Responsive Image

داڭلىق ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىمۇ تۇتقۇندا

داڭلىق ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىمۇ تۇتقۇندا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مۇخبىرىمىزنىڭ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى قامۇسى»، «ئەرەب تىلىنى مۇئەللىمسىز ئۆگىنىش» قاتارلىق كىتابلارنىڭ تۈزگۈچىسى، «قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم مائارىپچى ۋە ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

قەشقەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر يۇقىرىقى كىتابلارنىڭ تۈزگۈچىسى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. ئەمما قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوغداش بۆلۈمى مۇدىرى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

تور ئارخىپلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا بۇنىڭدىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى تارقىتىلغان «مەدەنىيەت بوستانى» ناملىق بىر تېلېۋىزىيە مەخسۇس پروگرامما سەھىپىسىدە ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى بىلەن مەخسۇس بىر سۆھبەت پروگراممىسى ئۆتكۈزۈلگەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، دائىرىلەر مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنى ئۇيغۇر ئىسىملىرى تەتقىقاتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردا ئەرەب تىلى قىزغىنلىقى ۋە دىنىي كەيپىيات يۈكسەكلىكى پەيدا قىلىش، بۇ ئارقىلىق «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» كە قۇتراتقۇلۇق قىلىش گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلغان ئىكەن.

قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساقچى خادىمى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىگەندىن كېيىن، بىز ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مالىيە بۆلۈمى مائاش تارقىتىش ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. مەزكۇر ئىشخانىنىڭ بوغالتىرى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ مائاشىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بىز ئۇنىڭدىن مائاشنىڭ نېمە ئۈچۈن توختىتىلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ خادىم مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى، ئۇ بۇ ھەقتە ئۇنىۋېرسىتېت كادىرلار بۆلۈمىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نەشر قىلىنىدىغان «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 2009‏-يىلدىكى سانىدا ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى مەخسۇس تونۇشتۇرۇلغان. تونۇشتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى 1991‏-يىلىدىن 2010‏-يىلىغا قەدەر «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ئىجتىمائىي پەن قىسمىنىڭ 20 يىللىق مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ۋە مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان.

ئۇ 1993‏-يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1989 ‏-1990-يىللىرى مىسىردا ئەرەب تىلىدىن بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن تەتقىقاتچى مۇتەللىپ سىدىق مىسىردىن قايتقاندىن كېيىن كېيىن «ئاھ، نىل دەرياسى»، «مىسىردىكى تۈركلەر» قاتارلىق ئەدەبىي خاتىرىلەرنى ئېلان قىلغان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ مۇشۇ يازمىلىرى سەۋەپلىكلا ئەينى يىللاردا مەكتەپتە سىياسىي جەھەتتىن گۇمانلىق دەپ قارىلىپ كەلگەنلىكى، گەرچە 20 دىن ئارتۇق كىتابى نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، پروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بېرىلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنىۋېرسىتېت قوغداش بۆلۈمىگە قارىتا ئىزچىل ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۇتقۇن قىلىنغان زىيالىيلار ئارىسىدا مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭمۇ بارلىقى دەلىللەندى.

سوئال: قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قايسى ئىشخانىسى بۇ؟

جاۋاب: تېل-كامېرا ئىشخانىسى.

سوئال: بۇ ئۇنىۋېرسىتېت قوغداش بۆلۈمىنىڭ بىر تارمىقىمۇ؟

جاۋاب: شۇنداق.

سوئال: مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى دېگەن كىشى مۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتقان ۋە تۇتۇلغانلار ئارىسىدا بارمۇ؟

جاۋاب: بار.

سوئال: تۇتۇلۇشىغا قايسى كىتابى سەۋەب بولدى؟

جاۋاب: ئۇنى ئۇقمايمەن.

«تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىدىكى تونۇشتۇرۇلۇشتا دېيىلىشىچە، مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى «ئەرەب تىلىدىن ئاساس» ناملىق 3 توملۇق كىتابىنىڭ 3‏-قىسمىنى، يەنى 650 مىڭ خەتلىك بىر كىتابىنى ھۆسنى خەت شەكلىدە يېزىپ چىققان ۋە قول يازما ھالىتىدە باستۇرۇپ تارقاتقان. ئۇ بۇ ئەمگىكى نەتىجىسىدە قەلەمداشلىرى ئارىسىدا «ئىجتىھاتلىق تەتقىقاتچى» دەپ نام ئالغان.