Responsive Image

دولقۇن ئەيسا ۋە ئۆركەش دۆلەت «دۇنيا ئەركىنلىك قۇرۇلتىيى» نىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىن ئورۇن ئالدى

دولقۇن ئەيسا ۋە ئۆركەش دۆلەت «دۇنيا ئەركىنلىك قۇرۇلتىيى» نىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىن ئورۇن ئالدى

تۇنجى نۆۋەتلىك «دۇنيا ئەركىنلىك قۇرۇلتىيى» 11-ئاينىڭ 6-كۈنى لىتۋا پايتەختى ۋىلنيۇستا باشلانغان. ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، مۇستەبىت تۈزۈلمىلەرگە قارشى تۇرۇش، ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنى ھىمايە قىلىشنى تۈپ غايە قىلغان بۇ قۇرۇلتايغا 56 دۆلەتتىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق ئۆكتىچى، سىياسىي پائالىيەتچى ۋە خەلقئارادا تونۇلغان مەشھۇر زاتلار قاتناشقان. ئۇيغۇرلاردىن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى نۇرىي تۈركەل، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات، تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەت، د ئۇ ق پىروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن ۋە ئاسېنا ئىزگىل قاتارلىقلارمۇ تەكلىپ بىلەن بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان.

لىتۋا پايتەختى ۋىلنيۇستىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «دۇنيا ئەركىنلىك قۇرۇلتىيى» 2022-يىلى 11-ئايدا ۋىلنيۇستا قۇرۇلغان بولۇپ، بىر يىللىق تەييارلىقتىن كېيىن تۇنجى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى بۇ يىل 6-نويابىر باشلىغان. 4 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ قۇرۇلتايغا قاتناشقۇچىلار ئارىسىدا سۈرگۈندىكى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئەركىنلىك جەڭچىلىرىمۇ بار ئىكەن. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ بۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا رەھبەرلىرىگە ۋە ئەركىنلىك جەڭچىلىرىگە ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنىڭ ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە يەنە بۇ قۇرۇلتايغا داخىل بولغان مەشھۇر زاتلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا تېخىمۇ كۆپرەك ئاڭلىتىش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، «دۇنيا ئەركىنلىك قۇرۇلتىيى» 7-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزگەن ئىدارە ھەيئىتى سايلىمىدا، 5 قىتئەدىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق ۋەكىل ئىچىدىن 31 كىشىنى سايلاپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك كېڭىشىنى بەرپا قىلىپ چىققان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەتمۇ بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىن ئورۇن ئالغان.

د ئۇ ق پىروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن بۇ يىغىن ھەققىدە توختالغاندا، مەزكۇر قۇرۇلتايغا خەلقئارادا نامى چىققان بىر بۆلۈك مەشھۇر شەخسلەرنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى تىلغا ئالدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە «دۇنيا ئەركىنلىك قۇرۇلتىيى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئىرانلىق مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئالىنېجاد ماسىھ، رۇسىيە ئۆكتىچىسى ۋە سابىق دۇنيا شاھمات چېمپىيونى كاسپاروف، ۋېنېسۇئېلا نىڭ ئۆكتىچىلەر رەھبىرى لېئوپولدو لوپىز قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، لىتۋا پارلامېنتى 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغانىدى. لىتۋا ھۆكۈمىتى شۇ يىلى يەنە تەيۋەننىڭ ۋىلنيۇستا «تەيۋەن» دېگەن نام بىلەن ۋاكالەتخانا قۇرۇشىغا يول قويغانلىقى ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى ئېغىر كىرىزىسقا پاتقان. زۇمرەتئاينىڭ قارىشىچە، خەلقئارادىكى چوڭ بىر تەشكىلات بولغان «دۇنيا ئەركىنلىك قۇرۇلتىيى» نىڭ بۇ قېتىم ۋىلنيۇستا چاقىرىلىشى ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە قارشى تۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىن ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىنىڭمۇ ئورۇن ئېلىشى خىتاينى خېلىلا بىئارام قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.