Responsive Image

نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇن تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇن تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقاندا بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار مەسىلىلەر يالغۇز ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىدە بولۇشتىن باشقا يەنە بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردىمۇ قىزىق تېمىلاردىن بولۇپ قالماقتا. جۈملىدىن ئەنگلىيەدىكى داڭلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولغان نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر پاجىئەلەر ھەققىدە جانلىق بىر مەيدان لېكسىيە بېرىش ئۈچۈن نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى رايان سام، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى راچېل خاررىس، يېڭى قەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جوئاننا سىمىس فىنلېي قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى» تېمىسىدا يۇمىلاق ئۈستەل مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ رىياسەتچىسى، نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى كاسارېن ئادانېي خانىم ئالدى بىلەن كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇنداق بىر تېمىغا قىزىققانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە بۈگۈنكى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغۇچى مۇتەخەسسىسلەرنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ چىقتى.

ئالدى بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر فولكلورى بويىچە ئىزدىنىۋاتقان ئىجتىھاتلىق ئالىملاردىن دوكتور راچېل خاررىس سۆز ئالدى. ئۇ نۆۋەتتە مۇشۇنداق بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەچ ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغان ئاشۇ يىراق ماكاندا زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنىڭ كۆپلىگەن كىشىلەر ئۈچۈن نامەلۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە يېقىنقى زامان تارىخى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇماتلار بەرگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى، ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەممىلا يېرىدە قاتمۇ-قات تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى تەسىس قىلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان لاگېرلارغا بىر مىليوندىن ئارتۇق «سىياسىي جەھەتتىن گۇمانلىق» ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقىنى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشۇ لاگېرلاردا ئىسلام دىنى بىلەن ئالاقىدار بولغان بارلىق مەزمۇنلارغا قارشى چىقىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا پۈتۈن دۇنيانىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ كۆپ بويامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈردى.

ئارقىدىن سۆز ئالغان دوكتور رايان سام نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن «پۈتكۈل مىللەتنى ئۆزگەرتىش» تەك بۇ خىلدىكى ئىجرا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىشقا شۇنچە مەھلىيا بولۇپ كېتىشى ھەققىدە توختالدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ مۇنداقلا بىر قارىماققا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھازىرقى مىللىي سىياسىتىنىڭ مەقسىتى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى چۈشىنىش قىيىن ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن بۇلارنى جەزمەن چوڭ بىر «سىياسىي سەھنە» گە قويۇپ قاراش لازىملىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك بۇ ھالنى يىغىنچاقلىغاندا «ياتلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق مۇھىتى» ئىچىدە بولۇۋاتقان ھادىسىلەر، دەپ تەسۋىرلەشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، مانجۇلار قۇرغان چىڭ سۇلالىسى 1759-يىلى بۇ رايوننى ئىشغال قىلىپ ئۇنىڭغا «شىنجاڭ» دەپ نام قويغاندىن بۇيان بۇ رايوننى خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇۋېتىش ئۇرۇنۇشى توختاپ قالمىغان. بۇ يۈزلىنىش زامانىمىزغا قەدەر داۋام قىلغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى بۇنىڭغا ھەر خىل سىياسىي ناملارنى قويۇش ئارقىلىق ئىجرا قىلىپ كەلگەن. تاكى 2014-يىلىغا قەدەرمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى خەنزۇلار بىلەن بىرگە ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. پەقەت بىر ئوچۇم نىيىتى بۇزۇق كىشىلەر چەتئەلدىكى بۇزۇق ئۇنسۇرلارنىڭ قۇترىتىشى ئارقىسىدا چوڭ ياخشى ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان» دەپ «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «تېررورلۇق» نى «بىر ئوچۇم بۇزۇق ئۇيغۇرلار» غا مەنسۇپ قىلىپ كەلگەن. ھالبۇكى 2018-يىلىغا كەلگەندە بۇ خىلدىكى «بۇزۇق ئۇيغۇرلار» نىڭ سانى ئاللىقاچان بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. شۇنداقلا بۇ ساننىڭ داۋاملىق ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئەڭ ئاخىرىدا سۆز ئالغان دوكتور جوئاننا سىمىس فىنلېي نۇقتىلىق قىلىپ ھازىر ھەممىلا جاينى قاپلىغان زور تۇتقۇننىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قانداق سەلبىي ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى.

