Responsive Image

ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغان

ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغان

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 22– ئاۋغۇست

بىز ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى چىقارغان «ئارىلاش ئولتۇراقلاشقانلارنى مۇكاپاتلاش ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى» ناملىق ھۆججەتكە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ، سايباغ ۋە بۇلاقتاغ رايونلۇق ھۆكۈمەتلىرىدە تەسىس قىلىنغان «ئارىلاش ئولتۇراقلىشىش قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى» دىكى مەسئۇل خادىملار رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ھۆججەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق «ئارىلاش ئولتۇراقلىشىش قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى» دىكى بىر نەپەر ئۇيغۇر ئايال خادىم تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
‏- شۇنداق، بۇ تەڭرىتاغ رايونلۇق ئارىلاش ئولتۇراقلىشىش قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى. بىز ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس ھۆججىتىگە ئاساسەن، ھازىر بۇ سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدۇق. ھۆججەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ شەرتلىرىنى دەمسىز؟ بۇ ھەقتە تېلېفوندا ئۇچۇر بېرەلمەيمەن. ئىشخانىغا كەلسىڭىز، بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بېرەي. بىزنىڭ ئىشخانا ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بەخت يولىدىكى خىزمەت بىناسىدا.

‏- بۇ تۈرگە ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلانغانلىرىغا ئېگىز قەۋەتلىك بىنادىن ئۆي ئالسا 80 مىڭ سوم، كۆپ قەۋەتلىك بىنادىن ئۆي ئالسا 50 مىڭ سوم تولۇقلىما بېرىلىدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىلتىماس سۇنۇش كېرەك. بىز ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى رەتلەپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە يوللايمىز. ئۇلار كۆرۈپ، تەستىقلىسا، يەنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالى بۇ سىياسەتكە ماس كەلسە، ئاندىن بۇ تۈرگە كىرەلەيدۇ.

‏- شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تۈر بويىچە سېلىۋاتقان ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى ھەرقانداق بىر بىنادا مىللەتلەرنى ئارىلاش ئولتۇراقلاشتۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە ئىش كۆرۈلىدۇ. يەنى بىر بىنادا پۈتۈنلەي ئۇيغۇر ياكى پۈتۈنلەي خەنزۇلار ئولتۇرسا بولمايدۇ. ‹ئارىلاش ئولتۇراقلاشتۇرۇش› بولغاندىكىن، ئەتراپىڭىزدىكى قوشنىلىرىڭىز، خەنزۇ، قازاق، تۇڭگان ياكى باشقا مىللەتتىن بولۇشى كېرەك.

‏- بۇ تۈردىكى ئۆينى سېتىۋالغاندىن كېيىن خالىغانچە سېتىۋېتەلمەيسىز. كېلىشىم بويىچە 10 يىل ئولتۇرۇشىڭىز كېرەك. ھازىر تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئاھالىلەر ئىلتىماس قىلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلار كۆپرەك. مەن تېلېفوندا سىزگە پەقەت شۇنچىلىكلا ئۇچۇر بېرەلەيمەن.

بىز يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق «ئارىلاش ئولتۇراقلىشىش قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى» غا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال خادىم مۇنداق دېدى:

‏- تەڭرىتاغ رايونى بىلەن سايباغ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئەگەردە ئۈرۈمچىنىڭ باشقا 4 رايونىدىن ئۆي ئالسا، ئۇلار بۇ ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئەگەر ئۆزى بۇرۇن ئولتۇرغان تەڭرىتاغ رايونى بىلەن سايباغ رايونىدىن ئۆي ئالىمەن دېسە، بۇ ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.

