Responsive Image

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «شاۋقۇن-سۈرەن» ناملىق فىلىم ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا قويۇلماقچى

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «شاۋقۇن-سۈرەن» ناملىق فىلىم ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا قويۇلماقچىرېژىسسور داۋىد نوۋاك (David Novack) ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى جەنىس ئېنگلېخارت (Janice Englehart) تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «شاۋقۇن – سۈرەن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدا ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن جەۋھەر ئىلھامنىڭ سۆھبەتلىشىۋاتقان كۆرۈنۈشى.

ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن «شاۋقۇن-سۈرەن» فىلىمى بۇ يىل 6-ئايدا تۇنجى بولۇپ، يېڭى زېلاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2023-يىللىق خەلقئارالىق ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەنىدى. فىلىم رېژىسسورى داۋىد نوۋاك (David Novack) ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى جەنىس ئېنگلېخارت (Janice Englehart) تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بۇ فىلىم يۇقىرىدىكى فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇلغان 4000 دىن ئارتۇق فىلىم ئىچىدىن تاللىنىپ، «جىنايەت ۋە سۇيىقەست» فىلىملىرى كاتېگورىيەسى ئىچىدە «ئەڭ ياخشى فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 2 فىلىمنىڭ بىرى بولغان.

بۇ ھۆججەتلىك فىلىم 5-نويابىر كۈنى ئامېرىكادا قويۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا. فىلىم ئىشلىگۈچى جەنىس ئېنگلېخارتنىڭ بىزگە دېيىشىچە، بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئامېرىكادا تۇنجى قېتىم قويۇلۇشى ئىكەن. ئۇ، بۇ فىلىمنىڭ ھەم ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر نوپۇسى بىر قەدەر مەركەزلەشكەن جايدا ھەمدە سىياسەتنىڭ مەركىزىدە قويۇلىدىغانلىقىدىن خۇشال بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«بۇ يەر ئامېرىكادىكى سىياسىي كۈچلەرنىڭ مەركىزى. شۇڭا مەن بۇ فىلىمنىڭ بۇ يەردە تېخىمۇ زور تەسىر قوزغىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئامېرىكا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشتە كۆرۈنەرلىك تەدبىرلەرنى ئالدى، مەن بۇ فىلىمنىڭ يەنىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنىڭ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» .

بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتى 2018-يىلى باشلانغان بولۇپ، فىلىم ئۈچۈن ئۇلار تۈركىيە، قازاقىستان، نورۋېگىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بارغان ۋە ئۇ يەردىكى يۈزلىگەن گۇۋاھلىق بەرگۈچى شاھىتلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. فىلىم نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ھەم شۇنداقلا تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قىزى، ئامېرىكادىكى ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى بىرلەشمىسىنىڭ (Worker Rights Consortium) مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرى بويىچە تەتقىقاتچىسى جەۋھەر ئىلھامنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئىشلەنگەن بولۇپ، فىلىمدا يەنە، قەلبىنۇر سىدىق، گۈلباھار جېلىلوۋا، مېھرىگۈل تۇرسۇن، تاھىر ھامۇت ئىزگىل ۋە قازاق پائالىيەتچى ئاينا شورمانبايېۋ قاتارلىقلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىمۇ ئورۇن ئالغان.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، بۇ فىلىمدا يۇرتلىرىدىكى ئائىلىلىرى ئۈچۈن 100 دىن ئوشۇق كىشى گۇۋاھلىق بەرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى فىلىمغا كىرگۈزۈش مۇمكىن بولماي قالغان.

فىلىمنىڭ ئامېرىكادىكى ئېچىلىشىغا جەۋھەر ئىلھام قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇ فىلىمدىن كېيىن تاماشىبىنلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدىكەن. جەنىس خانىم سۆزىدە «جەۋھەرنىڭ ۋاشىنگتوندا بولۇشى ۋە تاماشىبىنلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشى بەك مۇھىم» دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ فىلىم ھەر قېتىم قويۇلغاندا تاماشىبىنلاردىن كېلىدىغان سوئاللارنىڭ بىرى بىز نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمىز، دېگەندىن ئىبارەت بولدى. مەنچە پايتەخت ۋاشىنگتون بۇ سوئالغا جاۋاب تاپىدىغان مۇھىم ئورۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە جەۋھەر ئۆزى ۋاشىنگتوندا بولغاچقا مەن بۇ مۇنازىرىلەرگە تېخىمۇ ياخشى جاۋاب تاپالايمىز، دەپ قارايمەن» .

فىلىم دەسلەپتە يېڭى زېلاندىيەدە فېستىۋالغا قاتنىشىپ «جىنايەت ۋە سۇيىقەست» فىلىملىرى كاتېگورىيەسى ئىچىدە «ئەڭ ياخشى فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىدى. ئۇ بۇ يىل ئۆكتەبىردە نورۋېگىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق بەرگەن فىلىم فېستىۋالى» غا قاتناشتۇرۇلغان. ئۇ بۇ فېستىۋالدا نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان «رافتو فوندى جەمئىيىتى» نىڭ قوللىشىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم كاتېگورىيەسى بولغان «Checkpoints» يەنى تەكشۈرۈش پونكىتى ھۆججەتلىك فىلىم تۈرىنىڭ ئېچىلىش فىلىمى قىلىپ قويۇلغان. جەنىس خانىم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ فىلىمنىڭ بۇ مۇسابىقە تۈرىدىكى ئېچىلىش فىلىمى قىلىپ تاللىنىشى فىلىمىمىزنى ۋە فىلىمدا ئاڭلىتىلغان مەسىلىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى» .

فىلىمنىڭ نورۋېگىيەدىكى ئېچىلىشىغا ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ۋە ئائىلىسى قاتناشقان، ئۇ بۇ فىلىمنىڭ كىشىلەردە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ۋە ئۆزلىرى ھەققىدە بەلگىلىك تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەنىس خانىم ئۆزلىرىنىڭ بۇ فىلىمنى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەردە فېستىۋاللارغا قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق كىشىلەردە ئۇيغۇرلارغا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە تونۇش پەيدا قىلىشلا ئەمەس، بەلكى ھەرىكەت قوزغاشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەن بۇ ئارقىلىق تونۇش پەيدا قىلىشنى، ئەڭ مۇھىمى ھەرىكەت شەكىللەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى، ئۆزلىرى سايلىغان رەھبەرلەرگە، سىياسەتچىلەرگە بېسىم ئىشلىتىشىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئىستېمال شەكلىنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كىشىلەر ھېچ بولمىغاندا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىۋاتقان شىركەتلەردىن نەرسە سېتىۋالماسلىق ئارقىلىق ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتەلەيدۇ. مەن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە مۇشۇنداق ئاممىۋى ھەرىكەت قوزغالسىكەن دەپ ئۈمىد قىلىمەن» .

«شاۋقۇن-سۈرەن» ناملىق بۇ فىلىم ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى «قوش ئاشكارىلاش-تەكشۈرۈش ئاخباراتچىلىقى كىنو فېستىۋالى» غا قاتناشتۇرۇلىدىكەن. مەزكۇر فىلىم فېستىۋالىنى خەلقئارادا مەسئۇلىيەتچان ئاخباراتچىلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان «100 ژۇرنالىست» ناملىق تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان. فىلىم 5-نويابىر ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى «مارتېن لۇتېركىڭ خاتىرە كۇتۇپخانىسى» دا قويۇلماقچى.