Responsive Image

ئافېنادىكى ئولىمپىك ئاخبارات يىغىنىنىڭ خىتابى: «تەنھەرىكەتچىلەر بىر قېتىملىق مۇسابىقىدىن قېلىشى مۇمكىن، ئەممە پۈتۈن ئۇيغۇر ئائىلىلىرى يوقالدى»

ئافېنادىكى ئولىمپىك ئاخبارات يىغىنىنىڭ خىتابى: «تەنھەرىكەتچىلەر بىر قېتىملىق مۇسابىقىدىن قېلىشى مۇمكىن، ئەممە پۈتۈن ئۇيغۇر ئائىلىلىرى يوقالدى»د ئۇ ق بىلەن بىر قانچە تىبەت تەشكىلاتى گىرېتسىيە پايتەختى ئافېنادا ئۆتكۈزگەن بېجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش يىغىنىدا د ئۇ ق نىڭ پروگرامما دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 19-ئۆكتەبىر.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

د ئۇ ق بىلەن بىر قانچە تىبەت تەشكىلاتى گىرېتسىيە پايتەختى ئافېنادا ئۆتكۈزگەن بېجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش يىغىنىدا د ئۇ ق نىڭ پروگرامما دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 19-ئۆكتەبىر.

19-ئۆكتەبىر كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بىر قانچە تىبەت تەشكىلاتى گىرېتسىيە پايتەختى ئافېنادا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى تەنقىد قىلغان شۇنداقلا سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ۋە ھەر قايسى ئەل تەنھەرىكەتچىلىرىنى بېجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان. ئافېنادىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 18-ئۆكتەبىر ئافېنانىڭ ئولىمپىك تېغىدا مەشئەل يېقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، 19-ئۆكتەبىر كۈنى مەشئەلنى خىتاينىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك ھەيئىتىگە ئ‍ۆتكۈزۈپ بەرگەن بىر ۋاقىتتا چاقىرىلغان.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى غەرب سىياسىيونلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغان بىر دۆلەتنىڭ ئولىمپىكقا ساھىبىانلىق قىلىشىنى بىكار قىلىش ياكى كېچىكتۈرۈش چاقىرىقلىرىنى رەت قىلىپ، ئولىمپىك مەشئىلىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

خىتاينىڭ باستۇرۇشىدا ياشاۋاتقان ۋە خىتايدىكى دېموكراتىيەنى قوغداشتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارغا بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلانغان ئافېنادىكى ئاخبارات يىغىنىدا، يىغىن رىياسەتچىسى، خەلقئارا تىبەت تورى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەندى مىكوۋېن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ئەيىبلىگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئولىمپىكنىڭ تىنچلىق، ئىنسانپەرۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق غايىسىگە بەك يىراق دۆلەت ئىكەن. مەندى مىكوۋېن مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىشىنىمەنكى، سىلەر ھەممىڭلار شۇ نۇقتىدا ئورتاق پىكىردە، بىز ئ‍ۆتكەنكى ھەرىكەتچان 48 سائەت ئىچىدە ئولىمپىكنىڭ تىنچلىققا بولغان ئىشەنچ، ئىتتىپاقلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك غايىسىنى تەكىتلەپ كەلگەن ۋە يەنە بىر مۇراسىمنى سەھنىگە چىقارغان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىگە شاھىت بولدۇق. ھەقىقەت شۇكى، ئولىمپىك مەشئىلى يەنە بىر قېتىم ئولىمپىك غايىسىگە بەك يىراق بىر ھۆكۈمەتنىڭ ساھىبىانلىقىغا تاپشۇرۇلدى».

بۇ قېتىملىق ئاخبارات يىغىنىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى، ياۋروپا تىبەت ياشلار بىرلەشمىسى، ئەركىن تىبەت ۋە تىبەت خەلقئارا تورى تەشكىلاتى قاتارلىق 5 تەشكىلات بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن. ئاخبارات يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن، ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغان بىر دۆلەتكە ئ‍ۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

زۇمرەتئاي ئەركىن مۇنداق دېگەن: «بىز بۈگۈن ئافېنادا پۈتۈن دۇنياغا ئ‍ولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئاكتىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان بىر دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرىمىز…. مىليونلىغان ئۇيغۇر، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇل ۋە خىتايلار بىزدەك تەلەيلىك ئەمەس. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بېيجىڭ ئولىمپىكى جەريانىدا نارازىلىق بىلدۈرۈپ قولغا ئېلىنغانلارغا كاپالەتلىك قىلىشنى خالامدۇ ياكى كىشىلىك ھوقۇق ئولىمپىك نىزامنامىسىنىڭ پارچىسى، دەپ تۇرۇپ، بىراق خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى دائىرىسىدە ئەمەس، دېگەننى داۋاملىق تەكىتلەمدۇ؟»

زۇمرەتئاينىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار G-7 يەنى سانائەتلەشكەن 7 دۆلەتنىڭ ېىيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشىنى ئ‍ۈمىد قىلىدىكەن. ئۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى سەمىمىيىتىنى سىنايدىغان بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

زۇمرەتئاي ئەركىن: «بىز سانائەتلەشكەن 7 دۆلەتنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشىنى كۈتىمىز. بۇ ھۆكۈمەتلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ۋە ئىنسانلىققا قارشى ئېغىر جىنايەتكە قاراپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە قانداقلارچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردا ئوخشاشلار كىشىلىك ھوقۇقنى نازارەت قىلالايدۇ. بۇ سىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن سەپ تۇتۇشىڭىزنىڭ پۇرسىتى، بىز بۇنىڭغا قاراپ تۇرىمىز» دېگەن.