‏- ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆي سېتىۋالسا ئېتىبار بېرىلىدىغان 4 رايون دېگىنىمىز – بۇلاقتاغ رايونى (شۈيموگۇ رايونى)، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (گاوشىن رايونى ياكى يېڭى شەھەر رايونى)، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (جىڭكەي رايونى ياكى تۇدوڭخابا رايونى) ۋە مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى (مىدوڭ رايونى) دىن ئىبارەت. ئۇيغۇرلار مۇشۇ 4 رايوندىن ئۆي سېتىۋالسا ئاندىن ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

‏- بۇنىڭ سەۋەبىنى دەمسىز؟ چۈنكى بۇ، مىللەتلەرنى ‹ئارىلاش ئولتۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتى›. مۇشۇ سىياسەت بويىچە بۇندىن كېيىن ھەر بىر مىللەت ئۆز ئالدىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشقا بولمايدۇ. سىزگىمۇ مەلۇم، تەڭرىتاغ رايونى بىلەن سايباغ رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىككى رايون. شۇڭا مەزكۇر سىياسەت بويىچە ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچىدىكى خەنزۇ ئاھالىلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان 4 رايوندىن ئۆي ئالسا، ئاندىن ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. شۇنداق قىلغاندا، تەڭرىتاغ رايونى بىلەن سايباغ رايونىدىكى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنى خەنزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا چېچىۋەتكىلى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقىسىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

‏- ئۈرۈمچىدىكى خەنزۇ ئاھالىلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان 4 رايوندىكىلەر بۇ ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولىمەن دېسە، چوقۇم تەڭرىتاغ رايونى بىلەن سايباغ رايونىدىن ئۆي ئېلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا مىللەتلەرنىڭ ئۆز ‏- ئارا تىل ئۆگىنىشى، بىر-بىرىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئارىدىكى توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلاپ، ئىناق-ئىتتىپاق ۋەزىيەت ياراتقىلى بولىدۇ. چۈنكى ئارىلاشماي تۇرۇپ ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولمايدۇ-دە!»

‏- بۇ تۈر بويىچە ئۆي ئالغانلارغا ئەگەر ئېگىز بىنادىن ئۆي ئالسا 80 مىڭ سوم، كۆپ قەۋەتلىك بىنادىن ئۆي ئالسا 50 مىڭ سوم مۇكاپات بېرىلىدۇ. پەرزەنتلىرى تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە كىرىش ئىمتىھانى بەرگەندە 5 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ. سېتىۋالغان ئۆيىنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى بىلەن پار پۇلىنىڭ 20 پىرسەنتى 10 يىلغىچە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۆيگە تۆلەيدىغان باجنىڭمۇ مەلۇم قىسمى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

بىز ئاخىرىدا ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاق تاغ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ «ئارىلاش ئولتۇراقلىشىش قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى» غا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال خادىممۇ مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى:

‏- ھازىر بۇ سىياسەت تەڭرىتاغ رايونى بىلەن سايباغ رايونىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. بىزنىڭ بۇلاقتاغ رايونىدا تېخى باشلانمىدى.

‏- بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم بىز كۆرسەتكەن جايدىكى ئۆينى ئېلىشى، قولۇم-قوشنىسى ئۆز مىللىتىدىن ئەمەس، بەلكى باشقا مىللەتتىن بولۇشى كېرەك. بۇ مىللەتلەرنى ئۆز-ئارا ئارىلاشتۇرۇپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتى بولغاچقا، شۇنداق شەرتلەر قويۇلغان.

‏- ئەگەر مەلۇم بىر بىنادىن ئۆي ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ئۇ چاغدا بۇ بىنادىكى ئۇيغۇرلارنى باشقا بىنالارغا تارقاقلاشتۇرۇشى مۇمكىن. چۈنكى بىر مىللەت بىر جايغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشسا بۇ سىياسەتكە ماس كەلمەيدۇ.

