Responsive Image

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىككىنچى پايتەخت قۇرۇش پىلانى قانداق مەقسەتتە ئوتتۇرىغا چىقتى؟

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىككىنچى پايتەخت قۇرۇش پىلانى قانداق مەقسەتتە ئوتتۇرىغا چىقتى؟

خىتاي ھۆكۈمىتى مەبلەغ سالغان بىر دۆلەتلىك تەتقىقات تۈرىنىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئىككىنچى پايتەختىنى ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرۇش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر دوكلاتتا، ئەگەر خىتاي ئىككىنچى پايتەختنى ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرغان تەقدىردە، دۆلەت ئىقتىسادىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلسىنى ھەل قىلغىلى، ئاسىيا ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى سىتىۋىن چېڭنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇقىرىقى بۇ تەتقىقات تۈرى شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جوۋ ۋېن ۋە سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مى جۈن باشچىلىقىدىكى خىتاي تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دوكلاتى بېيجىڭدا چىقىدىغان «ئىجتىمائىي پەنلەر» ژۇرنىلىنىڭ 21-ئاپرىل كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرماقچى بولغان ئىككىنچى پايتەختى بىلەن بېيجىڭنىڭ فۇنكسىيەسىنىڭ قانداق تەقسىملىنىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلاتلار بېرىلمىگەن، ئەمما ئۇنىڭدا ئىككىنچى پايتەختنى ئۈرۈمچى ياكى قەشقەرگە ئوخشاش نوپۇسى بىر قەدەر زىچراق شەھەرلەرگە يېقىن جايدا بەرپا قىلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. شۇنداق قىلغاندا، «ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلىغىلى بولىدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: «ئىككىنچى پايتەخت ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىۋاستە بىر تەرەپ قىلىدۇ، بۇ مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن يەرلىك مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ياخشىلاشقا پايدىلىق. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئالاقە ۋە مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، بارلىق پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.»

خەۋەردە دىيىلىشىچە، بېيجىڭدىكى قىستاڭچىلىق ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىنى پەسەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبلىك، ئىلگىرى بەزىلەر  شاڭخەي، گۇاڭجۇ، جېڭجۇ ياكى شىئەنگە ئوخشاش شەھەرلەردە ئىككىنچى پايتەخت تەسىس قىلىش ھەققىدە بىر قىسىم تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن. ئەمما بۇ تەكلىپلەر كۆپىنچە ھاللاردا ئايرىم بىر تەتقىقاتچى تەرىپىدىن ئۆز ئالدىغا يېزىلغان دوكلاتلار ئاساسىدا بولغاچقا، ئانچە كۆپ دىققەت قوزغىمىغان ئىكەن. ھالبۇكى، ئىككىنچى پايتەختنى ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرۇش ھەققىدىكى بۇ قېتىملىق چوڭ تەكلىپ، 2019-يىللىق خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەن فوندى مەبلەغ سالغان، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ خەتىرى ۋە پۇرسىتىنى باھالايدىغان چوڭ بىر تەتقىقات تۈرىنىڭ مەھسۇلى ئىكەن.

ئۇنداقتا، خىتاينىڭ ئىككىنچى پايتەخت قۇرۇش، قۇرغاندىمۇ ئۇنى ئۇيغۇر ئېلىدا تەسىس قىلىش پىلانىنىڭ مەقسىتى زادى نېمە؟

خىتاي ھۆكۈمىتى زور سوممىدا مەبلەغ سالغان بۇ تەتقىقات تۈرى، چەت ئەللەردىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

ئۇيغۇرشۇناس، ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى، ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتسنىڭ قارىشىچە، بۇ بىر ياقتىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئوخشاش قىلىۋېتىش سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا؛ يەنە بىر ياقتىن، خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

شان روبېرتىس بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ تەكلىپ لايىھەسىنىڭ چوقۇم ئەمەلىيلىشىدىغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما مەن بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا تاكى 1990-يىللاردىن باشلىغان سىياسەت بىلەن، يەنى ئۇيغۇر رايونىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ئوخشاش قىلىۋېتىش ھەم بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ داۋامى دەپ قارايمەن. يەنە بىر ياقتىن بۇ ئىش ماڭا قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستاننىڭ شىمالىنى رۇسىيە تەھدىتىدىن قوغداش ئۈچۈن پايتەختىنى ئالمۇتادىن ئاستاناغا يۆتكىگەنلىكىدەك ۋەقەنىمۇ ئەسلەتتى. خىتاينىڭ ئىككىنچى پايتەخت قۇرۇش ئويى، دۆلەتنىڭ مۇداپىيەسى ۋە خەۋپسىزلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.»

دوكتور شان روبېرتسنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چېگرا رايونلاردىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ سەۋەبىنى تاشقىي كۈچلەرنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ دەپ قارىغاچقا، ئۇزۇندىن بۇيان بۇ رايونلاردا مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تەسىر كۈچى ۋە ھاكىمىيەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىپ كەلگەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇ دېگەنلىك، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ياكى رۇسىيەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا تەھدىت پەيدا قىلىش خەۋپىدىن ئەنسىرىدى، دېگەنلىك ئەمەس. ئەمما خىتاي ياۋرو-ئاسىيادىكى مۇقىمسزلىقتىن ئەنسىرىگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇ ئىككىنچى پايتەختنى ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرۇش ئارقىلىق، غەربىي چىگراسىنى قوغداشنى، شۇنداقلا مۇقىمسىزلىقنىڭ ئىچكىي خىتايغا يېيىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن.»

