Responsive Image

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەۋج ئېلىۋاتقان ساياھەت پائالىيەتلىرى ۋە داۋاملىشىۋاتقان قورقۇنچ

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەۋج ئېلىۋاتقان ساياھەت پائالىيەتلىرى ۋە داۋاملىشىۋاتقان قورقۇنچ

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ، جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش چۇقانلىرى يەنە بىر مەھەل يۇقىرى پەللىگە چىققانىدى. يېقىندا «بىرلەشمە ئاگېنتلىق» (AP) نىڭ مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى تەكلىپكە بىنائەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن ساياھەت گۇرۇپپىسى تەركىبىدە ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگىچە بولغان رايونلاردا نەق مەيدان ساياھىتىدە بولغان. ئەمما ئۇلارنىڭ كۆرگەنلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆپ تەرەپلىمە شەكىلدە ئىشارە قىلغان. دېيك كاڭ ئىمزاسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئەنە شۇ ھادىسىلەر نۇقتىلىق ھالدا شەرھلەپ ئۆتۈلىدۇ.

مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى زىيارەت جەريانىدا بايقىغان بىر زور ئۆزگىرىش «يوقالغان» نەرسىلەرنىڭ بەكمۇ كۆپلۈكى بولغان: ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگىچە بولغان ھەرقايسى جايلاردىكى قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغان تىكەنلىك سىم-توساقلار، كۆزىتىش كامېرالىرى، ساقچى پونكىتلىرى دېگەنلەرنىڭ كۆزدىن يۈتۈشى، كوچىلارنى چارلاپ يۈرگەن برونېۋىك ماشىنىلار ۋە خىتاي ئەسكەرلەر لىق بېسىلغان ھەربىي يۈك ماشىنىلىرىنىڭ غايىب بولغانلىقى بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ مىساللار ئىكەن. مۇنداق بىر قارىماققا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولغانلىقى كۆپ قېتىملاپ مۇھاكىمە قىلىنغان بۇ رايوندا ئۆتكەن تۆت يىلدا قاباھەت قاپلىغان كەيپىيات تۈگەپ، ئەسلىدىكى نورمال ھايات بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىپ كەلگەندەك بىر كۆرۈنۈش مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ھالبۇكى، تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كۆزىتىش جەريانىدا مۇخبىرلار ھەرقايسى جايلاردىكى ئىلگىرى مەلۇملۇق بولغان مەسچىتلەر ۋە باشقا تارىخىي نۇقتىلارنىڭمۇ ئوخشاشلا كۆزدىن يۈتكەنلىكىنى، كوچىلاردا ئۇچرايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ كۆرۈنمەس بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۇچرايدىغانلىرىنىڭمۇ بېشىدا دوپپا ياكى ياغلىقنىڭ يۈتكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا خاس تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ كۆزدىن يۈتكەنلىكىنى، كىتابخانىلاردا ماۋ زېدوڭ ۋە شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن باشقا كىتابلارنىڭ يوقالغانلىقىنى، ھەممىلا جاينى قىزىل رەڭلىك پانۇسلارنىڭ ۋە خىتاي بايراقلىرىنىڭ قاپلىغانلىقىنى، ھەتتا ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «قۇرئان» ئۆگىنىشىدە قوللىنىلىدىغان ئۇيغۇرچە تىلنىڭمۇ غايىب بولغانلىقىنى بايقىغان. بولۇپمۇ ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا توپ-توپ ھالدا كۆزگە چېلىقىدىغىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۆمىكى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۆگە مىنگەن، كاۋاب يېگەن، نان-توقاچلارنى قۇچاقلىغان ھالدا «شىنجاڭ ھازىر بەك ياخشى!» دەپ چۇقان سالغىنىچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشى دائىملىق ھادىسىلەرگە ئايلىنىپ قالغان.

مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تۈرلۈك تەخمىنلەرنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئاساسلىقى غەرب دۇنياسىدىكى ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك بېسىمى، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى جازا تەدبىرلىرى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىنى ئېسىدىن چىقمىغۇدەك قىلىپ مۇجۇپ قويدۇق» دېگەندەك خىياللىرىنى بۇنىڭغا تەققاسلايدۇ. يەنە بىر ياقتىن مەدەنىيەت، تارىخ ۋە تىل جەھەتتىن خىتايغا ئەمەس، بەلكى تۈركىيەگە بەكرەك يېقىن بولغان ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ بىر تەركىبى قىسمىغا ئايلاندۇرۇۋېتىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق ۋە يۇمشاق ۋاستىلارنى بىردەك قوللىنىپ باققان بولسىمۇ، شى جىنپىڭنىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن قاتتىق قوللۇق ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىشنى يېتەكچى قىلغان بىر قاتار دۆلەت سىياسىتى تۈزۈپ چىقىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئاۋسترالىيەدىكى لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس لېيبولد ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. .

«شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا يېڭىچە بولغان مۇستەملىكە نىشانىنى تۇرغۇزۇپ چىقتى. ئۇلار بۇ رايوننىڭ ئۆز ئىلىكىدە بولۇشىغا كېپىللىك قىلىپلا قالماي ھازىر يەنە بۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ تەبىئىيتىنى پۈتۈنلەي باشقىچە قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنى باشلىۋەتتى. مۇستەملىكە ئاساسىدىكى سىياسەتنىڭ مەزمۇنى ئېنىقكى شىنجاڭنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىشنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە پۈتۈنلەي خىتايچە قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقىشتا ئىپادىلىنىدۇ. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار ئالدى بىلەن ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليون ئۇيغۇرنى ‹تەربىيەلەش› نامىدىكى لاگېرلارغا قامىدى. ئۇلارنىڭ ئورنىنى، ھەتتا ئۆيلىرىنى ھازىر خىتايلار ئىگىلەپ بولدى. ھۆكۈمەت بولسا يەرلىك خەلقنىڭ تىل، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق ساھەگە مەنسۇپ بارچە نەرسىسىنى يوقىتىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھازىر تۈرلۈك نوپۇس سىياسەتلىرى ئارقىلىق يەرلىك خەلقنىڭ نوپۇسىنى شالاڭلىتىش ئاشكارا ئىجرا بولۇۋاتىدۇ. ئەمدى بولسا مەجبۇرىي ئەمگەك كېڭىيىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئايلىنىپ كېلىپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ رايوننى پۈتۈنلەي باشقىچە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھادىسىلەردۇر.»

ئەمما مۇخبىرلار دىققەت قىلغان بىر نۇقتا گەرچە ھازىر كۆپلىگەن شەھەرلەردە ماددىي توسۇقلار ئېلىپ تاشلانغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان. ئۇلارنىڭ پاسپورت ئېلىشى، بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە بېرىشى ئىلگىرى قانداق بولسا ھازىرمۇ شۇ پېتى ئىكەن. ئەمما خىتاي ساياھەتچىلەر توختىماستىن تورلارغا «شىنجاڭ ھازىر ئۇنداق ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ، مۇنداق بىخەتەر بولۇپ كېتىپتۇ» دېگەندەك يازمىلارنى چاپلاپ تۇرغان بىلەن ئاقسۇدىكى خىتاي دۇكاندارلاردىن بىرى مۇخبىرلارغا «بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ھازىر غىڭ قىلالماس بولدى» دېگەن. ئەمما بىرمۇ ئۇيغۇر مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى خالىمىغان، ئۇلارغا تىكىلىپ قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ روھىيەت دۇنياسىنى پۈتۈنلەي بىر ئورتاق قورقۇنچنىڭ چىرماپ بولغانلىقىنى ئۇلار ھەممىلا جايدا قىينالماستىنلا كۆرگەن. يەرلىك ئەمەلدارلار ئورۇنلاشتۇرغان بىر قېتىملىق «ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت» پائالىيىتىدە مەمەتجان ئەخەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر شوپۇر «مەن ‹تەربىيەلەش مەركىزى›دە پارتىيەمىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزۈمدىكى دىنىي ئېتىقادنىڭ خاتا بولغانلىقىنى بايقاپ ئۇنى پۈتۈنلەي تاشلىدىم. مەن ھازىر قايتىدىن ھاراق ئىچىشنى ۋە تاماكا چېكىشنى باشلىۋالدىم» دېگەن. ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان تالىبلارنىڭ دەرسلىك كىتابىنى ۋاراقلاپ باققان مۇخبىرلار ئۇنىڭدىكى «بىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە مۇشۇنداق ئارامبەخش ھاياتنى بەخش ئەتكىنىگە مىننەتدار بولۇشىمىز لازىم. جۇڭگوچە ئ‍الاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز. ئامىن» دېگەندەك خىتايچە قۇرلارنى كۆرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى بىر مىللەتكە خاس بارلىق مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشى ھەققىدە سۆز بولغاندا پروفېسسور جېيمىس لېيبولد بۇنىڭ ماھىيەتتە خىتايدا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان «ياۋايىلارنى مەدەنىيەتلەشتۈرۈش» ئۇرۇنۇشىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. .

