Responsive Image

ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى: «ئۇيغۇر مەسىلىسى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسى شۇنداقلا كىشىلىك ۋىجدان مەسىلىسىدۇر!»

ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى: «ئۇيغۇر مەسىلىسى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسى شۇنداقلا كىشىلىك ۋىجدان مەسىلىسىدۇر!»ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياپونىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى كېئىجى فۇرۇيا (Keiji Furuya) ئەپەندى. 2023-يىلى 31-ئۆكتەبىر، توكيو.

ياپونىيە پارلامېنتىدا ئېچىلىۋاتقان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنياۋىي پارلامېنتلار كېڭىشى» نىڭ بىرىنچى كۈنىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى قانداقتۇر خىتاينىڭ «ئىچكىي ئىشى» ياكى «باشقىلار ئارىلاشسا بولمايدىغان مەسىلە» بولماستىن، بەلكى «پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسى، شۇنداقلا كىشىلىك ۋىجدان مەسىلىسى» ئىكەن.

ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياپونىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى، ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە تەدبىر ئېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى كېئىجى فۇرۇيا (Keiji Furuya) ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياپونىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى كېئىجى فۇرۇيا (Keiji Furuya) ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن بىللە. 2023-يىلى 31-ئۆكتەبىر، توكيو.

ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياپونىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى كېئىجى فۇرۇيا (Keiji Furuya) ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن بىللە. 2023-يىلى 31-ئۆكتەبىر، توكيو.

بىز ئالدى بىلەن كېئىجى فۇرۇيا ئەپەندىدىن «ياپونىيە خىتاينىڭ يېقىن قوشنىسى، شۇنداقلا خىتاي بىلەن بىر قاتار تارىخىي ۋە سىياسىي مەسىلىلىرى مەۋجۇت بىر دۆلەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيە خىتايغا نىسبەتەن سىياسىي جەھەتتىن ئىنتايىن سەزگۈر بىر دۆلەت. شۇنداقكەن، ئۇيغۇر مەسىلىسى ياپونىيەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلىدۇ. بۇ جەھەتتە سىلەر بېسىم ھېس قىلدىڭلارمۇ؟» دېگەن سوئالنى سورىدۇق. ئۇ، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن 11 يىل ئىلگىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى ياپونىيەدە ئېچىلغاندا خىتاي تەرەپتىن بىزگە نۇرغۇن بېسىملار كەلگەن. ھازىرمۇ ئوخشاشلا كېلىدۇ. بىز بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سەزگۈرلۈكىنى ئوبدان بىلىمىز، ئەمما بىز بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ باش ئەگكەن ئەمەسمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىغا قىلىۋاتقان بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنى دۇنياغا ئاشكارىلاش، بىزدەك پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇرچى».

بىز يەنە كېئىجى فۇرۇيا ئەپەندىدىن «ھازىر دۇنيادا 10 دەك دۆلەتنىڭ پارلامېنتى، جۈملىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى. ياپونىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىجابىي رول ئويناپ كەلگەن دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ئوچۇق-ئاشكارا قارار ئالمىدى. سىزچە ياپونىيەنىڭ بۇ مەسىلىدە ئېنىق بىر قارار ئېلىش مۇمكىنچىلىكى قانچىلىك؟» دەپ سورىدۇق. ئۇ، «ئەگەر بىز ياپونىيە پارلامېنتىدا ھەممە پارتىيەلەرنى بۇ مەسىلىدە بىر جايغا ئېلىپ كېلەلىسەك، بۇنىڭدا ئۈمىد بار. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز» دېدى.

ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدانىڭ كىشىلىك ھوقۇق بويىچە ئالىي مەسلىھەتچىسى گېن ناتاگانى (Gen Natagani) ئەپەندى. 2023-يىلى 31-ئۆكتەبىر، توكيو.

ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدانىڭ كىشىلىك ھوقۇق بويىچە ئالىي مەسلىھەتچىسى گېن ناتاگانى (Gen Natagani) ئەپەندى. 2023-يىلى 31-ئۆكتەبىر، توكيو.

ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا ئەپەندىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بويىچە ئالىي مەسلىھەتچىسى گېن ناتاگانى (Gen Natagani) ئەپەندىدىن «سىز ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بويىچە ئالىي مەسلىھەتچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئاۋاز چىقىرىپ باقتىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدۇق. ئۇ، ئۆزىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئالىي كومىسسارى باچېلېت خانىم بىلەن بۇ مەسىلىدە بىرقانچە قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى، باچېلېت خانىم ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان ئاخىرقى كۈنلەردە ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

بىز ئۇنىڭدىن «باچېلېت خانىمدىن كېيىن ۋولكېر تۈرك (Volker Turk) ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى بولدى. ئەمما ئۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ئەمەلىي بىر تەدبىر ئالالمىدى. سىز ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بويىچە ئالىي مەسلىھەتچىسى، سىز ۋولكېر تۈرك بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە كۆرۈشۈپ باقتىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدۇق.

ناتاگانى ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ئىككى قېتىم ب د ت غا بېرىپ ۋولكېر تۈرك بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن باچېلېت خانىم ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسەن ئۇيغۇرلار توغرىلىق تېخىمۇ كۈچلۈكرەك قارار چىقىرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. «ئەپسۇسلىنارلىقى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنلىرىدا خىتاينىڭ تەرىپىدە تۇرۇپ بېلەت تاشلايدىغان دۆلەتنىڭ سانى كۆپ بولغاچقا، بۇ مەسىلىدە ئازچىلىق بولۇپ قېلىۋاتىمىز، ئەمما داۋاملىق تىرىشىۋاتىمىز» دېدى گېن ناتاگانى ئەپەندى.

ياپونىيە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى مەملىكەتلىك قانۇن تۈزگۈچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ھىروئاكى مارۇياما (Hiroaki Maruyama) ئەپەندى (ئوڭدا) بىلەن ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن خالمەت روزى ئەپەندى. 2023-يىلى 31-ئۆكتەبىر، توكيو.

ياپونىيە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى مەملىكەتلىك قانۇن تۈزگۈچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ھىروئاكى مارۇياما (Hiroaki Maruyama) ئەپەندى (ئوڭدا) بىلەن ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن خالمەت روزى ئەپەندى. 2023-يىلى 31-ئۆكتەبىر، توكيو.

ھىروئاكى مارۇياما (Hiroaki Maruyama) ئەپەندى ياپونىيەدىكى يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى مەملىكەتلىك قانۇن تۈزگۈچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى. ئۇ ياپونىيە پارلامېنتىدا مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ياپونىيەدىكى ئاۋام خەلققە ئاڭلىتىش، شۇنداقلا خەلقنىڭ جامائەت پىكرى ئارقىلىق ياپونىيە پارلامېنتى ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق قارار چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئۇنىڭدىن «سىز نېمە سەۋەبتىن ياپونىيەدىكى يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈش ھەرىكىتىگە كىرىشتىڭىز؟» دەپ سورىدۇق. ئۇ ئىنتايىن ۋەزمىن بىر كەيپىياتتا مۇنداق دېدى: «بىز بىر مىللەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئاۋاز چىقارمىساق ياكى ئۇنى كۆرمەسكە سالساق، بىزنىڭ ئىنسانلىقىمىزدىن ھېچ بىر ئەسەر قالمايدۇ. ئۇيغۇرلار مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسى، شۇنداقلا كىشىلىك ۋىجدان مەسىلىسىدۇر!»