Responsive Image

«خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» دە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

«خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» دە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى15-نۆۋەتلىك «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» دا خاتىرە سۈرەت. 2023-يىلى 18-نويابىر، كانادا. WUC

دىپلۇماتلار، ئەمەلدارلار، ھەربىي خادىملار، ئاكادېمىكلار ۋە شىركەت لىدېرلىرى ئۆتكەن ھەپتە 15-نۆۋەتلىك «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» گە يىغىلىپ، دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنى مۇستەبىت كۈچلەرگە قارشى بىر مۇنبەرگە جەم قىلدى. بۇ يىلقى يىغىندا ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنىشى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ خاماسنى مەغلۇپ قىلىشى ئەمەلگە ئاشسا بۇنىڭ ماھىيەتتە ۋاشىنگتوننىڭ دوستلىرى ئۈچۈن زور قوللاش بولىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭ بېيجىڭ ئۈچۈن كۈچلۈك سىگنال بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسى يىغىن كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كىرىلىپ مۇزاكىرە قىلىنغان.

مەزكۇر مۇنبەرنىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2023-يىللىق «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە كانادانىڭ نوۋا سكوتا (Nova Scotia) ئۆلكىسىدىكى خالىفاكىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىللىق مۇنبەرگە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابىدىن گېنېرال چارلىز فىلىين (Charles A. Flynn)، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، كانادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىل بىلايىر (Bill Blair) ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى يېخۇد باراك (Ehud Barak) قاتارلىق داڭلىق مېھمانلار قاتناشقان. ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى ۋە خىتاي تەھدىتى مۇھاكىمىلەردىكى ئاساسلىق تېما بولغان.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى، ئۆركەش دۆلەت قاتارلىق كىشىلەر تەكلىپ بويىچە بۇ يىللىق يىغىنغا قاتناشقان. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىندا مەخسۇس سۆز قىلغان. ئۇلار بۇ ئۈچ كۈنلۈك مۇنبەر جەريانىدا سىياسەتچىلەر، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ھەربىي ئەمەلدارلار، ژۇرنالىستلار ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق مۇنبەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يىغىندا ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى قاتارلىقلارنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن زور تەھدىت بولۇپلا قالماستىن، بۇ تەھدىتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان مۇھىم ئامىللاردىن بىرى دەل خىتاي ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندىمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» دەك خەلقئارالىق يىغىنىغا تۆت نەپەر ئۇيغۇر ۋەكىلنىڭ تەكلىپ قىلىنىشى ۋە يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغان مۇھىم تېمىلاردىن بىرى بولۇشى ماھىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا بىخەتەرلىككە چېتىشلىق مۇھىم تېمىلاردىن بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يىغىنغا ئىشتىراك قىلغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە «خىتاي تەھدىتىدىن خالاس بولۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىش ۋە ياردىم قىلىش لازىم» دېگەن پىكىرنىڭ شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقىدىنمۇ دېرەك بېرىدىكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي نۇقتىلىرىدىن ئورۇن ئېلىشى ئۆز نۆۋىتىدە دىپلوماتلار، يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ھەربىي قوماندانلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى پىكرىنى ئاڭلاپ بېقىشنى زۆرۈر، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى بولماستىن دۇنيا تىنچلىقىغا ئالاقىدار خەلقئارا مەسىلە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۇق. پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرىمىز يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.»

مەمەت توختى ئەپەندى بۇ يىغىننى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت تولىمۇ مۇرەككەپلىشىۋاتقان ھازىرقىدەك ۋاقىتتا بەكمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان بىر قېتىملىق پائالىيەت، دەپ قارايدۇ. بولۇپمۇ شۇنچە كۆپ ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى قاتناشقان بىر مۇنبەردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر بىلەن باغلانغان ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ خىتاينى چۈشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك خىتاينى چۈشەنمەي تۇرۇپ دۇنيا تىنچلىقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈردۇق.»

«خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» نىڭ چاقىرىلىشى ۋە يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز قىلىشى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 15-نويابىر كۈنى كالىفورنىيەدە ئۇچرىشىشىغا ئۇلىشىپلا ئوتتۇرىغا چىققان. دەرۋەقە ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئۇچرىشىشى نۇرغۇن كىشىلەردە «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يۇمشاپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قۇيامدۇ؟» دېگەن سوئالنى پەيدا قىلغان ئىدى.

ھالبۇكى، دولقۇن ئەيسا ۋە مەمەت توختى ئەپەندىلەرنىڭ قارىشىچە، «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» دە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغان مۇھىم تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا بىخەتەرلىككە ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا ئالاقىدار مۇھىم تېمىلاردىن بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ۋە كانادا ھۆكۈمەتلىرى بىۋاسىتە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» نىڭ باش شتابى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ مۇنبەر يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدۇ. ھەر قېتىم 70 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 300 دىن كۆپرەك ئۆمەك بۇ مۇنبەرگە قاتنىشىدىغان بولۇپ، دۇنياۋى بىخەتەرلىككە چېتىشلىق مۇھىم مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.