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە خىتايلارنى مەركەز قىلغان مەدەنىيەت ھادىسىلىرى ۋە تۇرمۇش شەكلى ھەرقاچان ئىلغارلىقنىڭ مسالى دەپ قارىلىدۇ. بۇ چۈشەنچە بويىچە بولغاندا ياۋايى ھالەتتىكى باشقا مىللەتلەر مەدەنىيەتلىك بولغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە مەپتۇن بولۇشى ھەمدە خۇشاللىق بىلەن ئۇنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. خىتاي دۆلىتىنىڭ تارىخىدا بۇ خىلدىكى سىڭدۈرۈپ يوقىتىش ھادىسىسى بىرنەچچە قېتىم بولغان. بۇنىڭ بىلەن سەددىچىننىڭ سىرتىدىكى بەزى قوۋملار راستىنىلا خىتاي مەدەنىيىتىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. ھازىر بولسا خىتاي كومپارتىيەسى تارىختىكى ئاشۇ تراگېدىيەنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان خىتايدىكى خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنى جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىگە پۈتۈنلەي سىڭدۈرۈۋېتىشنى بىر مۇھىم نىشان قىلىۋاتىدۇ. ھازىر بۇنىڭ كۆپلىگەن تەجرىبىلىرى شىنجاڭدا بارلىققا كەلدى. شۇ سەۋەبتىن ھازىرقى مىللىي سىياسەتلەر پۈتۈنلەي مۇشۇ باش نىشاننى چۆرىدەپ تۈزۈلۈۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ھازىر مۇزېيخانىلاردا ساقلىنىپ قالىدىغان مەدەنىيەت ھالىتىگە چۈشۈپ قېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. چۈنكى خىتاي دۆلىتىنىڭ ھازىر ئىجرا قىلىۋاتقىنى ئ‍ىختىيارىلىق ئاساسىدىكى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش تەشەببۇسى ئەمەس، ئەكسىچە پۈتۈنلەي مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى تولۇق ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى بولماقتا. خىتاي كومپارتىيەسى مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ چېگرا رايونى، دەپ قاراۋاتقان بۇ رايوننىڭ تەبىئىي قىياپىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ چىقىشقا تۇتۇش قىلماقتا. ئەمما مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، خىتاي شىنجاڭدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ. ئۇلار بۇنى خىتايدىكى باشقا رايونلارغىمۇ كېڭەيتىدۇ.»

مۇخبىرلارنىڭ ساياھەت پائالىيىتى ئاقسۇدا تامام بولۇش ئالدىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى دو ۋەنگۇي ئۇلارغا ئالاھىدە زىياپەت ئورۇنلاشتۇرغان. كاۋاب، قېتىق، پولۇ قاتارلىق بىر قاتار ئۇيغۇرچە تائاملار بىلەن لىق تولغان زىياپەت ئۈستىلىدە مۇخبىرلار بىلەن يانمۇ-يان ئولتۇرغان خىتاي سېكرېتار زىياپەت زالىدا ئۇيغۇرچە مۇزىكىغا جۆر بولۇپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان، شۇنىڭدەك پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە لىباسلار بىلەن كىيىنگەن ئۇسسۇلچىلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ؛ «كۆردۈڭلارمۇ؟ بۇ يەردە ھېچقانداق قىرغىنچىلىق مەۋجۇت ئەمەس. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى بەكمۇ ياخشى ساقلاپ قېلىۋاتىمىز» دېگەن.