Responsive Image

«خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» نىڭ باياناتى: ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش-نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي، ئەڭ تەخىرسىز مەسىلىدۇر!

«خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» نىڭ باياناتى: ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش-نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي، ئەڭ تەخىرسىز مەسىلىدۇر!ئوڭدىن سولغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياپونىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى كېئىجى فۇرۇيا (Keiji Furuya) ۋە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات بىللە چۈشكەن سۈرەت، 2023-يىلى 30-ئۆكتەبىر، توكيو

توكيو ۋاقتى 31-ئۆكتەبىر كەچقۇرۇن ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنيا پارلامېنتلار كېڭىشى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. يىغىننىڭ ئاخىرقى قىسمىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن ھىروفۇمى شىمىمۇرا (Hirofumi Shimomura) ئەپەندى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياپونىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى كېئىجى فۇرۇيا (Keiji Furuya) ، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرېئان زېنز (Adrean Zenz) قاتارلىق كىشىلەر ياپونىيە ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ نەق مەيدان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» نامىدىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىندى. بىرلەشمە باياناتتا ھۆكۈمەتلەر، پارلامېنتلار ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ شۇنچە كۆپ تىرىشچانلىقىغا قارىماي، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش-نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي ۋە ئەڭ تەخىرسىز مەسىلە ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

ئوڭدىن سولغا پارلامېنت ئەزاسى ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باش كاتىپى خىرومى مىتسۇباياشى (Hiromi Mitsubayashi)، ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياپونىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى كېئىجى فۇرۇيا (Keiji Furuya)، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات بىللە چۈشكەن سۈرەت، 2023-يىلى 30-ئۆكتەبىر، توكيو

ئوڭدىن سولغا پارلامېنت ئەزاسى ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باش كاتىپى خىرومى مىتسۇباياشى (Hiromi Mitsubayashi)، ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياپونىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى كېئىجى فۇرۇيا (Keiji Furuya)، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات بىللە چۈشكەن سۈرەت، 2023-يىلى 30-ئۆكتەبىر، توكيو

مەزكۇر بايانات ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئاخىرقى بىرلەشمە باياناتتا بۇ قېتىم ياپونىيەدە ئېچىلغان ئىككى كۈنلۈك «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» نىڭ خۇلاسىسى يىغىنچاقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، بۇ قېتىملىق مۇنبەرگە دۇنيادىكى 25 دۆلەتتىن 80 نەپەرگە يېقىن سۆزلىگۈچى مۇتەخەسسىس ۋە 70 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقى؛ مۇنبەردە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى باش تېما سۈپىتىدە مۇھاكىمە قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خوڭكوڭدا دېموكراتىك سىستېمىنىڭ ۋەيران بولۇشى، تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي جىددىيچىلىك، خىتاينىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتى قاتارلىق تېمىلارنىڭمۇ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىندى.

باياناتتا يەنە خىتاينىڭ دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ماشىنىلىرىنى ئىشقا سېلىپ لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقى، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ «بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى» نى ياساپ كۆرسىتىشكە كۈچەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۇنىڭدا يەنە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېلىھەم جازا لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكى، بىر قىسمىنىڭ جازا مۇددىتى ئۇزارتىلىپ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ مېڭە يۇيۇش، قىيىن-قىستاق، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا جىنسىي زوراۋانلىق يۈرگۈزۈش، ئائىلە ئەزالىرىنى ئايرىۋېتىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق بىر قاتار ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە چېتىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات جېڭى قوزغاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، چېگرا ھالقىغان تەقىب ۋە كونتروللۇق تورى قۇرۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىشقا تۇتۇش قىلىۋاتقانلىقى پاش قىلىندى.

بۇ نۇقتىدا پىكىر بايان قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ قېتىملىق «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» نىڭ تۈرلۈك ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىر قېتىملىق زور ئۇچرىشىشى بولغانلىقىنى، يەنى سىياسەتچىلەر بىلەن مۇتەخەسسىس-ئالىملار، قانۇنچىلار بىلەن پائالىيەتچىلەر، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىلەن دۇنيا ئوتتۇرىسىدا بىر قېتىملىق ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆگىنىش ۋە تولۇقلاش پۇرسىتى بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

«خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا، پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تۆۋەندىكىدە 6 تۈرلۈك تەكلىپ ۋە تەۋسىيە ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

بىرىنچى، خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە تەھدىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەر، شۇنداقلا خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن خەلقى ئارىسىدا ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىق، بىرلىك ۋە ھەمكارلىقلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ ھەمدە ئورتاق تەھدىتكە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش تەكىتلەندى.

ئىككىنچى، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش تورى ھەققىدە مەخسۇس تەكلىپ-تەۋسىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يەنى ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىنى ئاساس قىلغان دەلىل-پاكىتلار ۋە كۈچلۈك ئانالىزلار ئارقىلىق، «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش» نىڭ ھەممە ئېتىراپ قىلغان ئېنىقلىمىسىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش؛ ھەر قايسىي ھۆكۈمەتلەرنىڭ تۈرلۈك ئەمەلىي چارە-تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۆز پۇقرالىرىنى خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى ۋە قارا قولىدىن قوغدىشى تەلەپ قىلىندى. بۇ نۇقتىدا پىكىر بايان قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۈچىنچى، ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە ئېنىق قارار چىقىرىشى؛ ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن بولغان سودا-تىجارەت ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىلەردە مۇھىم ئامىل سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشى؛ ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي كۈچ ۋە دېموكراتىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق، خەلقئارا قانۇن-قائىدە ۋە دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىشىغا يول قويماسلىق تەلەپ قىلىندى. بۇ نۇقتىدا پىكىر بايان قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى، ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى، خىتاينى باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەتكە قارىغاندا ئەڭ قاتتىق دەرىجىدە بىئارام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

باياناتنىڭ ئاخىرقى بۆلەكلىرىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ، بولۇپمۇ دېموكراتىك دۆلەتلەر، ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەمدە ئۇلارنى ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ياردەم بېرىشى؛ غەرب سىستېمىسىدا بولمىغان باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلارنى قوللاش سېپىگە ئۆتۈشى؛ دۇنياۋى شىركەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارىلاشقان مەھسۇلاتلار ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدىن يىراق تۇرۇشى، قانۇنىي ۋاسىتىلەر ۋە خەلقئارالىق ئادىل سودا پىرىنسىپى بويىچە خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىقىنى چەكلىشى، شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىدىن سىقىپ چىقىرىشى تەۋسىيە قىلىندى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئاخىرىدا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» دە مۇھاكىمە قىلىنغان تېمىلار ۋە يىغىن ئاخىرىدىكى بىرلەشمە باياناتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ-تەۋسىيەلەرنىڭ يېقىن ئارىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.