دوكتور جوئاننانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆتكەن 27 يىل جەريانىدا كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلار دىيارىغا بېرىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ بۇ جايدىكى ئەھۋالنىڭ ھېچقاچان 2018-يىلى ياز ئايلىرىدىكىدەك قاباھەت ۋە ۋەھىمىگە تولغانلىقىنى ھېس قىلىپ باقمىغان. ئۇنى ھەممىدىنمۇ بەك ھەيران قالدۇرغان ئىشلارنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق جايدا، ھەتتا ئۆز ئۆيلىرىدىمۇ ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلالماسلىقى، ھەممىلا جايدا «قۇلاق» بار، دەيدىغان قاراشنىڭ ئومۇملىشىپ بولغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىيالىدىن كەچكەن ئىشلارنىمۇ ئېغىزىدىن چىقىرالماس بولۇپ قالغانلىقىدۇر.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ھەممىلا جايدا مەسچىتلەر بوش قالغان، مەسچىتلەرنى تولدۇرۇپ تۇرىدىغان جامائەتنىڭ ئورنىنى بولسا خىتاي بايرىقى ئىگىلىگەن، رېستورانلارنىڭ ھېچقايسىسىدا ‹ھالال› دېگەن بەلگىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. يەرلىك ئۇيغۇرلاردا ھېچقانداق تەقۋادارلىق ئالامەتلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. مەن بۇ جەرياندا ئىككى ئۇيغۇر بىلەن ئۇچراشتىم. بىرى بىلەن كەچقۇرۇن، يەنە بىرى بىلەن تۈن نىسبىدە كۆرۈشكەن بولساممۇ ئۇلار مەن بىلەن ئولتۇرغىلى ئۇنىمىدى، گەپمۇ قىلمىدى. ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن مەن روشەن قورقۇنچ تۇيغۇلىرىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. كىشىلەرنىڭ چىراي ئىپادىسىدىكى بۇ خىل ئورتاق قورقۇنچ تۇيغۇسىنى مەن 2016-يىلى سېنتەبىر ئېيىدا ئۈرۈمچىگە بارغاندا ھېس قىلىشقا باشلىغان ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا چېن چۇەنگونىڭ تىبەتتىن يۆتكىلىپ كەلگىنىگە تېخى بىرنەچچە ئايلا بولغان ئىكەن. مەن ئۆزۈمنىڭ تونۇش ئۇيغۇرلىرىمدىن بىرەيلەن بىلەن ئاۋۋال بىر ئاشخانىدا ئۇچراشتۇق. تاماقتىن كېيىن بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە باردۇق. ھەيران قالغىنىم بۇ خانىم مەيلى ئاشخانىدا تاماق يەۋاتقاندا بولسۇن ياكى ئۆيىدە ماڭا چاي قۇيۇۋاتقاندا بولسۇن ئىككى گەپنىڭ بىرىدە ‹دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ سىياسىتى ھازىر بەك ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ› دېگەننى تەكرارلاپ قوياتتى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ مېنى شەھەرگە ئانچە يىراق بولمىغان بىر تاغلىق رايونغا ئوينىغىلى ئېلىپ باردى. ئىككى سائەتچە ماشىنىلىق يول يۈرۈپ، بىرنەچچە تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ماشىنىسىنى مەيدانغا توختىتىپ قويدى. ئاندىن بىز تاغقا يامىشىشقا باشلىدۇق. تاغنىڭ خېلى ئېگىز بىر يېرىگە بارغاندا ئۇ ئەتراپقا بىر قارىۋېتىپ ‹راستىنى دېسەم، سىزگە دەيدىغان شۇنچە جىق گەپلىرىم بار ئىدى. ئەمما ئۇلارنى ئۆيدە ياكى ماشىنىدا ۋە ياكى ھېچقانداق يەردە دېگىلى بولمايدۇ. دېسەممۇ بۇنى ھېچكىم ئاڭلاپ قالماسلىقى لازىم› دېدى.»