ئافېنانىڭ ئولىمپىك تېغىدىكى مەشئەل يېقىش مۇراسىمىنىڭ 17 ۋە 18-ئۆكتەبىر كۈنلىرىدىكى پائالىيەتتە ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەۋەلىكىدىكى خوڭكوڭ ۋە تىبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە پائالىيەتچى نەق مەيداندا شوئار توۋلاپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

18-ئ‍ۆكتەبىر كۈنىدىكى مەشئەل يېقىش مۇراسىمىدا نەق مەيدانغا كىرىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەن 3 پائالىيەتچىنىڭ بىرى، «ئولىمپىك كومىتېتى قانداقلارچە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئ‍ۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتسا، بېيجىڭنىڭ قىشلىق ئولىمپىك ئ‍ۆتكۈزۈشىگە يول قويىدۇ؟» دەپ ۋارقىرىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، گىرېتسىيە ساقچىلىرى نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنى تۇتقۇن قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلاردىن 17-ئ‍ۆكتەبىر تۇتقۇن قىلىنغان ئىككىيلەننى قويۇپ بەرگەن. ئەمما 18-ئۆكتەبىر تۇتقۇن قىلىنغان ئۈچەيلەننى ھازىرغا قەدەر قويۇپ بەرمىگەن. ئافېنادىكى ئاخبارات يىغىنىدا، ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەت دىرېكتورى پېما دوما خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيىبلىگەن.

پېما دومانىڭ تەكىتلىشىچە، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي ئىستىبداتلىق دۆلەت بەرپا قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۆتكەن، خوڭكوڭدا دېموكراتىيەنى يوقاتقان، خىتايدىكى پەرقلىق ئاممىۋى ۋە دىنىي گۇرۇھلارنى شۇنداقلا ھەمجىنىسلىقلارنى باستۇرغان، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇنىڭغا كۆز يۇمغان.

پېما دوما يەنە مۇنداق دېگەن: «كۈنسېرى كۈچىيىپ ماڭغان بۇ باستۇرۇش كرىزىسىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى قانداق يول تاللىدى. ئۇلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قىزىل سىزىق سىزدىمۇ؟ ياق، ئۇلار پاكىتلارغا قارىماي خىتاينى داۋاملىق قوللاپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ۋە شى جىنپىڭنىڭ رەزىل باستۇرۇش ھەرىكىتىگە كۆز يۇمدى. خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىكنى ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇپ، خىتايغا خەلقئارالىق قانۇنى ئ‍اساس يارىتىپ بەردى».

ئاخبارات يىغىنىدا يەنە د ئۇ ق نىڭ پروگرامما دىرېكتورى زۇمرەتئەي ئەركىن ھەرقايسى دۆلەت تەنھەرىكەتچىلىرىگە خىتاب قىلىپ، ئۆزىنىڭ 40 تىن ئارتۇق ئۇرۇق-تۇغقان، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئەگەر تەنھەرىكەتچىلەر قىشلىق ئولىمپىكىگە قاتناشمىسا، بىر قېتىملىق مۇسابىقىدىن قۇرۇق قالىدىغانلىقى، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىلىرنى يوقىتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «تەنھەرىكەتچىلەرگە نىسبەتەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقاندا ئۆزىنىڭ كەسپىنى تاللاش، ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنىڭ ئارىسىدا قېلىش بەك مۈشكۈل. چۈنكى، ئۇلار ئېرىشكەن مېدال مىليونلىغان كىشىنىڭ قېنىغا مىلەنگەن. بىز بۇ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ خاتالىقى ئەمەس، دېگەننى قوبۇل قىلىمىز. بۇنىڭغا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى سەۋەبچى. ئۇلارنى بۇ ئەھۋالغا شۇلار چۈشۈرۈپ قويدى. مەن تەنھەرىكەتچىلەرگە شۇنى دېمەكچى، بىز سىلەرنى قوللايمىز. سىلەرنىڭ بىزگە ئىتتىپاقداش بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. سىلەر بەلكىم بىر قېتىملىق ئولىمپىك مۇسابىقىدىن قۇرۇق قالىسىلەر، ئەمما بىز پۈتۈن ئائىلىمىزنى يوقىتىپ قويۇۋاتىمىز».

ھازىرغا قەدەر رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۈتۈندىن باشقا ھېچقانداق بىر چەتئەل ھۆكۈمەت رەھبىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ باقمىغان. بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىىتتا يەنە ئامېرىكانى ئۆز ئ‍چىگە ئالغان ھېچقانداق بىر ھۆكۈمەتمۇ ئۇنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى قانداق قىلىشنى ئىتتىپاقداشلىرىغا مەسلىھەت سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى.