Responsive Image

«مۇستەملىكە» دىن «ئايرىلماس تەركىب» كىچە: ئەسىردىن ھالقىغان «خىتاي چۈشى» (1)

«مۇستەملىكە» دىن «ئايرىلماس تەركىب» كىچە: ئەسىردىن ھالقىغان «خىتاي چۈشى» (1)نۇرغۇن خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا يۆتكەش ئۈچۈن پويىز ئىستانسىسىدا تىزىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغان، كۆزى تېڭىق، كىشەنلەنگەن ئۇيغۇرلار.

يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى خەلقئارا تەنقىدلەرنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، بۇنىڭغا رەددىيە تەرىقىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭدىكى مەسىلىلەر بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىز، بۇنىڭغا تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىش ھەققى يوق» دېگەن شەكىلدىكى باياناتلىرى ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «ئەزەلدىن تارتىپ خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلگەنلىكى» نى دەستەك قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە باشقا خىل شەكىللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلەرنى ئاقلاشنىڭ ھېچقانداق مەنتىقىگە توغرا كەلمەيدىغانلىقى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولسىمۇ مەزكۇر ھۆكۈمنىڭ كۆپ قېتىملاپ تەكرارلىنىشى بۇ ھەقتىكى بەزى مايىللىققىمۇ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

قامۇسلاردىكى «مۇستەملىكە» ئاتالغۇسىنىڭ شەرھى

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەدىمكى خىتاي سالنامىلىرىدە «غەربىي يۇرت» دەپ ئاتالغان كەڭ دائىرىلىك جۇغراپىيەۋى بىرلىكنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ كەلگەنلىكى، «غەربىي يۇرت» نىڭ بولسا ھازىرقى ئۇيغۇر دىيارىدىن تارتىپ غەربتە تاكى ئىران ۋە ئىتالىيەگە قەدەر بولغان كەڭ رايوننى كۆرسىتىدىغانلىقى ئىلىم ساھەسىگە سىر ئەمەس. ھالبۇكى نۆۋەتتە خىتايدا نەشر قىلىنىۋاتقان ئەسەرلەردە «غەربىي يۇرت» دەپ ئاتالغان دائىرىدىكى زېمىننىڭ ئەسلىدە خىتاي تېررىتورىيەسى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى بايانلار بارغانسېرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە باشلىغان.

ئەمما مەيلى تىل-يېزىق ياكى مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن بولسۇن خىتاي بىلەن ھېچقانداق ئورتاقلىقى بولمىغان بىر رايوننى «ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى» دەۋېلىش ھاكىمىيەتنىڭ سايىسىدە مەتبۇئات يۈزىدىن ئورۇن ئالالىغان بولسىمۇ، بۇنىڭ تارىخ نۇقتىسىدىن ھېچقانداق ئاساسىنىڭ يوقلۇقى ‍ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇملۇق بولۇپ تۇرماقتا. جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋاردنىڭ پىكرىچە، قەدىمكى خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ زېمىن كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇنۇشلىرىدا ئۇلارنىڭ غەربكە كېڭىيىش ‍ئارزۇسى ئەڭ چېكىگە يەتكەن مەزگىلى ئارىلاشما قانلىق لى جەمەتى قۇرۇپ چىققان تاڭ سۇلالىسى (618-907) دەۋرى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە تاڭ ئىمپېرىيەسى ئۆزىنىڭ تارىختىكى «ئالتۇن دەۋرى» گە يەتكەن ھەمدە 751-يىلى شەرققە قاراپ كېڭىيىۋاتقان ئەرەب ئىمپېرىيەسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تالاس ۋادىسىدا ئۇچراشقان. ئىككى زور ئىمپېرىيە ئوتتۇرىسىدا بارلىققا كەلگەن ئاشۇ قېتىملىق تارىخىي ئۇرۇشتا تاڭ ئىمپېرىيەسى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن چېكىنگەن ھەمدە 1759-يىلىغا قەدەر مەزكۇر رايونغا ئاياق بېسىشقا قادىر بولالمىغان. بۇ نۇقتىنى رۇسىيە شەرقشۇناسلىرىدىن ۋىلادىمىز بارتولد ئىخچام قىلىپ «تالاس ئۇرۇشى ماھىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقچە ئۇسلۇبتىكى خىتاي مەدەنىيىتى ياكى غەربتىن كېلىۋاتقان ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلىشىغا ھۈل سالغان» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد مۇنداق دەيدۇ:

«يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ‹شىنجاڭ رايونى خەن سۇلالىسىدىن تارتىپلا خىتاينىڭ تەركىبى قىسمى بولۇپ كەلگەن› دېگەندەك ساختا تارىخىي بايانلار ھازىر كۆپ تەكرارلىنىدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. خەلقئارانىڭ تەنقىدىگە قارشى ئوتتۇرىغا چىققان بۇ خىل بايانلار ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بېرەلمەيدۇ. ئالدىنقى يىللىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي خەلق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇپ ماقالە يازغان ئەمەسمىدى؟ ھازىر ئىلمىي ساھەدىكى ‹ئالىملار›مۇ مۇشۇ خىلدىكى بايانلارنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ ھەتتا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەنبەسىنى خىتايچىدىن ئىزدەۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز نۆۋىتىدە بۇ رايوننىڭ ئوتتۇرا ئاسىياچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئالاھىدىلىكىنى ئىنكار قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلارنىڭ مۇشۇ شەكىلدە ‹شىنجاڭ خىتايغا مەنسۇپ› دەۋېلىشى بىلەنلا بۇ ئىشلار شۇنداق بولۇپ قالمايدۇ. چۈنكى بۇنىڭلىق بىلەن ئەسلىدىكى تۈپكى مەسىلە زادىلا ھەل بولمايدۇ.»

ئەنە شۇ يوسۇندا 18-ئەسىرگە كەلگەندە مانجۇلار قۇرۇپ چىققان چىڭ سۇلالىسى 1759-يىلى جۇڭغار ئىمپېرىيەسى بىلەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىپ، ھازىرقى جۇڭغارىيە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ رايوننى قوراللىق ئىشغال قىلغان. مانا مۇشۇ ۋاقىتتا ئىلى ۋادىسىدىكى جۇڭغار ئوردىسىدا تۇرغاقلىقتا تۇرۇۋاتقان خوجىلار ئەۋلادى چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ قولىغا چۈشكەندىن كېيىن «ئالتىشەھەر» دەپ ئاتىلىۋاتقان تارىم ۋادىسىنىڭ بېقىندى ھۆكۈمرانى بولۇپ جەنۇبقا ئەۋەتىلگەن. ئەمما ‍ئۇلار تۇرغاقلىقتىن بوشىنىپلا تېزدىن «ئالتەشەھەر» رايونىنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باشلىغان. ئۇيغۇر ئاپتورلار ۋە خەلق قوشاقلىرىدا كۆپ قېتىملاپ تىلغا ئېلىنىدىغان «قانلار دەريا بولۇپ ئاققان» ياكى «ئادەم قېنىدا تۈگمەن چۆرگىلەتكەن» دېگەندەك تەسۋىرلەر دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئوتتۇرىغا چىققان مۇستەقىللىق ئىنتىلىشلىرىنىڭ باستۇرۇلۇش جەريانى ھەققىدىكى ئەڭ ئىخچام ۋە جانلىق بايانلار بولۇپ قالغان. بۇ ھال تاكى 1864-يىلى مۇھەممەد ياقۇب بەگ قۇرۇپ چىققان «يەتتە شەھەر دۆلىتى» دەۋرىگىچە داۋام قىلىپ، خىتاي تەسىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم تارىم ۋادىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى بىلەن ئاياغلاشقان. بۇ خىل رېئاللىق تاكى 1884-يىلى ياقۇب بەگ ھاكىمىيىتى ھالاك بولۇپ، بۇ رايونغا رەسمىي ھالدا «شىنجاڭ» دېگەن نام قويۇلغۇچە داۋام قىلغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد مۇنداق دەيدۇ.

«ئەمما گەنسۇ ئۆلكىسىدىن باشلىنىپ ھازىرقى شىنجاڭ رايونىغا كېڭەيگەن ئاشۇ قېتىملىق زور ئىسياندىن كېيىن زو زوڭتاڭ بۇ جايغا كەلدى. ئۇ زور قوشۇن بىلەن بۇ جايدىكى مۇسۇلمانلار ھاكىمىيىتىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ رايوننى تولۇق ئىشغال قىلدى. ليۇ جىنتاڭ بولسا بۇ رايوننىڭ يېڭى ھۆكۈمرانى بولۇپ تەيىنلەندى. ئەنە شۇ كىشىلەر بۇ رايوننى جەزمەن بويسۇندۇرۇشىمىز ۋە قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشىمىز لازىم› دېگەن ئىدىيەنى ئو‍تتۇرىغا چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار بۇ رايوننى ئىمپېرىيە بىلەن زىچ باغلاش ئۈچۈن بۇنى سىياسىي، ئىقتىساد، قاتناش-تىرانسىپورت ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ باسقۇچلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىرىنچى قەدىمى سۈپىتىدە ئۇلار بۇ رايونغا خىتايلارنى كۆچۈرۈپ كېلىشكە ئاتلاندى.»