جوئاننا زالدا ئولتۇرغانلارغا ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرغاچ ھازىر ھەممىلا جايدا بەس-مۇنازىرە قوزغاۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاشۇ خىلدىكى ئورتاق قورقۇنچقا گىرىپتار قىلغانلىقىنى، لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە تاشقى دۇنيادىكىلەر ئويلىغاندىنمۇ ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ئەھۋال بەكمۇ يامانلىشىپ كەتتى. چۈنكى مىليونچە، بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ كىشىلەر لاگېرلارغا قامالدى. بىر خىتاي تاكسى شوپۇرىدىن بۇ ھەقتە سوراپ باقسام ‹بۇ تۇتۇلغانلار پەقەت ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتسىلا بولدى. ئۇلارغا ھېچ بىر چوڭ ئىشمۇ يوق› دېدى. قەشقەردە بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن سۆزلىشىپ قالغىنىمدا لاگېردىن چىققان ھېچكىمنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدە ئېغىر ‹كېسەل› بارلىقىنى ئېيتتى. مەن ‹بۇ قانداق كېسەل؟› دەپ سورىسام ئۈرۈمچىلىك بىر ئۇيغۇر سودىگەر ‹لاگېردىكى بۇ كىشىلەر ھازىر دورا يەۋاتىدۇ. بۇ پسىخولوگىيە دورىسى. بۇ دورىنى يېگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئويلاش ئۇسۇلى ئۆزگىرىدۇ، كاللىسىدىن ئىسلام دىنى ھەققىدىكى كېسەللەر چىقىپ كېتىدۇ› دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىلسەم ئاشۇ خىلدىكى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلىش خەۋپى كۆپلىگەن كىشىلەرنى مەن كۆرگەندەك زۇۋان سۈرەلمەس قىلىپ قويغان ئىكەن. قەشقەردىكى بىر ئوقۇتقۇچى بولغان كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر خاتالىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن ھېچكىم گەپ قىلىشنى خالىماس بولۇپ كېتىپتۇ. يەنە بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن كوچىدا پاراڭلىشىپ كېتىۋاتقاندا ‹خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى› غا ئاز قالغاندا ئۇ بىراقلا بالىلار ھەققىدە پاراڭ قىلىشقا باشلىدى. تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن مەن ئۆزۈم كۆرگەن ئەھۋاللارغا قاراپ بۇنى ‹مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى› دېيىشكە تامامەن بولىدىغانلىقى ھەققىدە گەپ باشلىشىمغا ئۇ ئايال دەرھال مېنى نوقۇشلاپ ‹بۇنداق گەپنى ئاغزىڭىزدىن چىقارماڭ! ھازىر ھەممە ئادەم بىر-بىرىگە پايلاقچى بولۇپ كەتتى› دەپ پىچىرلىدى. مەن بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىسام ئۇ ‹باشقا ئۇيغۇرلار بىزنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلايدۇ› دېدى.»

بۇ يىل ياز پەسلىدىكى ساياھىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئەھۋالنى ئېنىقلاپ بېقىشقا بەل باغلىغان بولسىمۇ، جوئاننا سىمىس باشقا چەتئەللىكلەرگە ئوخشاشلا يەرلىك كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىشكە قادىر بولالمىغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «قەشقەردە مەن نۇرلان مېھمانخانىسىغا چۈشتۈم. ئەسلىدە بۇ مېھمانخانىنىڭ ئىسمى ‹سۇلتان مېھمانخانىسى› ئىكەن. بۇ نام بەك سەزگۈر دەپ قارالغاچقا ئۇنىڭ نامى ئاشۇنداق ئۆزگەرتىلىپتۇ. بۇنىڭدىن ئازراقلا ماڭساق ھېيتگاھقا بارغىلى بولىدۇ. ھېيتگاھقا كىرىپ قارىسام تاملارغا نەقىش قىلىپ ئويۇلغان ئەرەبچە تېكىستلەر ئۆچۈرۈلۈپ، ئورنىغا ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بەخت، بۆلگۈنچىلىك ئاپەت› دېگەندەك تەشۋىقاتلار ئېسىپ قويۇلۇپتۇ. مەن ئىلگىرى زىيارەت قىلغان بىرنەچچە مەسچىتكە بېرىپ باقسام ھەممىسىگە پېچەت سېلىپ قويۇپتۇ. يول بويىدىكى ئايالدىن بۇ مەسچىتكە كىرىدىغانلار نەدە، دەپ سورىسام ‹ھەممىسىنى ئەكەتتى› دېدى. نەگە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى سورىسام ئۇ ئايال ئۈندىمىدى. بىز بۇ يەردە لاگېرلار ھەققىدە كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشقان بىلەن ئۇ جايدا كىشىلەر لاگېر ھەققىدە سۆز قىلىشتىنمۇ قورقىدىكەن. مەن يول بويىدا گۈللەرنى سۇغىرىۋاتقان بىر بوۋاينى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سورىماقچى بولۇپ ئاغزىمنى ئۆمەللىشىمگە ئۇ ‹ئارقىڭىزغا يېنىڭ. ماڭا سۆز قىلماڭ. سىز بىلەن گەپلەشسەم تۈگىمەس بالاغا قالىمەن› دەپلا گەپنى ئۈزۈۋەتتى.»

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققۇچى كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇشۇ قېتىمقى لېكسىيە ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ يىلتىزى ھەمدە بۇنىڭ ھازىرقى ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە.