Responsive Image

تەتقىقاتچىلار «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا قانداق پوزىتسىيەدە بولۇۋاتىدۇ؟

تەتقىقاتچىلار «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا قانداق پوزىتسىيەدە بولۇۋاتىدۇ؟لوپ ناھىيەسىدىكى 4-يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى تۇتقۇنلار سىياسىي ئۆگىنىشتە. 2017-يىلى مارت، خوتەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇمى ئېشىپ بېرىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، بىر قىسىم ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىغا چىقىپ دۇنيا ئىلىم ساھەسى بولسۇن ياكى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە كەڭ ئاممىنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار قىلىشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلدى.

ئەمما ئىلىم ساھەسىدىكى بىر قىسىم ئاكادېمىكلار ۋە قانۇنشۇناسلار بۇ ھەقتە يېتەرلىك دەلىللەرنىڭ يوقلىغىنى تەكىتلەپ، بۇ مەسىلىدە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقان ئەھۋاللارمۇ بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىشقا زور كۈچ سەرپ قىلىپ، چەت ئەللەردىكى خىتايغا مايىل ئىدىيەدىكى كىشىلەرنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى ئامال بار ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يېپىش ۋە ئىنكار قىلىش ئۈچۈن ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

لېكىن ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق، ھەتتا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلىمەكتە. بۇ بىرقىسم ئالىملار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىىنى تەنقىدلەشتىن توختاپ قالمىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەنقىدىي قاراشلىرىنى ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ جەريانلارغا نەزەر سالساق، ئىلگىرى ئاۋسترالىيەلىك تارىخچى داۋىد بروفېي ((David Brophy بۇ ھادىسىگە قارىتا «خىتايغا قارىتىلغان ھەرقانداق بىر تەنقىدتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش دېگەنلىك زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ۋە ھەل قىلىش چارىسى تېپىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتتىن ئىبارەت ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتتىن قاچقانلىق بولىدۇ» دەپ قاتتىق تەنقىد قىلغانىدى.

ئالدى بىلەن 2018-يىللىرىدىن كېيىنكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى تېمىسىدا، دۇنيا ئېقىم مەسىلىلىرى سەھنىسىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىش ۋە مۇلاھىزىلەرگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرايلى:

2019-يىلى ئۆكتەبىردە، خىتاي قانۇن ۋە سىياسەت بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تەھرىرى ئېلىزابېت م. لىنچ (Elizabeth M. Lynch) مېھرىگۈل تۇرسۇن، گۈلباھار جېلىلوۋا ۋە سايراگۈل سائۇتباي قاتارلىق بىرقانچە نەپەر جازا لاگېرى شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قاراتقان دەھشەتلىك زۇلۇمىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يورۇتۇپ بەردى ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» قىلىپ بېكىتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئارىدىن ئىككى ئاي ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ۋاشىنگتوندىكى ئاقىللار ئامبىرىدىن بىرى بولغان «يەرشارى سىياسىتى مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئازىم ئىبراھىم (Azeem Ibrahim) يەنە بىر قېتىم خەلقئاراغا خىتاينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش چاقىرىقى ئېلان قىلدى. ھالبۇكى ئازىم ئىبراھىم «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە «خىتاي ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى جىنايى جاۋابكارلىقىغا تارتىلىشى كېرەك» دېگەن ماۋزۇدا ماقالە ئېلان قىلدى. ئازىم ئىبراھىم خىتاينىڭ ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك مىللىي كىملىك ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش، ئۇيغۇر كىملىكىنى ۋەيران قىلىشقا ئائىت بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ نۇقتىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى چېكىدىن ئاشقان سىياسىتىنىڭ نېگىزى دەپ قارايدۇ.

تاكى ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچى ئادرېيان زېنزنىڭ (Adrian Zenz) جەيمىستەۋون فوندى جەمئىيىتىگە (Jamestown Foundation) ئۆزى تەييارلىغان ئىلمىي دوكلاتى ئېلان قىلىنغانغا قەدەر، دۇنيا مىقياسىدىكى ئاكادېمىك ساھە، ئاخبارات تورى ياكى قانۇن دائىرىلىرىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئانچە بەك دىققەتكە ئېرىشمىگەن ۋە كەڭ تارقالمىغان ئىدى دەپ قاراشقا بولىدۇ. مەزكۇر دوكلات خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەخپىي ئاشكارىلانغان ستاتىستىكىلىرى ۋە ھۆججەتلىرىدىكى پاكىتلار ئارقىلىق، نەچچە ئونلىغان لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ سىياسىتىنىڭ ئويلىغىنىمىزدىن بەكرەك ۋەھشىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. ئارقىدىنلا 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، نيۇ-يوركتىكى فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى بىر جازا لاگېرىغا قامالغان كىشىلەرگە ئائىت دەپ قارالغان ئادەم چېچىدىن ياسالغان توقۇلما بۇيۇملارنى قولغا چۈشۈرىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىيلارغا قارىتىلغان ناتسىستلارنىڭ «ئىرقىي تازىلاش» سىياسىتىدىمۇ دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، جازا لاگېرىدىكى يەھۇدىي مەھكۇملارنىڭ چاچلىرىدىن پايدىلىنىپ ئەسكەرلەرگە كېرەكلىك كىيىم-كېچەك، ئەدىيال قاتارلىق توقۇلما بۇيۇملار ئىشلەپچىقىرىلغانىدى.

كېيىنرەك يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي ھالدا تۇغماس قىلىش سىياسىتىگە ئائىت باشقا دوكلاتلارمۇ ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتتە كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن، بۇ دوكلاتلار بىردەك كىشىنى چۆچۈتىدىغان ناتسىستلار قىرغىنچىلىقىنىڭ قايتا تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.