قىزىقارلىق يېرى، چىڭ ئىمپېرىيەسى تارىم ۋادىسىنى قايتا ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭغا يېڭىدىن «شىنجاڭ» دەپ نام بەرگەن ۋاقىتلاردا نەشر قىلىنغان باسما بۇيۇملاردا ئۇچرايدىغان ئۇچۇرلار «شىنجاڭ» دېگەن نامنىڭ «يېڭى چېگرا» دېگەن مەنىدىن باشقا يەنە «مۇستەملىكە رايونى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان تۇرغۇن سۆز ئىكەنلىكىنىمۇ ئىشارە قىلىدۇ. ياپونىيەلىك مەشھۇر خىتايشۇناس ئىنوئۇئې تېتسۇجىرو (Inoue Tetsujiro) تۈزگەن «تۈزىتىلگەن ۋە كېڭەيتىلگەن ئىنگلىزچە-خىتايچە لۇغەت» (1884)، مەنچىڭ دەۋرىدىكى خىتاي زىيالىيسى كۇاڭ چىجاۋ (邝其照) تۈزگەن «خىتايچە-ئىنگلىزچە لۇغەت» (1899)، جۇڭخۇا مىنگو دۆلىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرلىرىدىن يەن خۇيچىڭ (颜惠庆) 1908-يىلى تۈزگەن «ئىنگلىزچە-خىتايچە بۈيۈك قامۇس» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە «مۇستەملىكە» (colony) دېگەن سۆزنىڭ خىتايچە تەرجىمىسى ئۈچۈن «新疆» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن، «مۇستەملىكە خەلقى» دېگەن ئاتالغۇ ئۈچۈن بولسا «新疆人» دېگەن خەتلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن. بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە «شىنجاڭ» دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى «مۇستەملىكە» ئىكەنلىكىنى، «شىنجاڭ» دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ئىجاد قىلىنغان سۆز ئەمەس، ئەكسىچە ئەسلىدىنلا «مۇستەملىكە» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدىغان سۆز سۈپىتىدە خىتاي تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبىدە مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىپ بەرگەن. تېخىمۇ مۇھىمى، چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ يېڭىدىن ئىشغال قىلغان بۇ رايونغا «شىنجاڭ» دەپ قوش مەنىلىك نام قويۇشىنىڭ تەسادىپىلىق ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ئىمپېرىيەنىڭ نەزىرىدە بۇ جاينىڭ «مۇستەملىكە» دەپ قارالغانلىقىنىمۇ جانلىق يوسۇندا كۆرسىتىپ بەرگەن.

«خىتاي ھۆكۈمرانلىرى تارىخنى ئۇدۇم قىلىپ كەلمەكتە!»

خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ پېشۋاسى، دەپ ئاتالغان سۇن جوڭشەن باشلىغان «شىنخەي ئىنقىلابى» ئاشكارا ھالدىكى «ياتلارنى قوغلاپ چىقىرىپ جوڭخۇانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» شوئارى بىلەن 1912-يىلى ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي دۆلىتىگە ئۈچ ئەسىرگە يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان چىڭ ئىمپېرىيەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ھەمدە ئۇنىڭ ئورنىغا خىتايلارنىڭ مىللىي دۆلىتى بولغان «جۇڭخۇا مىنگو» نى قۇرۇپ چىققان. يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان سۇن جوڭشەن شۇ ۋاقىتتا «خىتاينىڭ خەلقئارا تەرەققىياتى» ناملىق زور ھەجىملىك ئىنگلىزچە ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ دۆلەتنى ئىقتىسادىي جەھەتتە قانداق قىلىپ خەلقئارا سەۋىيەدىكى ئىلغار دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ نىشان ۋە باسقۇچلىرىنى تەپسىلىي شەرھلىگەن.

