Responsive Image

ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىغۇچىسى سىنان ئاتەش «سۇيىقەست» بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىغۇچىسى سىنان ئاتەش «سۇيىقەست» بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ياشلار تەشكىلاتىنىڭ سابىق رەئىسى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى دوتسېنت دوكتور سىنان ئاتەش ئەپەندى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتە ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا سۇيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئەپەندى تېلېۋىزىيە ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «سىنان ئاتەشكە سۇيىقەست قىلغانلار ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. ھازىر سوراقتا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جىنايەتنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى ئېنىقلىنىدۇ. مەرھۇمنىڭ ياتقان جايى جەننەت بولسۇن، ئائىلىسىگە ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا سەۋر تىلەيمەن» دېدى.

تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدە شۆبىسى بار ئەڭ چوڭ ياشلار تەشكىلاتى بولغان «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ سابىق رەئىسى سىنان ئاتەش ئەپەندى، ئوتتۇرا مەكتەپ يىللىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قىزىقىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلگەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان يىللىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان. ھەر دائىم نۇتۇقلىرىدا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تۈركىيەدە ياش تۇرۇپ زور ئابرۇيغا ئىگە بولغان سىنان ئاتەش مەرھۇمنىڭ 12-ئاينىڭ 31-كۈنى بۇرسا شەھىرىنىڭ «ئۇلۇغ جامەسى» دە مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈشكە 70 مىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇقادىر ئابدۇلكېرىم ئەپەندى باشچىلىقىدا بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر قاتناشقان. ئابدۇلكېرىم ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.

مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈشكە قاتناشقان ئابدۇقادىر ئابدۇلكېرىم ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن مەرھۇم سىنان ئاتەشنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئاتا-ئانىسىغا ئۇيغۇرلارنىڭ تەزىيەسىنى يەتكۈزگەن. ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن ئانىسى كۆز يېشى تۆككەن ھالدا «ئوغلۇم ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرەتتى» دېگەن. ئابدۇقادىر ئابدۇلكېرىم ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى مەرھۇم سىنان ئاتەشنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «30-دېكابىردا ئەنقەرەنىڭ مەركىزىدە سۇيىقەستكە ئۇچرىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى بولغان ‹ئۈلكۈ ئوجاقلىرى›نىڭ سابىق رەئىسى سىنان ئاتەش ئەپەندى ئوقۇغۇچىلىق چاغلىرىدىن تارتىپ تۈرك دۇنياسى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن تونۇلغان كىشى ئىدى. ئۇ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەر دائىم، ھەر سورۇندا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن كىشى ئىدى».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى مەرھۇم سىنان ئاتەشنىڭ ئوقۇغۇچىلىق يىللىرىدا يەنى 2003-يىلى ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنىڭ ئىشخانىسىغا كېلىپ، ئۆزىنى زىيارەت قىلغان كۈندىن تارتىپ، شەرقىي تۈركىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى دوتسېنت دوكتور سىنان ئاتەش ئەپەندى دەپنە مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 31-دېكابىر، تۈركىيە.

سىنان ئاتەش ئەپەندى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 24-نويابىر كۈنىدىكى ئوت ئاپىتىدە نۇرغۇن كىشىنىڭ كۆيۈپ ئۆلگەنلىكىگە تۈرك ئاخباراتلىرىنىڭ ئورۇن بەرمەسلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ تۋىتتېردا ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلغان. ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى باياناتى ئىكەن. ئۇ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «24-نويابىردا ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۋىتتېر ئارقىلىق بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدە ئىككى ئىتنى بىرەيلەننىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ۋەقە تۈركىيە ئاخباراتلىرىنىڭ كۈن تەرتىپىدە بولغانلىقىنى، ئەمما 44 ئۇيغۇرنىڭ قازا تاپقانلىقىنىڭ تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلمىگەنلىكىنى دەپ تەنقىد قىلغانىدى. ئۇ، ماقالىلىرىدە بولسۇن، نۇتۇقلىرىدا، سۆزلىرىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى باياناتلىرىدا بولسۇن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەر پۇرسەتتە، دەر دائىم، ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنىدى».

مەرھۇم سىنان ئاتەش تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن. جازا لاگېرى خەلقئارادا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن تارقاتقان تۋىتتېرىدا مۇنداق دەپ يازغان: «قۇياش چىققان يەردە قېرىندىشىڭلارنىڭ يېشى قان بولۇپ ئېقىۋاتىدۇ. كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ ئۇيغۇرلارنىڭ پەريادىغا قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارنىڭ ئاۋازى بولۇڭلار. مەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ يېنىدا».

مەرھۇم سىنان ئاتەش ئەپەندى 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى غۇلجا ۋەقەسىنى ئەسلەپ مۇنداق بىر يازما تارقاتقان: «غۇلجىدا، قاتىل خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يۈزلىگەن شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆلتۈرۈلگەنىدى. ئۇ، قېرىنداشلىرىمىزنى رەھمەت ۋە سېغىنىش بىلەن ئەسلەيمەن.»

سىنان ئاتەش 1984-يىلى تۈركىيەنىڭ بالىكېسىر ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن.2010-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىىدا تارىخ پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. كېيىن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىغان. ئۇ، 2002-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ياشلار تەشكىلاتى بولغان «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىدا ھەر دەرىجىلىك ۋەزىپىلەرنىمۇ ئۆتىگەن. 2019-يىلى مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن، 2020-يىلى ئىستېپا بېرىپ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانىدى.