Responsive Image

بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى

بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي ساھەدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى ياكى قاماق جازاسى بېرىشى ۋە شۇنداقلا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى ياۋروپادىكى لىبېرال ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قاتتىق ئىنكاسىنى قوزغىغان.

مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ئۆتكەن ھەپتە رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقىب قۇربانلىرىغا ئايلانغان ئۇيغۇر ئۇنىۋېرسىتېت خادىملىرىغا ھەمدەمدە بولىدىغانلىقى، ياۋروپادىكى باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلارنى خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ھېسداشلىق قىلىشقا ۋە خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ ۋە ئىلمىي ساھەدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تۇتقۇن قىلىشىغا ئىنكاس قايتۇرغان تۇنجى غەرب ئۇنىۋېرسىتېتىدۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشى غەرب ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلار، خىتايشۇناسلار ۋە ھەر ساھەدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەيىبلەشلەر پەقەتلا ئۇلارنىڭ شەخسىي مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىپ كەلگەن ئىدى. بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاينىڭ 2016‏-يىلدىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇشلىرىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، «ئۆزگەرتىش» لاگېرلىرىغا قامىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى، «تەھدىت ئاستىدىكى ئالىملار» تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەندەك تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ساندىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىكلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىز چارشەنبە كۈنى بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنى زىيارەت قىلىشنى ئويلاشقان بولساقمۇ، بىراق تېلېفونىمىزنى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. غەربتىكى بەزى ئۇنىۋېرسىتېت خادىملىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، غەرب ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىكلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشىنىڭ ئەھمىيىتى زور ئىكەن. ئامېرىكىدىكى كورنىل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرى پروفېسسورى ماگنۇس فېسكاسيۆ چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باياناتىغا باھا بېرىپ، ئەركىن پىكىر قىلىشنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ يادرولۇق ئىدىيەۋى پرىنسىپى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ماگنۇس فېسكاسيۆ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ شىنجاڭدا ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئىلمىي خادىملىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا قارشى سۆز قىلىشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ مۇھىملىقىدىكى سەۋەب ئەركىن پىكىر قىلىش ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ يادرولۇق ئىدىيەۋى پرىنسىپى. ئەگەر ئەركىن پىكىر قىلىش توسقۇنلۇققا ئۇچرىسا، چەكلەنسە ياكى مەنئى قىلىنسا بۇ ئورۇننى ئۇنىۋېرسىتېت دېيىشكە بولمايدۇ. شۇڭا، مېنىڭ نۇقتىئىنەزىرىمدە بۇنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى تەتقىقات ئەركىنلىكىنى قوغداش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيىتى بار. ئەگەر بىزنىڭ مەسلەكداشلىرىمىزنىڭ بۇ ھوقۇقىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى كۆرسەك بىز دەرھال بۇنىڭغا قارشى ئىپادە بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.»

پروفېسسور فېسكاسيۆنىڭ قارىشىچە، بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ئۇ غەربتىكى باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭمۇ بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىردەك پوزىتسىيە ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ماگنۇس فېسكاسيئۆ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باياناتىنى قارشى ئالىمەن. مەن باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش يول تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز ھازىر خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان بىر كرىزىسقا شاھىت بولۇۋاتىمىز. بۇنىڭدا نۇرغۇن يەرلىك خەلقلەردىن بولغان ئاكادېمىكلار زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ، سىزگە مەلۇم بولغان ئۇسۇللاردا جازالانماقتا. بۇ ئاكادېمىكلار يوللانغان لاگېرلار قانۇن سىرتىدىكى ئورۇنلاردۇر. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۇ ھادىسە ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار مەسىلىسىنىڭ جىددىيىتىنى كۈچەيتمەكتە.»

بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باياناتىدا بۇ ئاكادېمىكلارغا ھېچقانداق ئاشكارا سوت ئېچىلمىغانلىقى، رايوندىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ چەتئەل تەتقىقاتچىلىرىغا غەيرىي رەسمىي تاقالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، فىرانسىيە، گوللاندىيە ۋە بېلگىيەلىك كەسىپداشلىرىنىڭ ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا يەنە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پىكىر ۋە ئاكادېمىك ئەركىنلىككە بولغان تەۋرەنمەس مەيدانى تەكىتلىنىپ، مۇنداق دېيىلگەن: «بىريۇسسېل ئۇنىۋېرسىتېتى يەنە بېلگىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلارنى خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىكلىرى دۇچ كېلىۋاتقان تەقىبنى تەنقىد قىلىشقا، بۇ ئارقىلىق ئۇلارغا ھەمدەمدە بولۇشقا چاقىرىدۇ. شىنجاڭ ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا غايىب بولغان كەسىپداشلىرىمىزغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ئىشەنچلىك. بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش كەسىپداشلىرىمىزنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە تۈرمىگە تاشلىنىشىنى قۇلايلاشتۇرىدۇ. شۇڭا بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى بىلىم ۋە ئىلىم-پەن ئەركىنلىكى نامىدىن بۇ سۈكۈتنى بۇزۇپ تاشلاپ، سىياسىي دائىرىلەر بەرپا قىلغان ئىدېئولوگىيەلىك رامكىدىن قۇتۇلۇشقا، بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئوتتۇرا ئەسىردە قوللىنىلغان مۇستەبىت سىياسىي مۇئامىلىنى قوللانماقتىكەن. «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرغۇچىسى، گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەنۋەر جان ئەپەندى خىتاي مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالماقچى بولسا، ئالدى بىلەن پىكىر ۋە سۆز ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باياناتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دەپسەندىچىلىكىنىڭ غەرب پىكىر ۋە چۈشەنچە دۇنياسىنى بىئارام قىلىشقا باشلىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا بولغان نارازىلىقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتتىكى پروفېسسور ماگنۇس فېسكاسيۆنىڭ قارىشىچە، غەرب ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتكە قارىتا قانداق كونكرېت تەدبىر ئېلىشى بىر ئاز مۇرەككەپ مەسىلە ئىكەن. لېكىن ئۇ غەرب ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقاندا ناھايىتى دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پروفېسسور فېسكاسيۆ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ كەسىپداشلىرىمنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەر خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى كەسىپداشلىرىمىز بىلەن مۇناسىۋىتىمىزنى ئۈزمەسلىكىمىز كېرەك، بىز ئۆز ئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق پروگراممىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك، دەپ قارايدۇ. لېكىن مەن بىز ئىنتايىن دىققەت قىلىشىمىز، ھەمكارلىق پروگراممىلىرىنىڭ قانداق پروگرامما ۋە ئۇنىڭ قانداق مەنپەئەت يەتكۈزىدىغانلىقىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىشىمىز كېرەك، دەيمەن. مەسىلەن، يېقىندا خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بىلەن بولغان بۇنداق ئىلىم ئالماشتۇرۇش پروگراممىلىرىغا تەتقىقاتچى دېگەن نامدا ھەربىيلەرنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى. ھەتتا ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى ئەركىن تەتقىقات ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەربىي مەقسەت ئۈچۈن بولسىمۇ، لېكىن غەربتىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئۇلارنى تەتقىقاتچى دەپ قوبۇل قىلغان.»

بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باياناتى ئۇشبۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەمكارلىقىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى خىتايدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار غەرب ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى. 2015‏-يىلى خىتايدىكى خۇادوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (شەرقىي خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتى) مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرغان ئىكەن.