Responsive Image

ئىنتېرپول كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىد نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى

ئىنتېرپول كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىد نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 22– ئاۋغۇست

ئىتالىيە ساقچىلىرىنىڭ بۇ يىل 26‏-ئىيۇل كۈنى دولقۇن ئەيسانى سوراق قىلىپ، ئۇنىڭ ئىتالىيە كېڭەش پالاتاسىغا كىرىشىنى توسۇشى، ئارقىدىنلا شەنبە كۈنى ئىسپانىيە ساقچىلىرىنىڭ گېرمانىيە تەۋەلىكىدىكى بىر ئۆكتىچى تۈركنى تۇتقۇن قىلىشى، ئىنتېرپولنىڭ «قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇشى» ھەققىدىكى مۇنازىرە، تەنقىدلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجېلا مېركېل يەكشەنبە كۈنى ئىنتېرپولغا ئەزا بەزى دۆلەتلەرنى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنى سۇيىئىستېمال قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. شۇ كۈنى گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى‏-خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىنتېرپولنى دەرھال ئىسلاھ قىلىشنى، ئۇنىڭ قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇشنى داۋاملىق سۇيىئىستېمال قىلىشىغا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 

خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى باياناتىدا، ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمەتلەرنىڭ «ئىنتېرپولنى قورال قىلىپ، چەتئەلدىكى ئۆكتىچىلەرنى قولغا ئېلىشى ۋە جىمىقتۇرۇشى بىر رەزىللىك» دەپ كۆرسىتىپ، «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇشنى چەتئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى سىستېمىلىق چەكلەشكە ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ كەسپىي پائالىيىتىگە غەيرىي رەسمىي چەك قويۇپ كېلىۋاتقانلىقى»نى تەنقىدلىگەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېلىئۇس دۈشەنبە رادىيومىزدا ئىنتېرپول ھەققىدىكى باياناتىغا چۈشەنچە بېرىپ، ئىنتېرپول ۋە ئۇنىڭ قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇشىنى ئىسلاھ قىلىش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز (باياناتىمىزدا) دولقۇننىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. چۈنكى، بىز ئۇنىڭ نوقۇل شەخسى ئاتاق ياكى ئىندىۋىدۇئال مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مىڭلىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە چېتىشلىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشنى ئىستىدۇق. چۈنكى، كىشىلەر دائىرىلەرنىڭ خەلقئارا قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئىزدىشىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز ئىنتېرپولدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇش چىقىرىش تەرتىپىنى ئىسلاھ قىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق. چۈنكى، ئۇنىڭ قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇشى ئوچۇق-ئاشكارا ئەمەس. قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇشتىكى كىشىلەرنىڭ قانداق ئاساسلارغا تايىنىپ ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتېرپولنىڭ قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇشىدىكى كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن ئۆچۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ يەردىكى زور مەسىلە تىزىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ زور قىيىنچىلىق ۋە پاراكەندىچىلىكلەرگە دۇچ كېلىشىدۇر. بۇ ئوخشاشلا دولقۇن ئەيسا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇچراۋاتقان مەسىلە. ھازىر بۇ مەسىلە زورىيىپ، ئۇلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدىكى ساياھەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى.»

بىز دۈشەنبە كۈنى باش شتابى فىرانسىيەنىڭ ليون شەھىرىدىكى ئىنتېرپولغا ۋە ئىنتېرپولنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇش ھەققىدىكى تەنقىدىگە قانداق ئىنكاس بىلدۈرىدىغانلىقىنى سورىغان بولساقمۇ، بىراق ھېچقانداق جاۋاب ئالالمىدۇق.

ئىنتېرپولنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىشخانىسىنىڭ بىر خادىمى، ئۆزىنىڭ ئۇ تەشكىلاتقا ۋاكالىتەن سۆز قىلىشى مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئەگەر سوئالىڭىز بولسا، ئۇلاردىن بىۋاسىتە تېلېفون قىلىپ سوراڭ. ئەگەر سىز ماڭا سوئالىڭىزنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرسىڭىز، مەن ئۇلارغا يوللاپ بېرەلەيمەن. ئۇلار ئېلخەت ئارقىلىق سىز بىلەن ئالاقىلىشىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. بىراق سوئالىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق يوللىغان بولساقمۇ، ئەمما ئىنتېرپولنىڭ ليون شەھىرىدىكى باش شتابى ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى.

