Responsive Image

ئۈرۈمچى 1-دوختۇرخانا قىزىتما بۆلۈمىنىڭ خادىمى: «يۇقۇملانغانلار كۆپ، كارىۋات يېتىشمەيۋاتىدۇ»

ئۈرۈمچى 1-دوختۇرخانا قىزىتما بۆلۈمىنىڭ خادىمى: «يۇقۇملانغانلار كۆپ، كارىۋات يېتىشمەيۋاتىدۇ»ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي يۇقۇم ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولغان ئىلى ئوبلاستىدا تەكشۈرۈشتە. ئىلى ئوبلاستى، 2022-يىلى 8-ئاي.

خىتايدا 2020-يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامالى مەغلۇپ بولۇپ، بۇ تەدبىر بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، خىتايدا يۇقۇم ئېغىرلىشىپ ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى ئېغىرلاشقان. بۇ ۋەزىيەت ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە كۆپلەپ ئاشكارىلانماقتا.

ھالبۇكى، ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى قاتتىق قامال قىلىپ، بۇلتۇر 12-ئاينىڭ ئاخىرىقى ھەپتىسىدىن باشلاپ، خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا يۇقۇمقا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشنى توختاتقان.

دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشى كىشىلەردە گويا ئۇيغۇر دىيارىدا يۇقۇملىنىش ئاخىرلاشقاندەك، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەسلىگە كەلگەندەك خاتا تۇيغۇ بەرمەكتە. بىراق رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى ئۈرۈمچىدىكى مۇناسىۋەتلىك دوختۇرخانىلارغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە، رايوندا يۇقۇم بارغانچە ئېغىرلىشىپ، «يۇقۇلانغانلار كۆپ، دوختۇرخانىلاردا كېسەل كارىۋىتى يېتىشمەيۋاتقان» ۋەزىيەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆپلىگەن دوختۇرخانىلارغا قىلغان تېلېفونلىرىمىز جاۋابسىز قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى «يۇقۇملىنىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە داۋالاش مەركىزى» دەپ ئېلان قىلىنغان ئۈرۈمچى 1-دوختۇرخانىسىنىڭ تۇدۇڭخابا رايونىدىكى قىزىتما كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ تېلېفونى ئۇلاندى.

تېلېفونىمىزنى ئالغان خىتاي ئايال «ھازىر پوزىتىپ چىققان يۇقۇمدارلار كۆپمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا «يۇقۇملانغانلار كۆپ، كارۋاتلار توشۇپ كەتتى. بالىلار بۆلۈمىدە ياتاقتا يېتىپ داۋالىنىشقا كارۋات يوق» دەپ جاۋاپ بەردى. بىز ئۇنىڭدىن «بالنىتسادا يېتىپ داۋالىنىش ئىمكانىيىتى يوقمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ كەسكىنلىك بىلەن «يوق» دەپ جاۋاپ بەردى.

ئۇ سۆزىنى يەنىمۇ ئىزاھلاپ: «دوختۇرخانىغا كېلىپ كېسەل كورسىتىشكە بولىدۇ. ئەمما دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا ئىمكانىيەت يوق،» دېدى. ئۇ بىزنىڭ «دوختۇرخانىدا قۇرامىغا يەتكەن كېسەللەر كۆپمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ، «ھازىر دوختۇرخانىمىزدا داۋالىنىۋاتقان چوڭلارنىڭ كارۋاتلىرى توشۇپ كەتتى. مەيلى قايسى دوختۇرخانا بولمىسۇن، ھەممىسىدىلا چوڭلار كۆپ» دېدى.

بىز ئۇنىڭدىن «ئۆيدە داۋالانغانغۇچىلارنى دوختۇرخانا كېرەكلىك داۋالاش ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلىيەلەمدۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ: «بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ، بىزدە تېخى ئۇنداق ئىلغار شارائىتلار يوق» دەپ جاۋاپ بەردى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى رايوندىكى يۇقۇملانغۇچىلار سانى ھەققىدە خەۋەر بەرمىگەن. ئەمما «شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى» نىڭ 2022-يىل 29-دېكابىردىكى سانىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا 2022-يىلنىڭ ئىچىدە مەخسۇس كوۋىد يۇقۇمدارلىرىنى داۋالايدىغان دوختۇرخانىلاردىن 20 سى كۆپەيتىلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى 2022-يىلىىنىڭ ئاخىرى بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، «2021-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا مەخسۇس كوۋىد يۇقۇمدارلىرىنى داۋالايدىغان ئاھالە ئولتۇراق رايونىنى مەركەز قىلغان دوختۇرخانىلارنىڭ 10 ئىكەنلىكى، بۇنىڭغا 2022-يىلى ئىچىدە يېڭىدىن يەنە 20 جايدا داۋالاش مەركەزلىرى بەرپا قىلىنىپ قوشۇلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى 1-دوختۇرخانىسىنىڭ تۇدۇڭخابا رايونىدىكى قىزىتما كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مەزكۇر خادىمى، بۇ ھەقتە سورىغان سوئالىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سەزگۈرلىشىپ، سوئاللىرىمىزغا داۋاملىق جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. ئۇ دوختۇرخانىدىن بۇنداق ئۇچۇر خاراكتېرلىق مەسىلىلەرنى سۈرۈشتە قىلماسلىقىمىزنى تەلەپ قىلدى.

بىز ئۇنىڭدىن «ھازىر بۇ كېسەلدىن ئۆلگەنلەر كۆپمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ تېرىككەن ھالدا، «بۇ سوئالىڭىزغا جاۋاپ بېرەلمەيمەن، چۈنكى بۇ ئەھۋاللارنى مەن بىلمەيمەن. مەن قىزىتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ خادىمى، باشقا ئىشلارنى بىلمەيمەن! مەن تېخى بۈگۈن قىزىتما بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ كەلدىم» دەپ جاۋاپ بەردى.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدىن پايدىلىنىپ، يۇرتىدا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا يۇقۇمنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى، ھەتتا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ كۆرۈلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.

بۇ ھەقتە 1-ئاينىڭ 4-كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ يۇرتىدا يۇقۇملىنىش ئېغىر بولۇپ، يەسلى بالىلىرىدىن تارتىپ ياشانغانلارغىچە كۆپلىگەن كىشىلەر يۇقۇملانغان. ئۇنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە دوختۇرخانىلاردا كېسەل كارۋىتى يېتىشمەي، قىزىتما، يۆتەل، زۇكام دورىلىرى ئىنتايىن كەمچىل بولماقتىكەن. دورا يېتىشمەسلىك ئېغىر بولغاچقا يۇقۇملانغانلار ئامالسىز يەرلىك ئۇسۇللاردىكى ئەنئەنىۋى تېببىي داۋالاش ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىدا ئۆز ئۆيلىرىدە داۋالىنىشقا مەجبۇر بولماقتىكەن.