسىۋەت بارلىقىنى ئېيتتى.

تايلاند باش مىنىستىرى پرايوت بۇنىڭ «تايلاند تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر» پارتلاش ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى پارتلاش ۋەقەسى ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ بۆلۈنۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان.

«بۇ پارتلاش ۋەقەسى تايلاندنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە، يەنى ھاكىمىيەتنى كىمنىڭ تۇتۇشى ۋە قانداق تۇتۇشى مەسىلىسىگە تەسىر كۆرسەتتى. مۇئاۋىن باش مىنىستىر پراۋىت ۋوڭسۇۋەن خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشقا مايىلراق كۆرۈنىدۇ، لېكىن باش مىنىستىر پراۋۇت بۇ نۇقتىدا بىر ئاز پەرقلىق ۋە ئوتتۇراھال بولۇشى مۇمكىن.» دېدى تىتىنان.

2016- يىلى مايدا، تايلاند تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى ئۇيغۇرلار ئاچلىق ئېلان قىلدى، ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ھاياتى بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر پراۋىتنىڭ مەسلىھەتچىسى پانىتان ۋاتاناياگورن ئۇيغۇرلار ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان باشقا كىشىلەر ھەققىدىكى ئاخىرقى قارارنىڭ تېخى چىقىرىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

پانىتان «ئامېرىكا ئاۋازى»غا مۇنداق دېدى: «بىز، خۇسۇسەن دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەسلىدىكى دۆلىتىگە ياكى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە باھالاش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.»

باش مىنىستىر پراۋۇت دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى.

«بۇ ئىش بىر تەرەپ قىلىش باسقۇچىدا. باھالاش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرقى قارار تېخى چىقىرىلمىدى، بۇ سەۋەبتىن ئۇلار بۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتىدۇ – ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى بارلىق مىللەتىن بولغان كىشىلەر شۇنداق» دېدى پانىتان.

لېكىن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى يەنىلا ئۇلارنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

باش شىتابى ميۇنخېندا بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئامېرىكا ئاۋازىغا ئەۋەتكەن ئېلخېتىدە، ھېلھەم قاماقتا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئامانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «تايلاند ھۆكۈمىتى چوقۇم خەلقئارالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۆز دۆلىتىدە قەرەلسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى تېز سۈرئەتتە ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.»

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمى دېرىكتورى براد ئادامس ئېلخېتىدە، ھېچقانداق ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئۇلارنىڭ غايىب قىلىۋېتىلىش خەۋپى بار، «ئېنىقلىق ۋە مەسئۇلىيەت بولمىغان تۈرمە سىستېمىسىدا، ئۇلار تەن جازاسىغا، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ناچار ئەھۋاللارغا ئۇچرىشى مۇمكىن.» دېدى.

تىتىنان مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا        باشقا بىر تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ يۈز بېرىش ئەندىشىسىنى ئويلاشقاندا، يەنە كېلىپ تايلاندنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان خەلقئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ياخشىلىنىشىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇلار خىتايدىن كېلىدىغان بېسىمنى يەڭگىللىتىشى مۇمكىن.»

«شۇنىڭ ئۈچۈن ئەھۋال ئىككى ئۈچ يىل بۇرۇنقىدىن كۆپ پەرقلىنىدۇ. خىتاي بىردىن بىر باش رولچى ئەمەس. ئەگەر غەرب دۆلەتلىرى ئازراق ھەرىكەتلەنسە، تايلاند ھەربىي ھۆكۈمىتى خىتاينى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا پىشاڭ بولالايدۇ.» «يەنى تايلاندنىڭ پۈتۈنلەي خىتاينىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش قىلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.» دېدى ئۇ.

مەنبە: ئامېرىكا ئاۋازى(VOA News)

2017- يىل 14- ئىيۇل