Responsive Image

جەنۋەدىكى ب د ت مۇنبىرىدە: «ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دائىر ھەرقانداق سوئالغا جاۋاب بېرىشكە تەييار! »

جەنۋەدىكى ب د ت مۇنبىرىدە: «ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دائىر ھەرقانداق سوئالغا جاۋاب بېرىشكە تەييار! »12-قېتىملىق «سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتناشقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر. 2023-يىلى 28-نويابىر، جەنۋە RFA/Hebibulla

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابىدا ئېچىلىۋاتقان 12-قېتىملىق «سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» يىغىنى داۋام قىلماقتا.

بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى قاتارلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، شۇنداقلا بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر قاتناشتى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمى داۋام قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر خەلقى مىللەت سۈپىتىدە زىيانكەشلىك ئۇچراۋاتقان بۇنداق بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشنى ساقلاپ تۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، بۇنداق بىر كۈتۈشنىڭ بىر مىللەتنىڭ يوق بولۇشىغا تاماشىبىن سۈپىتىدە قاراپ تۇرغانلىق بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم مۇنداق دېدى: «مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاينىڭ كۈنتاختادىن توكلۇق ماشىنىلارغىچە، كىيىم-كېچەك ۋە يېمەك-ئىچمەك تۈرىدىن ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارغىچە بولغان 17 ساھەدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، بۇلار دەلىل-پاكىتلىرى بىلەن ئىسپاتلاندى. شۇڭا بۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان شىركەتلەر دەرھال قۇل ئەمگىكى زەنجىرىدىن ۋاز كېچىشى، چەت ئەل شىركەتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىن دەرھال ئايرىلىشى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ چىقارغان بۇ ھەقتىكى قارارلىرىغا شەرتسىز بويسۇنۇشى كېرەك. بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بۇ ھەقتىكى ھەرقانداق مۇنازىرە ۋە سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە تەيياردۇر» .

يىغىننىڭ 2-كۈنى كۈنى كەچتە جەنۋەدىكى خان جەمەتى مېھمانخانىسىدا «سودا دۇنياسىدا پىلانلىق كىشىلىك ھوقۇق داۋالىرىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىغا تەسىرى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس كەچلىك سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ سۆھبەتكە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن دىپلوماتلار ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئىشتىراك قىلدى. بۇ جەرياندا دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن دىپلوماتلار ۋە سىياسەتچىلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆزلىشىپ، ئۇلاردىن كېلەر قېتىمقى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئاۋاز چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى.

بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن پېتېر ئىرۋىن ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ سوئالىمىزغا يازما جاۋاب ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر، ب د ت مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، كۆپ خىل يوللار بىلەن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى» .

29-نويابىر، يەنى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىننى تۈگىتىپ چىققان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ خادىمى سەركان تاش ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر-تەكلىپلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشلىرى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۇلارغا تەھدىت سېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، مەركىزى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى ۋە ئامېرىكادىكى ئاتلانتېس ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بۆلۈمى، شۇنداقلا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرېئان زېنز ئەپەندىلەرنىڭ جەنۋەدىكى پائالىيىتى يەنە بىر نەچچە كۈن داۋام قىلىدىكەن.