Responsive Image

تۈرمىدە 15 يىل يېتىپ ئامان چىققان قېيىماخۇن قارى، لاگېردا ئىككى يىل يېتىپ جەسىتى چىققان

تۈرمىدە 15 يىل يېتىپ ئامان چىققان قېيىماخۇن قارى، لاگېردا ئىككى يىل يېتىپ جەسىتى چىققان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

لاگېردىكى خورلاشنىڭ تۈرمىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكى لاگېر گۇۋاھچىلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىملاپ تەسۋىرلەنگەنىدى. مانا مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ئىلگىرى ئۈرۈمچى 1 ‏-تۈرمىدە 15 يىل جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ ئامان چىققان، دىنىي زات قېيىماخۇن قارى، 2017 ‏-يىلى لاگېرغا سابىق مەھبۇسلار قاتارىدا سولىنىپ ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتى چىققان.

توققۇزاقلىق مۇھاجىرنىڭ ئۆتكەن ھەپتە رادىومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا يەنە بايان قىلىنىشىچە، توققۇزاق بۇلاقسۇ 4 ‏-كەنت مەسچىتىنىڭ خاتىبى قېيىماخۇن قارى، 2017 ‏-يىلى سابىق مەھبۇسلار قاتارىدا تۇتقۇن قىلىنغان. دېيىلىشىچە، 1991 ‏-يىلى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق كېسىلگەن قېيىماخۇن قارى 2006 ‏-يىلى تۈرمىدىن ئامان-ئېسەن چىققان، ئەمما بۇ قېتىم لاگېرغا ئەكېتىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغان. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، 59 يېشىدا ئىككىنچى قېتىم تۇتۇلغىنىدا، ئۇنىڭ سالامەتلىكىدە ھېچقانداق مەسىلە يوق بولۇپ، ئۇ بامدات نامازدىن كېيىن، ئېتىزلىقىدا سۇ تۇتۇۋاتقان مەزگىلدە كەنت ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنىكەن.

بىز بۈگۈن توققۇزاقنىڭ ئوپال، ئارال ۋە بۇلاقسۇ ساقچىخانىلىرىغا تېلېفون قىلىپ يېقىنقى مەزگىللەردە لاگېردا جان ئۈزگەنلەر ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق.

ئىنكاستا ئەسكەرتىلىشىچە، قېيىماخۇن خاتىپ بولغاچقا مەسچىتكە يىراق-يېقىندىن كەلگەن كۆپ ساندا كىشىنى تونۇيدىغانلىقى ۋە توي-تۆكۈن ۋە نەزىر-چىراغلارغا كۆپ قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، ساقچىلار ئۇنىڭدىن كۆپ ساندىكى كىشىلەر ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشنى كۆزلىگەن ۋە لاگېردا ئەڭ كۆپ سوراققا چىققان، ئۇ بىر دىنىي زات بولۇش سۈپىتى بىلەن سوراق جەرياندا باشقىلارنى بالاغا تىقماسلىققا تىرىشقان؛ ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى، ئۇنىڭ تېخىمۇ ئېغىر قېيىن-قىستاققا ئېلىنىشىغا سەۋەب بولغان.

توققۇزاقنىڭ ئوپال لاگېرىدا 2 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قېيىماخۇن قارى، 2018 ‏-يىلىنىڭ ئاخىرى لاگېردىن جەسىتى چىققان.

مەلۇم بولۇشىچە، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىكى ئاكتىپلىقى، شۇنداقلا ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىدىكى چەبدەسلىكى بىلەن مەھەللە جامائىتى ئىچىدە ھەۋەس قىلىنىپ كېلىۋاتقان قېيىماخۇن قارىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈم خەۋىرى بۇلاقسۇدىكى ئاھالىلەرنى لاگېردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھالىدىن، بولۇپمۇ ياشتا چوڭ ۋە سالامەتلىكىدە مەسىلە بار ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشىگە چۈشۈرگەن.

مەزكۇر لاگېر ساقچىسىنىڭ پاش قىلىشىچە، قېيىماخۇن قارى، جان ئۈزۈشتىن بىر قانچە سائەت ئاۋۋال، لاگېر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلغان. ئەمما ئۇ، قېيىماخۇن قارىنىڭ دوختۇرخانىغا قانداق كېسەل ياكى زەخمەت سەۋەبلىك ئەكېتىلگەنلىكىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

لاگېرنىڭ شارائىتلىرى، جۈملىدىن سوئال-سوراق ۋە قېيىن-قىستاقلىرى تۈرمىدىكىگە نىسبەتەن كۆپ ۋە ئېغىر بولغاچقا، كۆپ ساندا تۇتقۇنلار، لاگېرنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا ئۆزلىرىگە ئارتىلغان گۇناھلىرىنى قۇرۇق-تۆھمەت بولسىمۇ بوينىغا ئالغان. ھەتتا بەزىلىرى ئۆزىدىن باشقىلارنىڭمۇ ئاتالمىش جىنايەتلىرىنى پاش قىلدۇرۇش ئۈچۈن، مەقسەتلىك ھالدا لاگېردا داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلغان.

سابىق مەھبۇسلاردىن مەمەتتۇرسۇن ئوسمان، ئۆزىنىڭ خوتەن قاماقخانىسىدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلىدە، لاگېردا «جىنايىتى» نى بوينىغا ئالغانلارنىڭ قاماقخانىغا يۆتكىلىدىغانلىقى ۋە لاگېردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قاماقخانىغا يۆتكىلىش ۋە كېسىلىپ تۈرمىگە يۆتكىلىشكە رازى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغانىدى.

يۇقىرىدا تۈرمىدە 15 يىل يېتىپ ئامان چىققان دىنىي زات قېيىماخۇن قارىنىڭ لاگېردا ئىككى يىل يېتىپ، جەسىتى چىققانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.