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي تەتقىقاتچىلار مەزكۇر دوكلاتتا ئىككىنچى پايتەختنى ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرگەندە، خىتاينىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىللىق ئىقتىسادىي تېز ئېشىشىنىڭ ئاساسلىق شاڭخەي، گۇاڭجۇ ۋە شېنجېن قاتارلىق دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن ئېكسپورتنى ئاساس قىلغان زور كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ياساش كەسپىنىڭ تۈرتكىسىدە بولغانلىقى، ئەمما بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئىقتىسادىنىڭ دېڭىز ئارقىلىق بولىدىغان سودىغا زور دەرىجىدە بېقىنىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. شۇڭا دوكلاتتا «ئەگەر يەر شارى تىرانسپورت لىنىيەسىدە قالايمىقانچىلىق يۈز بەرسە ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن توقۇنۇش كېلىپ چىقسا، دېڭىز يولى تىجارىتى زور خەۋپكە ئۇچرىشى مۇمكىن» دېيىلگەن. ئۇلار يەنە تەيفېڭ بورىنى ۋە دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆرلىشى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر تەھدىتىنىڭمۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئىككىنچى پايتەخت، بېيجىڭنىڭ ھازىرقى خىتاينىڭ بىردىنبىر پايتەختى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، نوپۇسنىڭ كۆپىيىپ كېتىش ۋە باشقا خىرىسلارنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.»

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىدا دېيىلگەنلەر ئىككىنچى پايتەخت قۇرۇشتىكى مەقسەتنىڭ پەقەتلا بىر قىسمى بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى خىتاينىڭ جاھانگىر دۆلەت بولۇش ئارزۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي جاھانگىر دۆلەت بولۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ ئۇنىڭ بۇ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ۋاستە بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇر ئېلى ئۆزىنىڭ ئورنى جەھەتتىن ئالغاندىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رايون. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، تۈركىيە ۋە ياۋروپاغا تۇتىشىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە ئىككىنچى پايتەخت قۇرۇش، خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ پىلانغا ئاساسەن خىتاي ئىچىدە 20 دەك خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى شەھىرى ۋە تەخمىنەن 80 دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى شەھەرلىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان. «خىتاي خەۋەرلەر تورى»دا ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ پىلان بويىچە خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى ئۈرۈمچىنى خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسال قاتناش مەركىزى؛ كورلا، قەشقەر ۋە غۇلجانى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسال قاتناش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش بېكىتىلگەن ئىكەن.

ئۇنداقتا، ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاينىڭ ئىككىنچى پايتەختىنى قۇرۇش ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى خەلقئارالاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

دوكتور شان روبېرتىسنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۇپراققا بولغان ئىگىدارچىلىق ۋە ھەقدارلىقىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«ئەلۋەتتە، ھازىر بۇ پىلاننىڭ ئەمەلىيلىشىدىن سۆز ئىچىش تېخى بالدۇر. ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلىيلەشكەن تەقدىردە، بۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئانا ۋەتىنى ئىكەنلىكىدەك بىر تارىخىي ئۇقۇمنى ئاياقلاشتۇرۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ رايوندا ئاللىقاچان يۈز بېرىۋاتقان جىددىي شەكىلدىكى خىتايلىشىشنى يەنىمۇ تېزلەشتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ پىلان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى ۋە ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىدۇ، دەپ قارايمەن»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ بۇ پىلاننىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىسىز شارائىت يارىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككىنچى پايتەختنى ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرۇشى ئۈچۈن، بۇ رايون يۈكسەك دەرىجىدە ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىنغان بولۇشى ۋە كۆپلەپ سۇ مەنبەسى ئېچىلىپ، تېخىمۇ جىق خىتاي كۆچمەنلەر يەرلەشكەن بولۇشى كېرەك. بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق ئەمەس. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئېرىپ تۈگىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ»

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى»نىڭ دېيىشىچە، ئادەتتە دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەن فوندىغا ئائىت تەتقىقات تۈرلىرى ناھايىتى قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە باھالاش جەريانىدىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بېيجىڭدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شەھەر پىلانلاش تەتقىقاتچىسى مەزكۇر گېزىتكە قىلغان سۆزىدە «بۇ تەكلىپ ئىلگىرىكى تەكلىپلەرگە قارىغاندا، بىر قەدەر ئىشەنچلىك ۋە بەلگىلىك سالماققا ئىگىدەك تۇرىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە: «بۇ دوكلات بۇ جەھەتتىكى پەقەت بىرلا كۆز قاراشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. باشقا ئالىملار ۋە تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان كۆز قارىشى ياكى مۇھىم تەشەببۇسلىرى بولۇشى مۇمكىن، ئاقىۋەتتە، بۇ تۈرنى يولغا قويۇش-قىلماسلىقنى ئاخىرىقى ھېسابتا ھۆكۈمەت قارار قىلىدۇ» دېگەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتايدا ھازىر «غەرب چۆكۈۋاتىدۇ، شەرق يۈكسىلىۋاتىدۇ» دەيدىغان كۆز قاراش ھۆكۈم سۈرۈۋاتقاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ جاھانگىر دۆلەت بولۇش يولىدىكى پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ بىلەن قارىماقتىكەن. بىراق، ئەمەلىيەت راست شۇنداقمۇ؟ بۇنى كېلەچەكتىكى تەرەققىياتلار ئاشكارىلاپ بېرىدىكەن.