«جۇڭخۇا مىنگو ئۇچۇر مىنىستىرلىقى» نامىدا ئېلان قىلىنغان بۇ تەرەققىيات لايىھىسىدە سۇن جوڭشەن شۇ ۋاقىتتىكى تارىخىي رېئاللىقنى مىسال قىلغان ھالدا «يان قوشنىمىز بولغان رۇسىيە ئىمپېرىيەسى دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىغا قوشنا بولغان رايونلارغا نۇرغۇن ساندا ئاھالە كۆچۈردى. ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى غەيرىتى بەكلا ئۈستۈن. بىز ئۇلار بىلەن قوشنا، يەنە كېلىپ قەدىمدىن بۇيان بىزنىڭ بۇ ماكانلاردا بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىشتەك تارىخىمىز بار تۇرۇقلۇق نېمىشقا ئۇلارنىڭ ئارقىدا قالىمىز؟» دەپ سوئال قويغان. شۇنىڭدەك «جۇڭخۇا دۆلىتىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش» تىكى مۇھىم تەدبىرلەر قاتارىدا «غەربىي شىمالدىكى مۇستەملىكە رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» دېگەن يېتەكچى ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان.

سون جوڭشەننىڭ لايىھەسىدە كۆرسىتىلىشىچە، غەربىي شىمالنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۆز نۆۋىتىدە جۇڭخۇا دۆلىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بىر مۇھىم باسقۇچى بولۇشتىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مۇھىم تەدبىر. «غەربىي شىمال رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» نىڭ باسقۇچلىرى قاتارىدا سۇن جوڭشەن ئالدى بىلەن قاتناش-تىرانسىپورت ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق غەربىي شىمال بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىنى زىچ باغلاش، غەربىي شىمالغا زور ساندا ئاھالە كۆچۈرۈش، غەربىي شىمال رايونىنى خىتاينىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇش، غەربىي شىمالنىڭ يەر ئاستى بايلىقىنى زور كۆلەمدە ئېچىش قاتارلىق بىر قاتار زەنجىرسىمان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. سۇن جوڭشەن ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تەدبىرلەر ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى 1949-يىلىدىن بۇيان ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭ سىياسىتى» نامىدىكى تەدبىرلەرگە بەكمۇ ئوخشايدىغان بولۇپ، كىشىلەرگە «كومپارتىيە بۇ ھەقتىكى تەجرىبىلەرنى سۇن جوڭشەندىن ‹ئارىيەت ئالغانمۇ قانداق›» دېگەن سوئالنى ئەسلىتىدۇ. بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرىنىڭ بىرى، «شاڭخەي مۇستەقىلچىلىرى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى خې ئەنچۇەن بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە كومپارتىيەنىڭ ياكى سۇن جوڭشەننىڭ ئىجادىيىتى ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ ئەسلى مەنبەسى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا «فېئودال پادىشاھلىق» دەپ تەسۋىرلىنىۋاتقان خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئەندىزىسىدىن كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

«غەربىي شىمالنى ئېچىش ياكى بىڭتۇەن قۇرۇش دېگەندەك بۇ چارىلەر تارىختىكى خىتاي پادىشاھلىرى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كەلگەن ھۆكۈمرانلىق تەدبىرلىرىدىن بولۇپ، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ھەربىيلەرنىڭ بوز يەر ئېچىشى شەكلىدە ئەسكەرلەرنى مەلۇم جايغا تېرىقچىلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشلىق مەسىلىسىنى ئەنە شۇ شەكىلدە ھەل قىلغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قەدەمدە بۇ قوشۇن ئارقىلىق ئۇنىڭ نېرىسىدىكى رايونغا سىلجىيدۇ. شۇڭا بۇ تارىختىكى بارلىق سۇلالىلەر ئۆزلىرىگە تەۋە بولمىغان جايلارنى ئىستىلا قىلىشتا قوللىنىپ كەلگەن بىردىن-بىر چارە. كومپارتىيە بولسا بۇنى داۋاملىق ھالدا ئىسلاھ قىلىپ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقاردى. ئۇلارنىڭ شىنجاڭدا يوللارنى ياسىشى ياكى ئايرۇدرۇملارنى كۆپەيتىشى بىردەك مۇشۇ مەقسەتنى كۆزلىگەن. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ كومپارتىيەنىڭ ياكى سۇن جوڭشەننىڭ خاس ئىجادىيىتى ئەمەس.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنە شۇ خىلدىكى «ئەزەلدىن خىتايغا تەۋە بولۇش» نەزەرىيەسىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا «خىتايلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ بوزەك قىلىۋاتقانلىقى» ھەققىدىكى ئورتاق جامائەت پىكرى تەدرىجىي ھالدا ھاسىل بولۇشقا باشلىغان.

بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.