ئىنتېرپول خىتاينىڭ بەرگەن ئۇچۇرىغا بىنائەن دولقۇن ئەيساغا 2000‏-يىللارنىڭ باشلىرىدا قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇش چىقارغان بولسىمۇ، بىراق دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ئىنتېرپولغا قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇش چىقارتىشى سىياسىي غەرەزلىك، دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن ئىدى.

بىراق، بۇ يىل 5‏-ئايدا ئۇنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى ب د ت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «يەرلىك مىللەتلەر مەسىلىسى» ھەققىدىكى يىغىنىغا قاتنىشىشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى، بۇ يىل 26‏-ئىيۇل ئىتالىيە كېڭەش پالاتاسىغا كىرىشى چەكلىنىپ، ئىتالىيە ساقچىلىرىنىڭ سوراق قىلىشىغا دۇچ كېلىشى، ئىنتېرپولنىڭ قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارالغان. بۇ ۋەقە خىتاينىڭ سابىق مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرى مېڭ خۇڭۋېي ئىنتېرپولنىڭ پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىدى.

پائالىيەتچىلەر ئىلگىرى مېڭ خۇڭۋېينىڭ ئىنتېرپولغا پرېزىدېنت بولۇشىغا قارشى چىققان. ئامېرىكىدىكى ئۆكتىچى ۋېي جىڭشىڭ ئىلگىرى فىرانسىيەنىڭ ليون شەھىرىدىكى ئىنتېرپولنىڭ باش شتابى ئالدىدا ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، ئىنتېرپولغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

ۋېي جىڭشىڭ دۈشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت ئىنتېرپولغا داۋاملىق سۈكۈت قىلسا، ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ۋېي جىڭشىڭ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مەسىلە بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. يالغۇز بىر خىتايلا ئەمەس، نۇرغۇن دۆلەتلەر، خۇسۇسەن تۈركىيەگە ئوخشاش ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنى قوللىنىپ، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى تۇتقۇن قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ھازىر سىياسىي جىنايەتچىلەرنى تۇتقۇن قىلىش خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم بىر ۋەزىپىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا داۋاملىق سۈكۈت قىلسا، بەك يامان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.»

ۋېي جىڭشىڭ، ئىنتېرپولنىڭ ھازىرقى پرېزىدېنتى مېڭ خۇڭۋېينىڭ بۇرۇن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ج خ سېپىدە ئىشلىگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىنتېرپولغا پرېزىدېنت سايلىغاندا ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سىز قويغان بۇ سوئال ناھايىتى مۇھىم. بۇ كىشىلەر ئالدى بىلەن سايلانغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈشى كېرەك. تارىخىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش خاتىرىسى بار بۇنداق كىشىلەرنى ھەرگىز سايلاشقا بولمايدۇ. مېنىڭ قارىشىچە، مەيلى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە بولسۇن، مەيلى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىغا بولسۇن، ئۇنىڭ پرىنسىپى چوقۇم ئېنىق بولۇشى كېرەك. ئۇ ب د ت غا ئوخشاش ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىلەت تاشلايدىغان بولماسلىقى كېرەك. ب د ت پرىنسىپى بىر ئاز چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن. شۇڭا، ب د ت دا ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەر كىچىك دۆلەتلەرنى ناھايىتى ئاسانلا ئۆزىگە تارتىپ، ئويۇن ئوينايدۇ.»

لېكىن خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى دېلىئۇس ئەپەندى، ئىنتېرپولنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ نازۇك مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىنتېرپولنى ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلىش ناھايىتى نازۇك مەسىلە. چۈنكى، ئۇنىڭ پرېزىدېنتى خىتاي. بىراق شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىشنى خالىمىسىمۇ، بىز يەنىلا ئىسلاھات قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز. بۇ ئارقىلىق بىز ھېچ بولمىسا ئۇنىڭ قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇشىنى داۋاملىق سۇيىئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان، خەلقئارا ساياھەت ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى ئەھدىنامىلەرگە ئەمەل قىلمايۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقىمىز. بىز بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىۋاتقان خىتاي، تۈركىيە ۋە ئافرىقادىكى ماۋرىتانىيەگە ئوخشاش نۇرغۇن ئەللەرنى بۇ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.»

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ئىنتېرپول 1923‏-يىلى قۇرۇلغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش نىزامى ھەر قايسى ئەللەر ساقچى ئورگانلىرىنىڭ چېگرا ھالقىپ قېچىپ يۈرگەن جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى تۇتۇشتا ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.