ئادرېيان زېنز كېيىنكى دوكلاتلىرىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئېتنىك-ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىدە بەلگىلەنگەن جىسمانىي قىرغىنچىلىقنىڭ بەش تۈرلۈك ئۆلچىمىنىڭ كەم دېگەندە بىرىگە ماس كېلىدۇ ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە نىسبەتەن «ھەل قىلغۇچ تەدبىر» قوللىنىشقا چاقىردى. ئەنگلىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچى جوئەننى سمىت فىنلېي (Joanne Smith Finley) مۇ بىرلەشمە ئاگېنتلىق سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس كۆپىيىشىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى ۋە باشقا ئېغىر ئەھۋاللارنى مەركەز قىلىپ تەھلىل يۈرگۈزگەن. جوئەننى سمىت فىنلېي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نوپۇس سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە قىرىپ تۈگىتىشتەك ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى، بۇ خىل قىرغىنچىلىقنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتالماسلىقىدىكى سەۋەب بەلكى بۇ بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك جىددىي قىرغىنچىلىق بولماستىن، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتتىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، تەدرىجىي ھالدا قىرىپ يوقىتىشتەك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن خاراكتېرلىنىدىغانلىقىنىمۇ ئاشكارىلايدۇ.

2020-يىلى يەنە ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدە كۆپ تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلاردا بولغان دەررېن بايلېر ماقالە ئېلان قىلىپ، «نۆۋەتتىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى بەلكىم بىر قېتىمدىلا ئۇيغۇرلارنى يوقىتىۋېتەلمەيدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مىللەت كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، خىتايلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ»، دەپ كۆرسىتىدۇ. تارىخچى جەيمىس مىلۋارد «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىدە ئۆز كۆزقاراشلىرىنى كەسكىن تەرىقىدە ئىپادىلەپ مۇنداق كۆرسىتىدۇ: «خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان ئاشكارىلانغان مەجبۇرىي ئەمگەك، ئائىلىلەرنى ئايرىۋېتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى چەكلەش قاتارلىق قىلمىشلىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، شەك-شۈبھىسىزكى، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ھەرقايسى دائىرىلەرنىڭ قەدىمدىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنلىرىدا ياشاپ كەلگەن يەرلىك مىللەتلەرگە يۈرگۈزگەن سىياسىتى، ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەرتلىرىنىڭ ئېنىقلىمىسىغا چۈشىدۇ دەپ قارار چىقىرىشقا بولىدۇ».

شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، بۇ ۋەزىيەتتە تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قىرغىنچىلىقنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى سەرخىللارنى يەنى سەنئەتكارلار، يازغۇچىلار، تەتقىقاتچىلار، شائىرلار، دىنىي زاتلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر قاتارلىقلارنى تۇتقۇن قىلغان ياكى كۆزدىن يوقاتقان. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىلىرىگە ھاقارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەت خەلقلىرىنىڭ غۇرۇرى ۋە مىللىي ئېڭىنى قاتتىق دەپسەندە قىلماقچى بولغان دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇلار «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆرگەن.

بۇلارنىڭ قاتارىدا يەنە خىتاي تاشلاپ بەرگەن ئازغىنە «يەمچۈك» كە گول بولۇپ، ھەقىقەتنى يوشۇرۇۋاتقان

غەربلىك سىنولوگ (خىتايشۇناس) ياكى ئۇيغۇرشۇناسلار ھەم مەۋجۇت. مەسىلەن، يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن رۇمىنىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن بىر قىسىم ياش خىتايشۇناسلار ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ كەلگەن ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياقىدىغان تەشۋىقاتلارنى قىلغان ۋە باشقا تەتقىقاتچىلارنى يالغانچىغا چىقارماقچى بولغان.

بۇ قارشىلىقلار ئالدىدا، كۆپ ساندىكى تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار يەنىلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاشكارىلاشنى ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە ئەخلاقىي بۇرچى دەپ بىلىپ كەلمەكتە.

جوئەننى سمىت فىنلېي، ئاننا خەيس(Anna Hayes) ۋە شان روبېرتسقا ( Sean Roberts) ئوخشاش بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار 2019-يىلى سېنتەبىردە، ئاۋسترالىيەنىڭ كانبېررا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» مۇ ياكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» مۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە جىددىي مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار بىردەك نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىقنىڭ «مەدەنىيەت» دېگەن ئۇقۇمنى نىقاب قىلىۋالغان بىر تۈرلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ب د ت دە كۆرسىتىلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېنىقلىمىسىنىڭ بەش تۈرلۈك شەرتىنىڭ ھەممىسىنى ھازىرلايدىغانلىقىنى تەستىقلايدۇ.

بۇنىڭغا ئەگىشىپ خەلقئارالىق ئادۋوكاتلار ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى قانداق قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سوتقا تارتقىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە باش قاتۇرىدۇ. تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارالىق ياردەملەر نەتىجىسىدە، خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ئۈچۈن «ماگنېتىسكىي قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش تەستىقلاندى. شى جىنپىڭ قاتارلىق خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سەۋەبى بىلەن تەكشۈرۈشكە چاقىرىلىپ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇلدى. 2021-يىلىدىن باشلاپ تا بۈگۈنگىچە ئامېرىكا، كانادا، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزىلىۋاتقانلىقىنى رەسمىي تۈردە ئېلان قىلدى.

ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار ۋە ئاكتىۋېستلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلارنىڭ توغرا مەۋقەدە تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنى ئەڭ مۇۋاپىق ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلىشى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنياۋى خاراكتېرلىك تەسىرىنى كېڭەيتىشتە ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقىنى كەلتۈرۈشتە چوڭ رول ئوينايدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىلىم ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلايدىغان، شۇنداقلا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ يېزىلغان ئىلمىي ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئېلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.