Responsive Image

د ئۇ ق 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى گېرمانىيەدە رەسمىي باشلاندى

د ئۇ ق 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى گېرمانىيەدە رەسمىي باشلاندى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 21– ئاۋغۇست

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، د ئۇ ق دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن كېڭەيتىلگەن تېلېفون يىغىنىنىڭ قارارى ھەمدە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىمنىڭ 8-ئاينىڭ 13-كۈنى د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېندىكى باش شتابىدا چاقىرغان مۇھىم يىغىنىنىڭ روھىغا بىنائەن، بۇ يىل 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى جىددىي ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسى قۇرۇلتاي باش كاتىپلىقىغا تاپشۇرۇلغان.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پىكىر بايان قىلىپ، پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاي چاقىرىش يالغۇز د ئۇ ق نىڭ ئىچكى كرىزىسىنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان جىددىي ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

د ئۇ ق باش كاتىپى، ئۇ ن پ ئو نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا، پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتى تەسىس قىلىش، پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتايغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە ۋەكىللەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش، قۇرۇلتاينىڭ ئىقتىسادىي چىقىملىرىنى قامداش، قۇرۇلتاينىڭ پروگراممىلىرىنى ھازىرلاش ۋە قۇرۇلتايدا ھەل قىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ تېمىلىرىنى تۇرغۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ رەسمىي كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنىڭ روياپقا چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، بۇ قېتىمقى پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ تۈپ مەقسەتلىرىنىمۇ ئىزاھلاپ ئۆتۈپ، بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈمىد قىلغاندىكىدەك نەتىجىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى بىرلىك، ئىتتىپاقلىققا چاقىرىپ، پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينى ماددىي ھەم مەنىۋى تەرەپلەردىن قىزغىن قوللاشنى مۇراجىئەت قىلدى.

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى سۆزىنىڭ خاتىمىسىدە يەنە، پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىغىن بولىدىغانلىقىنى، يىغىننىڭ نەتىجىسىگە ئۆزىنىڭ ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.