‏- ھازىر تەڭرىتاغ رايونى بىلەن سايباغ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى مۇشۇ سىياسەت بويىچە باشقا 4 رايونغا تارقاقلاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇ قەدەم تاماملانغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ سىياسەت بىزنىڭ بۇلاقتاغ رايونى بىلەن شەھەرنىڭ غەربىي قىسمىدىكى خەنزۇلار كۆپ بولغان 3 رايوندا باشلىنىدۇ. بۇ 4 رايونلاردىكى خەنزۇلار ئۆي ئالماقچى بولسا، ئۇلارنى سايباغ رايونى بىلەن تەڭرىتاغ رايونىغا تارقاقلاشتۇرىدۇ.

‏- بۇ سىياسەت بويىچە بىر بىنادا 50 پىرسەنت خەنزۇلار بولسا، قالغان 50 پىرسەنتى چوقۇم باشقا مىللەتلەردىن بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا مىللەتلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.

‏- بۇنى ئالدى بىلەن تەڭرىتاغ رايونى بىلەن سايباغ رايونىدىن باشلىشىدىكى سەۋەب، بۇ ئىككى رايوندا ئەزەلدىن ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. خەنزۇ ئاھالىلىرى بۇ جايلاردىن ئۆي ئېلىشنى ئانچە خالىمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا بۇنداق مىللەتلەر ئايرىلىپ ئولتۇرىدىغان ھالەتنى بۇزۇپ، ئۇلارنى ئارىلاش ئولتۇراقلاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ناۋادا بىزنىڭ بۇلاقتاغ رايونىغا كۆچۈپ كېلىدىغان ئۇيغۇرلار كۆپ بولۇپ كەتسە، يەنى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ بۇ يەردىكى نىسبىتى ئېشىپ كەتسە، بۇلاقتاغ رايونىدا بۇ خىل ئېتىبار سىياسەت دەرھال توختىتىلىدۇ. چۈنكى ھۆكۈمەت بۇ سىياسەت ئارقىلىق شەھىرىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ھالىتىنى تەڭشەشنى مەقسەت قىلغان.

‏- بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئەھۋالى تەكشۈرۈلىدۇ. يەنى ‹بەشتە ياخشى ئائىلە› بولسا ئالدىن ئويلىشىلىدۇ. جىنايەت ئارخىپى بولماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ 3 ئەۋلاد بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا سىياسىي جىنايەت سادىر قىلمىغان بولۇشى كېرەك. بۇ ئەھۋاللار تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاندىن تەستىق چۈشىدۇ.

‏- مېنىڭ بىلىشىمچە، تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونى ۋە بىزنىڭ بۇلاقتاغ رايونىدا بۇ تۈرگە ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلار كۆپرەك بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى ئۆزىڭىز بىلىسىز، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى خەنزۇلارغا يەتمەيدۇ. شۇڭا ئۆيگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى، كۆپ كىشىلەرنى قىزىقتۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى بىر نەپەر خىتاي مەسئۇل خادىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇلق قىلىپ، مەزكۇر سىياسەتنىڭ مەقسىتى ھەققىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

‏- بىزنىڭ بۇ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى چىقىرىشىمىزدىكى ئاساسلىق مەقسىتىمىز شۇكى، شەھىرىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ۋە بىرگە ياشاش مۇھىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر. مەسىلەن، مەلۇم بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا خەنزۇ، ئۇيغۇر، تۇڭگان ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دېمەكتۇر. شۇنداق، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق چىقىش نۇقتىسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇنى قانداقتۇر بىخەتەرلىك مەسىلىسى ياكى باشقا نۇقتىلارنى كۆزدە تۇرۇپ چىقىرىلغان سىياسەت دېيىشكە بولمايدۇ، بەلكى ھازىرقى چوڭ ۋەزىيەت كۆزدە تۇتۇلغان بىر ئەمەلىي تەدبىر دېيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، سىز ئۇيغۇر، شەھىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 50-60 پىرسەنتنى، بەزى جايلاردا ھەتتا 70-80 پىرسەنتنى ئىگىلىشى مۇمكىن. شۇڭا مىللەتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشىدىكى بۇنداق تەكشىسىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ سىياسەت چىقىرىلغان.

(داۋامى بار)